UyghurWiki
UyghurWikiئىقتىسادىي بىلىملەرپايدا − ھازىرقى زامان كارخانا تىجارىتىنىڭ نىشانى

پايدا − ھازىرقى زامان كارخانا تىجارىتىنىڭ نىشانى

ئىقتىسادىي بىلىملەر بىر دېھقان بىر يىل جاپالىق ئەمگەك قىلىپ ئىشلەپچىقارغان ئاشلىق ئۆزلىرى ئىستېمال قىلغاندىن سىرت، يەنە ئېشىپ قالىدۇ. مانا مۇشۇ ئاشقان قىسمى ئېشىنچا مەھسۇلات دېيىلىدۇ. ئېشىنچا مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىش ئۈچۈن سەرپ قىلىنغان ئەمگەك − ئېشىنچا ئەمگەك، دېيىلىدۇ. ھازىرقى زامان تاۋار ئىشلەپچىقىرىشى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان كارخانىلاردىكى ئەمگەكچىلەرنىڭ ئەمگىكىمۇ ئېشىنچا ئەمگەكنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ ئېشىنچا ئەمگەك قىممەت جەھەتتە پايدا بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ. كاپىتالىستىك جەمئىيەتتە، كاپىتالىستلارنىڭ كارخانىغا مەبلەغ سېلىشتىكى مەقسىتى پايدا ئېلىش ئۈچۈن بولىدۇ. مەسىلەن، بىر كاپىتالىست10 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىپ ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرى ۋە ياللانما ئەمگەكچىلەرنى سېتىۋېلىپ ئىشلەپچىقىرىش باشلىدى، نەتىجە، تاۋارلارنى سېتىپ بولغاندىن كېيىنكى كىرىم12 مىڭ يۈەن بولۇپ،2000 يۈەن ئاشتى، مانا بۇ2000 يۈەن كاپىتالىست ئېرىشكەن پايدا. سوتسىيالىستىك كارخانىلاردا، تاۋارلارنىڭ سېتىلىش كىرىمىدىن ئىشلەپچىقىرىش تەننەرخى ۋە باج سوممىسىنى ئېلىۋەتكەندىن كېيىنكى قالدۇق پايدا، دېيىلىدۇ. جۇڭگودا دۆلەت كارخانىلىرى ئىشقا ئاشۇرغان پايدا دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن، ئۇنىڭ بىر قىسمى دۆلەتكە تاپشۇرۇلىدۇ، بىر قىسمى كارخانىلارنىڭ باشقۇرۇشىغا قالدۇرۇلىدۇ. كارخانىلار ئېرىشكەن پايدىنىڭ ئاز - كۆپلۈكى تۈپتىن ئېيتقاندا، ئەمگەكچىلەر تەمىنلىگەن قوشۇمچە ئەمگەكنىڭ ئاز - كۆپلۈكىگە باغلىق بولىدۇ. شۇڭا، خىزمەت ۋاقتىدىن تولۇق پايدىلانغاندا، شۇنىڭ بىلەن بىللە يېڭى تېخنىكا، يېڭى باشقۇرۇش ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىپ، ئەمگەك ئىشلەپچىقىرىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرگەندە، ئاندىن ئەمگەكچىلەرنى تېخىمۇ كۆپ قوشۇمچە ئەمگەك بىلەن تەمىنلەش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلغىلى، پايدىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، كارخانا بازار ئېھتىياجىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئاساسەن، خېرىدارلىق تاۋارلارنى ئىشلەپچىقىرىش، سېتىش كىرىمىنى ئاشۇرۇش ئارقىلىق، تېخىمۇ كۆپ پايدىغا ئىگە بولۇشى كېرەك.
← بارلىق تېمىلار ئىقتىسادىي بىلىملەر
پايدا − ھازىرقى زامان كارخانا تىجارىتىنىڭ نىشانى | UyghurWiki | UyghurWiki