UyghurWiki
UyghurWikiئىقتىسادىي بىلىملەرھۆددە تۈزۈمى، پاي تۈزۈمى ۋە ئىجارە تۈزۈمى

ھۆددە تۈزۈمى، پاي تۈزۈمى ۋە ئىجارە تۈزۈمى

ئىقتىسادىي بىلىملەر ھۆددە تۈزۈمى، پاي تۈزۈمى ۋە ئىجارە تۈزۈمى قاتارلىقلار دۆلىتىمىزنىڭ ئىگىلىك باشقۇرۇش تۈزۈلمە ئىسلاھاتى داۋامىدا مەيدانغا كەلگەن كارخانا ئىگىلىك باشقۇرۇش ئۇسۇلىدىن ئىبارەت. ھۆددە تۈزۈمى ھۆددىگە ئېلىپ باشقۇرۇش مەسئۇلىيەت تۈزۈمى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بۇ، دۆلەت باشقۇرۇشىدىكى كارخانىلارنىڭ ئىقتىسادىي ئورگانلىرى ئۆزلىرى ئىلگىرى بىۋاسىتە باشقۇرغان كارخانىلارنى كارخانىنىڭ باشلىقى ياكى دىرېكتورى بىلەن ھۆددىگە بېرىش توختامى ئىمزالاش ئارقىلىق، باشقۇرۇش ھوقۇقىنى كارخانىغا ئۆتۈنۈپ بېرىپ، كارخانىلارنى مۇستەقىل، ئۆزىگە ئۆزى خوجا بولۇش ئاساسىدا ئىشلەپچىقىرىش ۋە تىجارەت بىلەن شۇغۇللىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدىغان تۈزۈمدۇر. كارخانىلار ھۆددىگە ئېلىپ باشقۇرۇش مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى يولغا قويغاندا، كارخانىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرىگە بولغان ئىگىدارلىق ھوقۇقى ۋە ئىگىلىك باشقۇرۇش ھوقۇقى ئايرىلىدۇ. ئىگىدارلىق ھوقۇقى بىلەن ئىگىلىك باشقۇرۇش ھوقۇقىنى ئايرىش كونا تۈزۈلمە شارائىتىدىكى كارخانا باشقۇرۇش ئۇسۇلىنى ئىسلاھ قىلىش ھېسابلىنىدۇ. ھۆددىگە بېرىش تۈزۈمىنى يولغا قويغاندا كارخانا رەھبەرلىرى ۋە كەڭ ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئىگىلىك باشقۇرۇش ئاكتىپلىقىنى تولۇق قوزغىغىلى بولىدۇ. پاي تۈزۈمى مال - مۈلۈك ئىگىدارچىلىق تۈزۈمىنىڭ بىر تۈرلۈك تەشكىلىي شەكلى. ئۇ پاي قوشۇش ئۇسۇلى ئارقىلىق، تارقاق، ئوخشاش بولمىغان ئىگىدارغا تەۋە بولغان ئىشلەپچىقىرىش ئامىللىرىنى مەركەزلەشتۈرۈپ، بىر تۇتاش ئىشلىتىپ، مۇۋاپىق باشقۇرۇپ، پايدا - زىيىنىغا ئۆزى ئىگە بولىدىغان، پايغا ئاساسەن پايدا تەقسىم قىلىپ بېرىلىدىغان بىر تۈرلۈك ئىقتىسادىي تەشكىلىي شەكىلدۇر. ئۇنىڭدا ئادەتتە پاي شىركىتىنىڭ باشقۇرۇش ئۇسۇلى قوللىنىلىدۇ، بۇ پاي ئىگىلىكىنىڭ تىپىك شەكلى. پاي تۈزۈمى تاۋار ئىگىلىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. پاي تۈزۈمى پاي قوشقۇچىلارنىڭ ئىقتىسادىي تەركىبىگە ئاساسەن، ئومۇمىي خەلق مۈلۈكچىلىكىدىكى پاي تۈزۈمى، كوللېكتىپ مۈلۈكچىلىكىدىكى پاي تۈزۈمى ۋە خۇسۇسىي مۈلۈكچىلىكتىكى پاي تۈزۈمى قاتارلىقلارغا ئايرىلىدۇ. ئىجارە تۈزۈمى «ئىجارە بېرىش» بىلەن «باشقۇرۇش» نى ئورگانىك بىرلەشتۈرۈش ئارقىلىق شەكىللەندۈرۈلگەن بىر پۈتۈن گەۋدە. ئۇ ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرىگە بولغان ئىگىدارلىق ئۆزگەرمىگەن ئەھۋالدا، ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرىنىڭ ئىگىدارى (ئادەتتە دۆلەت بولىدۇ) ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرى (مەسىلەن، زاۋۇت، كارخانا ۋە ماگىزىننىڭ بارلىق مۈلكى) نىڭ ئىگىلەش ھوقۇقى، ئىشلىتىش ھوقۇقى ۋە ئىگىلىك باشقۇرۇش ھوقۇقىنى مەلۇم مەزگىل ئىچىدە ئىجارە ئالغۇچىنىڭ مۇستەقىل باشقۇرۇشىغا ھەقلىق ئىجارىگە بېرىلىدىغان بىر تۈرلۈك باشقۇرۇش ئۇسۇلىدۇر.
← بارلىق تېمىلار ئىقتىسادىي بىلىملەر
ھۆددە تۈزۈمى، پاي تۈزۈمى ۋە ئىجارە تۈزۈمى | UyghurWiki | UyghurWiki