دەۋرىيلىك تەكرار ئىشلەپچىقىرىش
ئىقتىسادىي بىلىملەر
ماددىي ۋاسىتىلەرنى ئىشلەپچىقىرىش ئىنسانلارنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى ۋە تەرەققىي قىلىشىنىڭ ئاساسى. ئىنسانلارنىڭ ئىستېمالى توختاپ قالمايدۇ، ئىشلەپچىقىرىشمۇ شۇنداق. ماركس: »ھەرقانداق بىر مىللەت ئەگەر ئەمگەكنى توختىتىدىكەن، بىر يىل ئەمەس، بىرنەچچە ھەپتىدىلا يوقىلىپ كېتىدۇ، بۇنى ھەتتا كىچىك بالىمۇ بىلىدۇ« دېگەنىدى. ئىشلەپچىقىرىش چوقۇم دەۋرىيلىك ھالدا ئۈزلۈكسىز ئېلىپ بېرىلىشى كېرەك، مانا بۇ جەريان تەكرار ئىشلەپچىقىرىش دېيىلىدۇ.
ئىشلەپچىقىرىش كۆلىمىگە ئاساسلانغاندا، تەكرار ئىشلەپچىقىرىشنى ئاددىي تەكرار ئىشلەپچىقىرىش ۋە كېڭەيتىلگەن تەكرار ئىشلەپچىقىرىشتىن ئىبارەت ئىككى تۈرگە ئايرىشقا بولىدۇ.
ئاددىي تەكرار ئىشلەپچىقىرىش ئەسلىدىكى كۆلەم ئاساسىدا تەكرار ئېلىپ بېرىلىدىغان ئىشلەپچىقىرىشنى كۆرسىتىدۇ. مەسىلەن، بىر دېھقان بىرىنچى يىلى ئىشلەپچىقىرىشنى2500 يۈەن مەبلەغ بىلەن باشلاپ، ئومۇمىي قىممىتى5000 يۈەن قىممىتىدىكى دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقاردى ۋە2500 يۈەن ساپ پايدىغا ئېرىشتى. بۇ2500 يۈەننىڭ ھەممىسىنى ئائىلە سايمانلىرى سېتىۋېلىشقا، تۇرالغۇسىنى رېمونت قىلىش قاتارلىق شەخسىي ئىستېمالغا سەرپ قىلىۋەتسە، قالغان2500 يۈەن دەل ئەسلىدىكى مەبلەغنىڭ ئورنىغا قالىدۇ. ئىككىنچى يىلى ئوخشاشلا ئىشلەپچىقىرىشقا2500 يۈەن مەبلەغ سالىدۇ، مانا بۇ ئاددىي تەكرار ئىشلەپچىقىرىشتۇر.
كېڭەيتىلگەن تەكرار ئىشلەپچىقىرىش ئەسلىدىكى كۆلىمىدىن ئېشىپ كەتكەن ئەھۋالدا تەكرار ئېلىپ بېرىلغان ئىشلەپچىقىرىشنى كۆرسىتىدۇ. مەسىلەن، بىر دېھقان بىرىنچى يىلى2500 يۈەن مەبلەغ سېلىپ، ئومۇمىي قىممىتى2500 يۈەن قىممىتىدىكى دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقاردى ھەم2500 يۈەن ساپ پايدا ئالدى. بۇ دېھقان ئۇنىڭدىن پەقەت1250 يۈەننى شەخسىي ئىستېمالغا سەرپ قىلىپ، قالغان1250 يۈەننى جۇغلانما قىلىپ ئىشلەپچىقىرىش ئەسلىھەلىرىنى تولۇقلاش، ئوغۇت سېتىۋېلىشقا ئىشلىتىپ قوشۇلما مەبلەغ شەكىللەندۈردى. شۇڭا، ئىككىنچى يىلى ئۇنىڭ ئومۇمىي سېلىنمىسى3750 يۈەنگە كۆپەيدى، مانا بۇ كېڭەيتىلگەن تەكرار ئىشلەپچىقىرىش بولىدۇ. كېڭەيتىلگەن تەكرار ئىشلەپچىقىرىشنى تاشقى ئامىللىق كېڭەيتىلگەن تەكرار ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئىچكى ئامىللىق كېڭەيتىلگەن تەكرار ئىشلەپچىقىرىش دەپ ئايرىشقا بولىدۇ. تاشقى ئامىللىق كېڭەيتىلگەن تەكرار ئىشلەپچىقىرىش ئاساسلىقى ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرى ۋە ئەمگەكچىنىڭ سانىنى ئاشۇرۇشقا تايىنىپ ئىشلەپچىقىرىش كۆلىمىنى كېڭەيتىشنى كۆرسىتىدۇ؛ ئىچكى ئامىللىق كېڭەيتىلگەن تەكرار ئىشلەپچىقىرىش ئاساسلىقى پەن - تېخنىكا سەۋىيىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش، ئىشلەپچىقىرىش ئامىللىرىنىڭ سۈپىتىنى ياخشىلاش، ئەمگەك ئىشلەپچىقىرىش ئۈنۈمدارلىقىنى ئاشۇرۇشقا تايىنىپ ئىشلەپچىقىرىش كۆلىمىنى كېڭەيتىشنى كۆرسىتىدۇ. رېئال تۇرمۇشتا بۇ ئىككى خىل شەكىل دائىم بىرلىشىپ كەتكەن بولىدۇ.