UyghurWiki
UyghurWikiئىقتىسادىي بىلىملەرئىقتىساد ۋە ئىقتىسادشۇناسلىق

ئىقتىساد ۋە ئىقتىسادشۇناسلىق

ئىقتىسادىي بىلىملەر «ئىقتىساد» دېگەن نېمە؟ قەدىمكى گرېتسىيىلىك پەيلاسوپ ئارىستوتېل ئىقتىساد بىر خىل تىرىكچىلىك ماھارىتى، تۇرمۇشقا لازىملىق بۇيۇملارغا ئېرىشىش پائالىيىتى دەپ قارىغان. جۇڭگونىڭ قەدىمكى دەۋرىدە ئىقتىساد «يۇرت سوراپ، ئاۋامنى قۇتقۇزۇش»، «دۆلەتنى سوراپ، دۇنياغا يار - يۆلەك بولماق» دېگەنلىك بولۇپ، دۆلەتنى ئىدارە قىلىشنى كۆرسىتەتتى. بۈگۈنكى كۈندە ئىقتىساد كۆپ خىل مەنىگە ئىگە بولدى. بىرىنچى، ئىقتىساد − ماددىي بايلىقنى ئىشلەپچىقىرىش، ئالماشتۇرۇش، تەقسىم قىلىش، ئىستېمال قىلىشتەك تۈرلۈك پائالىيەتلەرنى كۆرسىتىدۇ. مەسىلەن، يېزا ئىگىلىكى، سانائەت ئىگىلىكى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ۋە سانائەت مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش جەريانىدىكى تۈرلۈك پائالىيەتلەرنى كۆرسىتىدۇ. ئىككىنچى، ئىقتىساد − ئىشلەپچىقىرىش ۋە تۇرمۇشتىكى تېجەشلىك بولۇشنىمۇ كۆرسىتىدۇ. مەسىلەن، قۇرۇلۇشنىڭ ئىقتىسادىي پرىنسىپقا ئۇيغۇن بولۇشىنى، يەنى قۇرۇلۇشتا ئادەم كۈچى، ماددىي كۈچ، مالىيە كۈچىنى تېجەشنى كۆرسىتىدۇ؛ تۇرمۇشتا بولسا ئىنچىكە ھېساب - كىتاب قىلىش، ئاز پۇل خەجلەپ كۆپرەك ئىش قىلىشنى كۆرسىتىدۇ. ئۈچىنچى، ئىقتىساد كىشىلەر ماددىي ئىشلەپچىقىرىش پائالىيىتى جەريانىدا ئورناتقان ئىشلەپچىقىرىش مۇناسىۋەتلىرىنى كۆرسىتىدۇ. مەسىلەن، «ئىقتىساد − بازىس، سىياسى − ئۈستقۇرۇلما» دېگەندىكى ئىقتىساد ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىش مۇناسىۋەتلىرىنى كۆرسىتىدۇ. ئىقتىسادشۇناسلىق ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ ھەرقايسى تەرەققىيات باسقۇچلىرىدىكى تۈرلۈك ئىقتىسادىي پائالىيەتلەر، مۇناسىپ ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلەر ۋە ئۇلارنىڭ تەرەققىيات قانۇنىيىتىنى تەتقىق قىلىدۇ. ئىقتىسادشۇناسلىق نەزەرىيىۋى ئاساس بولغان سىياسىي - ئىقتىسادشۇناسلىقى ۋە ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى ئىقتىسادشۇناسلىقىدىن باشقا، يەنە نۇرغۇن ئەمەلىي ئىقتىسادشۇناسلىقنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئىقتىسادىي ھادىسىلەرنى ماددىي ئىشلەپچىقىرىش تارماقلىرى نۇقتىسىدىن تەتقىق قىلىدىغان بولساق، ئۇ سانائەت ئىقتىسادشۇناسلىقى، يېزا ئىگىلىكى ئىقتىسادشۇناسلىقى، سودا ئىقتىسادشۇناسلىقى، بىناكارلىق ئىقتىسادشۇناسلىقى قاتارلىقلارغا بۆلۈنىدۇ. ماددىي ئىشلەپچىقىرىش رايونلىرىنىڭ تارقىلىش نۇقتىسىدىن تەتقىق قىلىدىغان بولساق، ئۇ شەھەر ئىقتىسادشۇناسلىقى، يېزا ئىقتىسادشۇناسلىقى، رايون ئىقتىسادشۇناسلىقى قاتارلىقلارغا بۆلۈنىدۇ. تارىخىي نۇقتىدىن تەتقىق قىلىدىغان بولساق، ئۇ ئىقتىسادىي تەرەققىيات تارىخى، ئىقتىسادىي تەلىمات تارىخى قاتارلىقلارغا بۆلۈنىدۇ. يەنە ئىقتىسادشۇناسلىقنىڭ قورالى ھېسابلىنىدىغان ستاتىستىكا ئىلمى، بوغالتىرلىق ئىلمى، ماتېماتىكىلىق ئىقتىسادشۇناسلىق قاتارلىقلارمۇ بار. بۇنىڭدىن باشقا، غەيرىي ماددىي ئىشلەپچىقىرىش ساھەسىدىكى ئىقتىسادىي ھادىسىلەرنى تەتقىق قىلىدىغان ئىقتىسادشۇناسلىق پەنلىرىدىن مائارىپ ئىقتىسادشۇناسلىقى، سەھىيە ئىقتىسادشۇناسلىقى، دۆلەت مۇداپىئەسى ئىقتىسادشۇناسلىقى قاتارلىقلار بار.
← بارلىق تېمىلار ئىقتىسادىي بىلىملەر