پاي چېكى
ئىقتىسادىي بىلىملەر
چاي چېكى پاي شىركىتىگە مەبلەغ سېلىش ئارقىلىق، پاي كاپىتالىنىڭ ئىگىدارلىق ھوقۇقىغا ھەمدە ئۇ ئارقىلىق قەرەللىك كىرىمگە ئېرىشىدىغان ئىسپاتنى كۆرسىتىدۇ. ئۇ ئاكسىيىنىڭ ئاساسلىق شەكىللىرىنىڭ بىرى. پاي چېكىگە ئادەتتە شىركەتنىڭ نامى، تىزىملاتقان ۋاقىت، ھەربىر پاينىڭ سوممىسى، تارقىتىلغان پاي مىقدارى، تارقىتىلغان ۋاقتى ئېنىق يېزىلىدۇ.
پاي چېكىنىڭ ئىگىسى پايچىك دېيىلىدۇ. پايچىكنىڭ پاي چېكىگە ئاساسلىنىپ قەرەللىك ھالدا پاي شىركىتىدىن ئالىدىغان كىرىمى پاي ئۆسۈمى ياكى پاي پايدىسى دېيىلىدۇ. پاي شىركىتى ئادەتتە يىل ئاخىرىدىكى راسچوتتىن كېيىن، پايدىنىڭ بىر قىسمىنى پاي ئۆسۈمى سۈپىتىدە پاي چېكىگە مۇناسىپ تەقسىم قىلىپ، پايچىكلارغا تارقىتىپ بېرىدۇ. پاي چېكى پايچىكنىڭ ھوقۇقىغا ئاساسەن، ئەۋزەل پاي چېكى ۋە ئادەتتىكى پاي چېكى دەپ ئايرىلىدۇ. ئەۋزەل پاي چېكى دېگەندە، پاي چېكى ئۆسۈمى ۋە ئېشىنچا مال - مۈلۈكلەرنى تەقسىملەش ئالدىن ئېتىبارغا ئېلىنىدۇ ھەمدە پاي چېكى ئۆسۈمى ئالدىن بېكىتىلىدۇ، كارخانىنىڭ پايدا ئەھۋالىغا قاراپ ئۆزگىرىپ كەتمەيدۇ. ئادەتتىكى پاي چېكىنىڭ پاي چېكى ئۆسۈمى ئادەتتە ئەۋزەل پاي چېكىنىڭ ئۆسۈمى تۆلەپ بولۇنغاندىن كېيىن، ئاشقان پايدا سوممىسىغا ئاساسەن بېكىتىلىدۇ، شۇنداقلا ئۇ مۇقىم بولمايدۇ، كارخانا زىيان تارتقاندا ئۆسۈمى بولمايدۇ. پايچىكنىڭ ئىسمى يېزىلغان - يېزىلمىغانلىقىغا ئاساسەن، پاي چېكىنى ئىسىملىك پاي چېكى ۋە ئىسىمسىز پاي چېكى دەپ ئايرىشقا بولىدۇ. ئىسىملىك پاي چېكىنى ئۆتۈنۈپ بەرگەندە، چوقۇم شىركەت ئارقىلىق ئۆتۈنۈپ بېرىش رەسمىيىتى ئۆتەش كېرەك. پاي چېكى پەقەتلا پاي شىركىتىگە سېلىنغان ئەمەلىي كاپىتالنىڭ ئىگىدارلىق ھوقۇقىنىڭ ئىسپاتى، پەقەتلا ئۆسۈمگە ئىگە بولۇشتىكى ھوقۇقى، كەلگۈسى پايدىسىنىڭ كىرىم - چىقىم ئىسپاتى، خالاس. ئۇ ئەمەلىي كاپىتال بىلەن ئايرىۋېتىلگەن بولۇپ، پەقەتلا ئەمەلىي كاپىتالنىڭ ھەرىكەت ئەھۋالىنى ۋاسىتىلىك ئەكس ئەتتۈرىدۇ، شۇڭا ئۇ بىر خىل ساختا كاپىتالدۇر.
پاي چېكىنىڭ ئۆزىدە قىممەت بولمايدۇ، بىراق ئۇ ئىگىدارىغا پاي ئۆسۈمى كىرىمى ئېلىپ كەلگەچكە، ئېلىپ - سېتىش ئوبيېكتى ۋە رەنە بۇيۇمى بولالايدۇ، شۇڭا ئۇ قىممەتكە ئىگە. پاي چېكىنى ئېلىپ - سېتىش ئەمەلىيەتتە بىر تۈرلۈك پاي ئۆسۈمىنى ئېلىشتىكى ئىسپاتنامىنى ئۆتۈنۈپ بېرىش، ھوقوقنى ئۆتۈنۈپ بېرىشتىن ئىبارەت. پاي چېكىنى ئېلىپ - سېتىش ئادەتتە پاي چېكى بازارلىرىدا ئېلىپ بېرىلىدۇ. ئاكسىيە بازارلىرىدا پاي چېكىنىڭ باھاسى پاي چېكى نەرخى دېيىلىدۇ. پاي چېكىنىڭ باھاسى چەك يۈزىدىكى سوممىغا باغلىق بولمايدۇ، بەلكى پاي چېكى بازىرىدىكى تەمىنلەش - تەلەپ ئەھۋالىنىڭ تەسىرىگە بىۋاسىتە ئۇچرايدۇ. بىراق، پاي چېكىنىڭ باھاسىغا تۈپتىن تەسىر كۆرسىتىدىغان ئامىل ئادەتتە ئىككى تۈرلۈك، يەنى كۆزلىمە پاي ئۆسۈمى ۋە بانكا ئۆسۈم نىسبىتى ھېسابلىنىدۇ. شۇڭا، پاي چېكىنىڭ باھاسى = كۆزلىمە پاي ئۆسۈمى ÷ ئۆسۈم نىسبىتى بولىدۇ. ئۇ كۆزلىمە پاي ئۆسۈمىنىڭ كۆپ - ئازلىقى بىلەن ئوڭ تاناسىپلىق، بانكا ئۆسۈم نىسبىتى بىلەن تەتۈر تاناسىپلىق بولىدۇ.