UyghurWiki
UyghurWikiئىقتىسادىي بىلىملەريېزىلاردىكى مەھسۇلاتنى ئائىلىلەرگە ھۆددىگە بېرىش مەسئۇلىيەت تۈزۈمى

يېزىلاردىكى مەھسۇلاتنى ئائىلىلەرگە ھۆددىگە بېرىش مەسئۇلىيەت تۈزۈمى

ئىقتىسادىي بىلىملەر يېزىلاردىكى مەھسۇلاتنى ئائىلىلەرگە ھۆددىگە بېرىش مەسئۇلىيەت تۈزۈمى ھەمكارلىق ئىگىلىكىنىڭ بىر خىل شەكلى. بۇ، يېزىلاردىكى كوللېكتىپ ئىگىلىكىدىكى يەرنى دېھقانلارغا ئائىلىسىدىكى نوپۇسى بويىچە ئاشلىق ئېھتىياجى، ئەمگەك كۈچى ئەھۋالى قاتارلىق شەرتلەرگە قاراپ ئايرىم - ئايرىم ھالدا ھۆددىگە بېرىش، دېھقانلار ھۆددىگە ئالغان يەرگە قارىتا ئۆز ئالدىغا ئىش كۆرۈش، تېرىقچىلىق پىلانى كوللېكتىپنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئۇيغۇن بولۇش، ئىشلەپچىقارغان مەھسۇلاتلارنى يېزا ئىگىلىك بېجىنى تولۇق تاپشۇرغان، دۆلەتنىڭ ۋەزىپىسىنى ئورۇندىغان ۋە بىر قىسىم زۆرۈر كوللېكتىپ باشقۇرۇش خىراجەتلىرىنى تاپشۇرغاندىن سىرت، ئۆزى ئىدارە قىلىش تۈزۈمىدىن ئىبارەت. مەھسۇلاتنى ئائىلىلەرگە ھۆددىگە بېرىش مەسئۇلىيەت تۈزۈمى شارائىتىدا، يەر يەنىلا كوللېكتىپنىڭ ئىگىدارلىقىدا بولىدۇ؛ يېزا ئاھالىسىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش تىجارەت پائالىيىتى تارقاق ئېلىپ بېرىلىدۇ، بىراق كوللېكتىپ ئىشلەپچىقىرىش بىلەن يېقىن باغلىنىشلىق بولىدۇ. دېھقانلارنىڭ ھۆددە ئالغان يەرلەرنى سېتىشىغا، بۇزۇۋېتىشىگە ياكى بۇ يەرگە تۇرالغۇ جاي سېلىۋېلىشىغا رۇخسەت قىلىنمايدۇ. ئۇ نۆۋەتتىكى جۇڭگو يېزىلىرىنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدىكى ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ سەۋىيىسىگە ماس كېلىدىغان بىر تۈرلۈك ھەمكارلىق ئىگىلىك شەكلى. مەھسۇلاتنى ئائىلىلەرگە ھۆددىگە بېرىش مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى يەنىمۇ راۋاجلاندۇرۇش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ. بۇ ئاساسلىقى تۆۋەندىكى ئىككى جەھەتتە ئىپادىلىنىدۇ: بىرى، يېزا ئاھالىسى ئىگىلىكنى تارقاق ھالدا باشقۇرغاچقا، نۇرغۇن يەككە ئائىلىلەر ھەل قىلىش قىيىن بولغان نۇرغۇن مەسىلىلەردە مۇۋاپىق تەشكىلاتنىڭ بۇ مەسىلىلەرنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىپ بېرىشىگە توغرا كېلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، كوللېكتىپ ئىشلەپچىقىرىش مۇلازىمىتى خاراكتېرىدىكى بىر قىسىم كەسىپلەرنى گۈللەندۈرۈش، ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك باشقۇرىدىغانلارغا پايدىلىق بولسا ئايرىش، بىر تۇتاش ئىگىلىك باشقۇرۇشقا پايدىلىق بولسا، ئىختىيارلىق ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈش كېرەك. يەنە بىرى، نۆۋەتتە يەرلەر ئائىلىلەرگە بۆلۈپ بېرىلدى، ئائىلىلەرنىڭ ئىگىلىك باشقۇرۇش كۆلىمى كىچىك بولغاچقا، ماشىنىلىشىش، زامانىۋىلىشىش سۈرئىتىگە تەسىر يېتىدۇ، شۇڭا، مۇۋاپىق كۆلەملىك ئىگىلىكنى تەشەببۇس قىلىپ، يەر باشقۇرۇش ھوقۇقىنى تەدرىجىي ھالدا تېرىقچىلىق ماھىرلىرىنىڭ قولىغا مەركەزلەشتۈرۈش كېرەك. بۇ ئىككى جەھەتتىكى تەرەققىيات ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش دېھقانلارنىڭ سوتسىيالىستىك ئىشلەپچىقىرىش ئاكتىپلىقىنى قوزغاش، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىنى راۋاجلاندۇرۇش ۋە يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا پايدىلىق بولۇش ئالدىنقى شەرتى ئاستىدا، دېھقانلارنىڭ ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن قەدەم باسقۇچلۇق ئېلىپ بېرىلىشى كېرەك.
← بارلىق تېمىلار ئىقتىسادىي بىلىملەر