UyghurWiki›ئىقتىسادىي بىلىملەر›ئىجتىمائىي ئومۇمىي مەھسۇلات قىممىتى − ئىشلەپچىقىرىشنى راۋاجلاندۇرۇش سەۋىيىسىنىڭ ئۇنىۋېرسال كۆرسەتكۈچى
ئىجتىمائىي ئومۇمىي مەھسۇلات قىممىتى − ئىشلەپچىقىرىشنى راۋاجلاندۇرۇش سەۋىيىسىنىڭ ئۇنىۋېرسال كۆرسەتكۈچى
ئىقتىسادىي بىلىملەر
بىر دۆلەتنىڭ ئومۇمىي ئىقتىسادىي ئەمەلىي كۈچىنىڭ كۈچلۈك - ئاجىزلىقى ماددىي ئىشلەپچىقىرىشنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالىغا باغلىق بولىدۇ. بىر دۆلەتنىڭ مۇئەييەن مەزگىلدە، ماددىي ئىشلەپچىقىرىش تارماقلىرى ئىشلەپچىقارغان بارلىق ماددىي ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرى ئىجتىمائىي ئومۇمىي مەھسۇلات، دېيىلىدۇ. تاۋار ئىگىلىكى شارائىتىدا، ئىجتىمائىي ئومۇمىي مەھسۇلاتنىڭ بۇيۇم شەكلى ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرى ۋە ئىستېمال ۋاسىتىلىرى بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ، ئۇنىڭ قىممەت شەكلى ئىجتىمائىي ئومۇمىي مەھسۇلات قىممىتى، يەنى پۇل شەكلىدە ئىپادىلەنگەن ئىجتىمائىي مەھسۇلاتنىڭ ئومۇمىي قىممىتىدىن ئىبارەت. ئىجتىمائىي ئومۇمىي مەھسۇلات قىممىتىنىڭ كۆپ - ئازلىقى دۆلەتنىڭ ئومۇمىي ئىقتىسادىي ئەمەلىي كۈچىنىڭ كۈچلۈك - ئاجىزلىقىنىڭ كونكرېت گەۋدىلىنىشىدۇر.
ئىجتىمائىي ئومۇمىي مەھسۇلات قىممىتىنى ھېسابلاش ئۇسۇلى ئىككى خىل بولىدۇ. بىرىنچى خىل ھېسابلاش ئۇسۇلى ماددىي ئىشلەپچىقىرىش تارماقلىرىنىڭ ئومۇمىي مەھسۇلات قىممىتىنى ئۆزئارا بىۋاسىتە قوشۇش ئۇسۇلى. كونكرېت ئېيتقاندا، سانائەت، يېزا ئىگىلىكى، بىناكارلىقتىن ئىبارەت ئۈچ ماددىي ئىشلەپچىقىرىش تارمىقىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش نەتىجىلىرىنىڭ قىممىتى بىلەن يۈك ترانسپورتى، ئىشلەپچىقىرىش ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان پوچتا - تېلېگراف، سودا، يېمەكلىك قاتارلىق ساھەلەرنىڭ ئىشلەپچىقىرىش نەتىجىسىدىكى يېڭى قوشۇلغان قىممەتكە قوشۇشتىن ئىبارەت. بۇ خىل ئۇسۇل بىلەن ھېسابلاپ چىقىلغان ئىجتىمائىي ئومۇمىي مەھسۇلات قىممىتى ئارقىلىق ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىشنىڭ ئومۇمىي نەتىجىلىرىنى ئەكس ئەتتۈرگىلى بولۇپلا قالماستىن، بەلكى ئىجتىمائىي ئومۇمىي مەھسۇلات قىممىتىنى يارىتىدىغان تارماقلارنىڭ قۇرۇلمىسىنى تەكشۈرگىلى بولىدۇ. ئىككىنچى خىل ھېسابلاش ئۇسۇلى، سانائەت، يېزا ئىگىلىكى، بىناكارلىقتىن ئىبارەت ئۈچ تارماق ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنىڭ مەھسۇلاتنىڭ ئاخىرقى ئىستېمال باھاسىنى ھېسابلاشتىن ئىبارەت. ئىستېمال باھاسى ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرى ياكى ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ ئوبوروت ساھەسىدىن ئىستېمال ساھەسىگە كىرگەن چاغدىكى باھاسىدىن ئىبارەت. بۇ خىل ئۇسۇل ئارقىلىق ھېسابلاپ چىقىلغان ئىجتىمائىي ئومۇمىي مەھسۇلات قىممىتىمۇ ئوخشاشلا پۈتكۈل ماددىي ئىشلەپچىقىرىش ساھەسىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي نەتىجىسىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ.
ئىجتىمائىي ئومۇمىي مەھسۇلات قىممىتىنى يولغا قويۇلۇۋاتقان باھا بويىچە ھېسابلاشقا بولىدۇ، ئۆزگەرمەس باھا بويىچە ھېسابلاشقىمۇ بولىدۇ. يولغا قويۇلۇۋاتقان باھا بويىچە ھېسابلاپ چىقىلغان ئىجتىمائىي ئومۇمىي مەھسۇلات قىممىتى ئارقىلىق پۈتكۈل ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىشنىڭ ئىشقا ئاشۇرغان تەرەققىيات سەۋىيىسىنى ئەكس ئەتتۈرگىلى، ئۇنى باشقا ئىقتىسادىي كۆرسەتكۈچ بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتتىكى مەسىلىلەرنى تەتقىق قىلغىلى، تەھلىل قىلغىلى بولىدۇ. ئۆزگەرمەس باھا مۇقىم باھا ياكى سېلىشتۇرما باھا دەپمۇ ئاتىلىدۇ، ئۇ ئوخشىمىغان مەزگىلدىكى كۆرسەتكۈچلەرنى سېلىشتۇرۇشقا ئىشلىتىلىدىغان مەلۇم مەزگىلدىكى باھانى كۆرسىتىدۇ. ئىجتىمائىي ئومۇمىي مەھسۇلات قىممىتىنى ئۆزگەرمەس باھا بويىچە ھېسابلىغاندا، ئوخشاشلا پۈتكۈل ماددىي ئىشلەپچىقىرىش ساھەسىدىكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي نەتىجىلىرىنى ئەكس ئەتتۈرگىلى ھەمدە ئۇنى ئىلگىرىكى كۆرسەتكۈچ بىلەن سېلىشتۇرغىلى بولىدۇ.