UyghurWiki
UyghurWikiئىقتىسادىي بىلىملەرخېرىدار چاقىرىش ۋە خېرىدار چىقىش

خېرىدار چاقىرىش ۋە خېرىدار چىقىش

ئىقتىسادىي بىلىملەر خېرىدار چاقىرىش ۋە خېرىدار چىقىش ھۆددە ئېلىش ھوقۇقىنى تاللاپ بېكىتىش ۋە تالىشىشنىڭ بىر تۈرلۈك ئۇسۇلى، ئىككىسى ئۆزئارا ماسلىشىدۇ، بىرى كەم بولسا بولمايدۇ. خېرىدار چاقىرىش ئاساسلىق باشقۇرغۇچىنىڭ زور مىقداردىكى تاۋارلارنى ئېلىپ - سېتىش، قۇرۇلۇش تۈرلىرىنى ئېچىش ياكى مەلۇم كەسىپتە ھەمكارلىشىپ تىجارەت قىلىشتىن ئىلگىرى ھۆددە ئالغۇچىنى باھا تىزىملىكى ۋە باشقا كۆرسەتكۈچلەرنى ئاشكارا ئوتتۇرىغا قويۇشقا تەكلىپ قىلىش، نەق مەيداندا ھۆددىگە بېرىش نەتىجىسىنى ئېلان قىلىش، بۇ ئارقىلىق ھۆددە ئالغۇچىلارنىڭ ئەلالىرىنى تاللىۋېلىش ھەرىكىتىنى كۆرسىتىدۇ. ئادەتتە خېرىدار چاقىرغۇچى ئىشتىن ئىلگىرى ئۈلگە، ماتېرىيال، ئەۋرىشكە قاتارلىقلارنى سىرتقا ئېلان قىلىشى ھەمدە خېرىدار چاقىرىش ئۇقتۇرۇشىنى ئاشكارا تارقىتىشى، خېرىدار چاقىرىش شەرتلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشى، خېرىدار بولغۇچى تولدۇرغان جەدۋەلگە ئاساسەن، ئۇلارنىڭ ئىچىدىن خېرىدارنى تاللىۋېلىشى كېرەك. خېرىدار چىقىش دېگەنلىك، ھۆددە ئالغۇچى خېرىدار چاقىرىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، باھانى مۆلچەرلەپ، ھېسابات تىزىملىكى تۈزۈپ، خېرىدار بولۇش ئىلتىماسىنى ئاساسلىق باشقۇرغۇچىغا تاپشۇرۇش ھەمدە ھۆددىگە بېرىش نەتىجىسىنىڭ ئېلان قىلىنىشىنى كۈتۈش، خېرىدار چىقىش - چىقالماسلىقنى قارار قىلىش ھەرىكىتىنى كۆرسىتىدۇ. خېرىدار چىقىش سالاھىيىتىگە ئىگە بولغان ھۆددە ئالغۇچى خېرىدار چاقىرىش سالاھىيىتىگە ئىگە بولغان ھۆددە ئالغۇچى خېرىدار چاقىرىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، بەلگىلەنگەن مۇددەت ئىچىدە خېرىدار چاقىرغۇچىغا خېرىدارلىق ئانكىتىنى تولدۇرۇپ تاپشۇرۇپ، خېرىدارلىقنى قولغا كەلتۈرۈشكە تىرىشىدۇ. ئادەتتە، خېرىدار بولغاندا قويغان باھا ناھايىتى يۇقىرى بولۇپ كەتسە، رىقابەت كۈچىنى يوقىتىپ قويۇپ، خېرىدار بولالماي قالىدۇ؛ ئەگەر قويغان باھا بەك تۆۋەن بولۇپ قالسا، خېرىدار بولغۇچى ئالىدىغان نەپ ئازىيىپ كېتىدۇ، ھەتتا خېرىدار چاقىرغۇچىنى شەرتنى تېخى ھازىرلىيالماپتۇ، دېگەن قاراشقا كەلتۈرۈپ قويۇپ، خېرىدار بولۇش پۇرسىتىنى قولدىن بېرىپ قويۇشى مۇمكىن. خېرىدار بولغۇچى خېرىدار بولغاندىن كېيىن، بەلگىلەنگەن شەرتكە ئاساسەن، بىر قىسىم تاۋار قۇرۇلۇش تۈرلىرىگە قارىتا ئىككىنچى قېتىم خېرىدار چاقىرىپ، بۆلۈنمە ھۆددىگە بەرسە ياكى ئۆتۈنۈپ بەرسە بولىدۇ. خېرىدار چاقىرىش ۋە خېرىدار چىقىش ئارقىلىق تۈرلەر باشقۇرۇشقا رىقابەت مېخانىزمىنى كىرگۈزۈش مۇنەۋۋەر ھۆددە ئالغۇچىنى تاللاپ بېكىتىشكە، خىراجەتنى تېجەش، تېخنىكا تەرەققىياتىنى ۋە ئىقتىسادنىڭ راۋاجلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق.
← بارلىق تېمىلار ئىقتىسادىي بىلىملەر