UyghurWiki
UyghurWikiئىقتىسادىي بىلىملەرئىقتىسادىي توختام

ئىقتىسادىي توختام

ئىقتىسادىي بىلىملەر ئىقتىسادىي توختام بىۋاسىتە ئىقتىسادىي مۇناسىۋەت پەيدا قىلغۇچى ئالاقىدار كىشىلەرنىڭ مەلۇم ئىقتىسادىي مۇددىئانى ئەمەلگە ئاشۇرۇش، ئۆزئارا ھوقۇق - مەجبۇرىيەتلىرىنى ئايدىڭلاشتۇرۇۋېلىش ئۈچۈن تۈزۈلىدىغان كېلىشىمدۇر. ئۇ نورمال ئىجتىمائىي ئىقتىسادىي تەرتىپ ئورنىتىشتىكى مۇھىم ۋاسىتە. ئىقتىسادىي توختامنىڭ تۈرى ناھايىتى كۆپ: ئىقتىسادىي پائالىيەت ئۇسۇلىغا ئاساسەن، مەھسۇلات سېتىۋېلىش - سېتىش توختىمى، قۇرۇلۇش ھۆددىگەرلىك توختىمى، پىششىقلاپ ئىشلەش، ھۆددىگە ئېلىش توختىمى، مال توشۇش توختىمى، توك بىلەن تەمىنلەش توختىمى، ئىسكىلاتتا ساقلاش توختىمى، مال - مۈلۈكنى ئىجارىگە بېرىش توختىمى، پۇل قەرز بېرىش توختىمى، مال - مۈلۈك سۇغۇرتىسى توختىمى، پەن - تېخنىكا ھەمكارلىق توختىمى قاتارلىقلارغا بۆلۈنىدۇ. توختامنىڭ ئۈنۈملۈك ۋاقتىغا ئاساسەن، ئۇنى ئۇزاق مەزگىللىك، قىسقا مەزگىللىك، ۋاقىتلىق توختام قاتارلىقلارغا ئايرىشقا بولىدۇ. ئىقتىسادىي توختامنىڭ مەزمۇنى ۋە يولغا قويۇلۇشى چوقۇم دۆلەتنىڭ قانۇن - بەلگىلىمىلىرى ۋە سىياسەتلىرىنىڭ تەلىپىگە ئۇيغۇن كېلىشى، باراۋەرلىك ئاساسىدا ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش، مەسلىھەتلىشىپ بىرلىككە كېلىش ۋە تەڭ قىممەتتە بولۇش پرىنسىپىغا ئەمەل قىلىش كېرەك. ئىقتىسادىي توختام تۈزۈش ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ قانۇنلۇق سالاھىيەتكە ئىگە بولۇشىنى، قانۇنىي تەرتىپ ۋە ساغلام رەسمىيەتلەرنى ھازىرلىغان بولۇشىنى تەلەپ قىلىدۇ. ھېساباتنى ۋاقتىدا ئۈزگەندىن سىرت، يازما شەكىلنى قوللىنىشى، ئالاقىدار تەرەپلەر ئىقتىسادىي توختام ۋە باشقا ئالاقىدار ھۆججەتلەرگە قول قويۇشى ياكى قانۇنىي ئىگىلىك تامغىسىنى بېسىشى كېرەك. ئىقتىسادىي توختامنىڭ ماددىلىرى ئاساسەن مال، ئەمگەك مۇلازىمەت، قۇرۇلۇش تۈرى قاتارلىق مەزمۇنلار؛ سانى ۋە سۈپىتى؛ قىممىتى ياكى سوممىسى؛ ئىجرا قىلىش مۇددىتى، ئورنى، ئۇسۇلى؛ خىلاپلىق قىلغاندىكى مەسئۇلىيىتى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئېلىشى كېرەك. مۇھىم ئىقتىسادىي توختاملاردا مۇناسىۋەتلىك ئورگانلار ئۇنىڭ قانۇنلۇق ياكى قانۇنلۇق ئەمەسلىكى ھەمدە ئىجرا قىلىشقا بولىدىغان ياكى بولمايدىغانلىقىنى تەكشۈرۈشى كېرەك. ئىقتىسادىي توختام قانۇن بويىچە تۈزۈلگەندىن كېيىن، دەرھال قانۇنىي ئۈنۈمگە ئىگە بولىدۇ. شۇڭا، ئالاقىدار تەرەپلەر ئۇنى ئومۇميۈزلۈك ئىجرا قىلىشى كېرەك. ئىجرا قىلىش جەريانىدا، ئەگەر ئوبيېكتىپ شەرت - شارائىتنىڭ ئۆزگىرىشى تۈپەيلىدىن ئىجرا قىلىش قىيىنغا چۈشسە ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ مەسلىھەتلىشىشى ئارقىلىق، توختامنى ئۆزگەرتىشكە ياكى بىكار قىلىشقا بولىدۇ. ئىقتىسادىي توختامغا خىلاپلىق قىلىنسا، ئالاقىدار تەرەپنىڭ مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتە قىلىنىپ، قارشى تەرەپكە خىلاپلىق پۇلى تۆلىتىلىشى كېرەك. ئەگەر قارشى تەرەپكە كەلتۈرگەن زىيىنى خىلاپلىق پۇلىدىن ئېشىپ كەتسە، يەتمىگەن قىسمىنى تۆلەپ بېرىشى كېرەك. قارشى تەرەپ توختامنى داۋاملىق ئىجرا قىلىشنى تەلەپ قىلسا، داۋاملىق ئىجرا قىلىش كېرەك. خىلاپلىق قىلىش ئەھۋالى ئېغىر بولسا، بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىم يەنە قانۇننىڭ جازاسىغا ئۇچرايدۇ.1981 - يىلى12 - ئايدا جۇڭگو ئىقتىسادىي توختام قانۇنىنى ئېلان قىلىپ، ئىقتىسادىي توختامنىڭ پرىنسىپى، تۈرلۈك توختامنىڭ تۈزۈلۈشى ۋە ئىجرا قىلىنىشى، توختامنى ئۆزگەرتىش ۋە بىكار قىلىش، توختامغا خىلاپلىق قىلىشنىڭ مەسئۇلىيىتى، توختام ماجىراسىنى مۇرەسسەلەشتۈرۈش ۋە كېسىم چىقىرىش، شۇنىڭدەك دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي توختامغا بولغان باشقۇرۇشى قاتارلىقلارغا قارىتا ئومۇميۈزلۈك، كونكرېت بەلگىلىمىلەر چىقاردى.
← بارلىق تېمىلار ئىقتىسادىي بىلىملەر
ئىقتىسادىي توختام | UyghurWiki | UyghurWiki