ئىقتىسادىي پىشاڭ
ئىقتىسادىي بىلىملەر
پىشاڭ − فىزىكا ئىلمىدىكى بىر خىل ئاددىي مېخانىزم ياكى قورال. پىشاڭ پرىنسىپىنى قوللانغاندا ئاز كۈچ بىلەن كۆپ ئىش قىلغىلى بولىدۇ. دۆلەت ئىقتىسادىي پائالىيەتلەرنى تەڭشىگەندىمۇ پىشاڭغا ئوخشاش بەزى ئىقتىسادىي ۋاسىتىلەرگە موھتاج بولىدۇ. مەسىلەن، باھا، باج، ئامانەت - قەرز، پايدا، ئىش ھەققى، پېرېۋوت نىسبىتى، ئۆسۈم نىسبىتى قاتارلىقلار. مانا بۇلار خەلق ئىگىلىكىنىڭ ئايلىنىشىنى تەڭشەيدىغان ئىقتىسادىي ۋاسىتىلەر بولۇپ، ئىقتىسادىي پىشاڭ دېيىلىدۇ.
ئىقتىسادىي پىشاڭدىن مۇۋاپىق پايدىلانغاندا، ئوخشاش بولمىغان ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلەرنى تەڭشىگىلى، ئىجتىمائىي ئەمگەكنىڭ ئوخشاش بولمىغان تارماقلار ئوتتۇرىسىدىكى تەقسىملىنىش نىسبىتىنى تەڭشىگىلى، ئىقتىسادىي قۇرۇلمىنى ئەلالاشتۇرغىلى، ئىشلەپچىقىرىش جەريانىنى تەڭشىگىلى، ئىقتىسادىي پائالىيەتلەرنىڭ ئۈنۈمىنى ئاشۇرغىلى، شۇنداقلا يەنە ئىستېمالنى يېتەكلەپ، تەمىنلەش بىلەن ئېھتىياجنىڭ تەڭپۇڭلۇقىنىڭ ئىشقا ئېشىشىنى ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ. مەسىلەن، ئاساس قۇرۇلۇشتا نامۇۋاپىق زىيادە تېز ئېشىشنى تىزگىنلەش ئۈچۈن، دۆلەت بانكىسى قەرز تارقىتىشنى ئازايتىش ئارقىلىق ناھايىتى تېزلا ئۈنۈمگە ئېرىشىدۇ، ئامانەت پۇلنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن، بانكا ئامانەت پۇل ئۆسۈم نىسبىتىنى يۇقىرى كۆتۈرسە، ئامانەت پۇل روشەن دەرىجىدە ئاشىدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسى ئىقتىسادىي پىشاڭنى قوللانغانلىقنىڭ رولىدۇر. بازار ئىگىلىكى شارائىتىدا، ئىجتىمائىي بايلىقلارنى تەقسىملەش ئاساسەن بازارنىڭ رولى ئارقىلىق ئىشقا ئاشىدۇ، شۇڭا، دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي پىشاڭدىن پايدىلىنىپ ئىقتىسادنى ماكرولۇق تەڭشىشى - تىزگىنلىشى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.
خەلق ئىگىلىكىنىڭ ئايلىنىشىنى تەڭشەش - تىزگىنلەشتە، تۈرلۈك ئىقتىسادىي پىشاڭنىڭ مەزمۇنى ۋە رولى ئوخشاش بولمايدۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئىچكى باغلىنىش ۋە بىر - بىرىنى شەرت قىلىش مۇناسىۋىتى مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، تۈرلۈك ئىقتىسادىي پىشاڭنىڭ رولى شەرتلىك بولىدۇ، ئۇ ھەممىگە قادىر ئەمەس. شۇڭا، پەقەت تۈرلۈك ئىقتىسادىي پىشاڭ ۋە باشقا ئىقتىسادىي تەڭشەش ۋاستىلىرى، مەمۇرىي تەڭشەش ۋاسىتىلىرى قاتارلىقلارنى مۇۋاپىق ئومۇملاشتۇرۇپ قوللانغاندىلا، ئاندىن خەلق ئىگىلىكىنىڭ ساغلام، مۇقىم، سىجىل راۋاجلىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ.