UyghurWiki
UyghurWikiئىقتىسادىي بىلىملەرقىممەت قانۇنىيىتى

قىممەت قانۇنىيىتى

ئىقتىسادىي بىلىملەر شەيئىلەرنىڭ ھەرىكىتى ھامان قانۇنىيەتلىك بولىدۇ. تاۋار ئىگىلىكى ھەرىكىتىنىڭ ئاساسىي قانۇنىيىتى − قىممەت قانۇنىيىتىدۇر. ئۇنىڭ ئاساسىي مەزمۇنى مۇنداق: تاۋارنىڭ قىممەت مىقدارى ئىجتىمائىي زۆرۈر ئەمگەك ۋاقتى تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ، تاۋار تەڭ قىممەتتە ئالماشتۇرۇلىدۇ. رېئال ئىقتىسادىي تۇرمۇشتا، مۇنداق بىر ھادىسە مەۋجۇت: ئوخشاش بىر خىل تاۋارنى ئىشلەپچىقارغانلاردىن بەزىلىرى نىسبەتەن كۆپ پايدا ئالىدۇ، بەزىلىرى ئىنتايىن ئاز پايدا ئالىدۇ، بەزىلىرى ھەتتا زىيان تارتىدۇ. نېمە ئۈچۈن بۇنداق ئەھۋال يۈز بېرىدۇ؟ مانا بۇ قىممەت مىقدارىنىڭ بەلگىلىنىش مەسىلىسىگە چېتىلىدۇ. تاۋارنىڭ قىممەت مىقدارى ئايرىم ئەمگەك ۋاقتى تەرىپىدىن ئەمەس، بەلكى ئىجتىمائىي زۆرۈر ئەمگەك ۋاقتى تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ. ئىجتىمائىي زۆرۈر ئەمگەك ۋاقتى دېگىنىمىز، ھازىر بار بولغان ئىجتىمائىي نورمال ئىشلەپچىقىرىش شارائىتىدا، جەمئىيەتتىكى ئوتتۇرىچە ئەمگەكنىڭ مەلىكىلىك دەرىجىسى ۋە سىجىللىقى ئاساسىدا بىر تاۋارنى ئىشلەپچىقىرىش ئۈچۈن سەرپ قىلىنىدىغان ئەمگەك ۋاقتىدىن ئىبارەت. مەسىلەن، مەلۇم بىر جەمئىيەتتە، ئوخشاش بىر تۈردىكى بىر جۈپ خۇرۇم ئاياغ ئىشلەپچىقىرىش ئۈچۈن، A كارخانا8 سائەت، B كارخانا7 سائەت، C كارخانا پەقەت6 سائەت سەرپ قىلسا، شۇنىڭدەك ئۈچ كارخانا ئىشلەپچىقارغان خۇرۇم ئاياغنىڭ مىقدارى ئوخشاش بولسا، بۇنداق ئەھۋالدا، بىر جۈپ خۇرۇم ئاياغنى ئىشلەپچىقىرىش ئۈچۈن كەتكەن ئىجتىمائىي زۆرۈر ئەمگەك ۋاقتى7 سائەت بولۇشى مۇمكىن. شۇنىڭ بىلەن ئاياغلارنى ئوخشاش باھادا سېتىلدى دەپ قارىساق، B زاۋۇتنىڭ سەرپ قىلىنغان ئەمگىكى پۈتۈنلەي تولۇقلىنىدۇ ھەمدە ئاز - تولا پايدا ئالىدۇ؛ A زاۋۇتنىڭ ئىجتىمائىي زۆرۈر ئەمگەك ۋاقتىدىن ئېشىپ كەتكەن ئاشۇ بىر سائەت ئەمگەك سەرپىياتى تولۇقلانمىغاچقا، زىيان تارتىدۇ؛ C كارخانىنىڭ بارلىق ئەمگەك سەرپىياتى تولۇقلىنىپلا قالماي، يەنە B كارخانىغا قارىغاندا تېخىمۇ كۆپ پايدا ئالالايدۇ. تاۋار تەڭ قىممەتتە ئالماشتۇرۇلىدۇ، دېگەنلىك تاۋار ئىگە بولغان قىممەت مىقدارىغا ئاساسەن ئالماشتۇرۇلىدۇ، دېگەنلىك. بازاردا تاۋار ئالماشتۇرۇش بەلگىلىك نىسبەتكە ئىگە بولىدۇ. مەسىلەن،1 كىلوگرام تۇخۇم5 يۈەنگە،1 كىلوگرام گۈرۈچ2 يۈەنگە سېتىلىدۇ، دېگەنلىك. بۇ ئالماشتۇرۇلىدىغان ئىككى تەرەپ ئۆز ئىچىگە ئالغان قىممەت مىقدارىدا ھېچقانداق پەرق يوق دېگەنلىك ئەمەس. تاۋار ئالماشتۇرۇش جەريانىدا تەمىنلەش - تەلەپنىڭ تەسىرى تۈپەيلىدىن، تاۋار ئالماشتۇرۇشنىڭ نىسبىتىدە ئۈزلۈكسىز ئۆزگىرىش بولۇپ تۇرىدۇ. بىراق، ئومۇمىيلىقتىن ئېيتقاندا، تاۋار ئالماشتۇرۇش تەڭ قىممەتتە ئالماشتۇرۇش بويىچە ئېلىپ بېرىلىدۇ. سەۋەبى، ئىشلەپچىقارغۇچىلار تاۋارنى پەقەت ئالماشتۇرۇش ئۈچۈنلا ئىشلەپچىقىرىدىغان بولغاچقا، ئۇلارنىڭ ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغىنى تاۋارنى سېتىپ پۇلغا ئېرىشىشتىن ئىبارەت. بازاردا تاۋارلارنىڭ تەمىنلەش بىلەن تەلەپ ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋىتىدە دائىم ئۆزگىرىش بولۇپ تۇرغاچقا، تاۋار ئالماشتۇرۇش نىسبىتىدىمۇ ئۈزلۈكسىز ئۆزگىرىش بولىدۇ. مەسىلەن، نورمال شارائىتتا،1 كىلوگرام گۈرۈچ بىلەن1 كىلوگرام پۇرچاق ئوخشاش2 يۈەنگە سېتىلىدۇ. ئەگەر مەلۇم مەزگىلدە گۈرۈچ كۆپ ئىشلەپچىقىرىلىپ، ئالىدىغانلار ئاز، ئەكسىچە پۇرچاق ئاز ئىشلەپچىقىرىلىپ، ئالىدىغانلار كۆپ بولسا، ئۇنداقتا گۈرۈچنىڭ باھاسى چۈشۈپ، پۇرچاقنىڭ باھاسى ئۆرلەيدۇ. بۇ، گۈرۈچ ئىشلەپچىقارغۇچىغا پايدىسىز، پۇرچاق ئىشلەپچىقارغۇچىغا بولسا پايدىلىق. شۇنىڭ بىلەن، كىشىلەر تاكى تەمىنلەش تەلەپنى قاندۇرالماي، گۈرۈچنىڭ باھاسى ئۆرلىگىچە گۈرۈچ ئىشلەپچىقىرىشنى ئازايتىدۇ؛ پۇرچاقنىڭ بولسا تاكى تەمىنلەش تەلەپتىن ئېشىپ كېتىپ، باھاسى چۈشۈپ كەتكىچە ئىشلەپچىقىرىشنى ئاشۇرىدۇ. شۇنداق قىلىپ، گۈرۈچ بىلەن پۇرچاقنىڭ باھاسى ئۈزلۈكسىز داۋالغۇپ تۇرىدۇ، بىراق ئۇ يەنىلا ئۆزلىرىنىڭ قىممىتىنى چۆرىدەپ داۋالغۇيدۇ. تەڭ قىممەتتە ئالماشتۇرۇش تاۋار ئىگىلىكىدە كىشىلەرنىڭ ئىرادىسىگە بېقىنمايدىغان ئوبيېكتىپ قانۇنىيەت.
← بارلىق تېمىلار ئىقتىسادىي بىلىملەر
قىممەت قانۇنىيىتى | UyghurWiki | UyghurWiki