UyghurWiki
UyghurWikiئىقتىسادىي بىلىملەرئومۇمىي مۈلۈكچىلىك − سوتسىيالىستىك ئىقتسادىي تۈزۈمنىڭ ئاساسى

ئومۇمىي مۈلۈكچىلىك − سوتسىيالىستىك ئىقتسادىي تۈزۈمنىڭ ئاساسى

ئىقتىسادىي بىلىملەر دۆلىتىمىز ئاساسىي قانۇنىدا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىدە سوتسىيالىستىك ئىقتىسادىي تۈزۈمنىڭ ئاساسى − ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرىغا بولغان ئومۇمىي مۈلۈكچىلىك، يەنى ئومۇمىي خەلق مۈلۈكچىلىكى ۋە كوللېكتىپ مۈلۈكچىلىكتىن ئىبارەت دەپ بەلگىلەنگەن. سوتسىيالىستىك ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكنىڭ ئورنىتىلىشى ئىجتىمائىي يىرىك ئىشلەپچىقىرىشنىڭ تەلىپى. چۈنكى، ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ راۋاجلىنىشى، تېخنىكا سەۋىيىسىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشى، ئىشلەپچىقىرىش كۆلىمىنىڭ كېڭىيىشىگە ئەگىشىپ، كارخانىلار ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت يېقىنلاشتى. سوتسىيالىستىك ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكنى بەرپا قىلىش كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش ئېلىپ بېرىشقا، كارخانىلار ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى راۋانلاشتۇرۇشقا، ئىشلەپچىقىرىشنى راۋاجلاندۇرۇشقا پايدىلىق. سوتسىيالىستىك ئومۇمىي مۈلۈكچىلىك شارائىتىدا، ئەمگەكچىلەر ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرىنىڭ ئورتاق ئىگىدارلىرى، ئۇلار ھەم ئەمگەكچى، ھەم باشقۇرغۇچى؛ رەھبەرلىك قىلغۇچى ھەم رەھبەرلىك قىلىنغۇچى، ئەقلىي ئەمگەكچى ۋە جىسمانىي ئەمگەكچى، مەلىكىلىك ئەمگەكچى ۋە غەيرىي مەلىكىلىك ئەمگەكچى بولسۇن، ئۇلاردا پەقەتلا ئىش تەقسىماتى ئوخشىمايدۇ، ئەتىۋارلىنىدىغان ياكى پەس كۆرۈلىدىغان پەرق مەۋجۇت ئەمەس؛ ئىشلەپچىقىرىش مېۋىسىگە ئەمگەكچىلەر ئورتاق ئىگىدارلىق قىلىدۇ ھەمدە ئۇ ئەمگەكچىلەرنىڭ ئورتاق مەنپەئىتىنى چىقىش قىلىپ تەقسىم قىلىنىدۇ؛ شەخسىي ئىستېمال بۇيۇملىرى ئەمگەكچىلەرنىڭ ئەمگىكىگە قاراپ تەقسىم قىلىنىدۇ، ئورتاق بېيىش يولىغا ماڭىدۇ. جۇڭگودا ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ سەۋىيىسى تۆۋەن، ئىقتىسادىي تەرەققىيات تەكشىسىز بولغانلىقتىن، نۆۋەتتىكى مۈلۈكچىلىك قۇرۇلمىسى ئومۇمىي مۈلۈكچىلىك ئاساسىي گەۋدە قىلىنغان، كۆپ خىل مۈلۈكچىلىك شەكلى ئورتاق مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدىغان قۇرۇلمىدىن ئىبارەت. لېكىن، سوتسىيالىستىك ئومۇمىي مۈلۈكچىلىك سوتسىيالىستىك ئىقتىسادىي تۈزۈمنىڭ ئاساسى. سوتسىيالىزم يولىدا چىڭ تۇرۇشتا، ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكنى مۇستەھكەملەش ۋە راۋاجلاندۇرۇش لازىم.
← بارلىق تېمىلار ئىقتىسادىي بىلىملەر