UyghurWiki›ئىقتىسادىي بىلىملەر›ئەمگەك ئۈنۈمدارلىقى − ئىشلەپچىقىرىشنىڭ ئىلغار ياكى قالاقلىقىنىڭ بەلگىسى
ئەمگەك ئۈنۈمدارلىقى − ئىشلەپچىقىرىشنىڭ ئىلغار ياكى قالاقلىقىنىڭ بەلگىسى
ئىقتىسادىي بىلىملەر
ئىنسانلارنىڭ ماددىي ۋاسىتىلەرنى ئىشلەپچىقىرىش بىلەن شۇغۇللىنىشى مەقسەتلىك بولىدۇ، يەنى كېرەكلىك ئەمگەك مېۋىسىگە ئېرىشىشنى مەقسەت قىلىدۇ، لېكىن، كۆپ خىل ئامىللارنىڭ تەسىرى تۈپەيلىدىن، ئوخشاش ئەمگەك سەرپ قىلغاندىمۇ ئەمگەك مېۋىسىدە زور پەرق بولۇپ قالىدۇ. مەسىلەن، بىر ئادەم بىر كۈندە ئورغاق بىلەن بىر مو بۇغداينى ئورىيالايدۇ، كومبايىن بولسا100 مو بۇغداي ئورىدۇ. مانا بۇ ئىككىسىنىڭ ئەمگەك ئۈنۈمدارلىقىنىڭ ئوخشىمايدىغانلىقىدۇر.
ئەمگەك ئۈنۈمدارلىقى ئەمگەك ئۈنۈمى، يەنى بىرلىك ۋاقىت ئىچىدە ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلات مىقدارى بىلەن ئىپادىلىنىدۇ، بىرلىك مەھسۇلاتنى ئىشلەپچىقىرىش ئۈچۈن سەرپ قىلىنغان ئەمگەك ۋاقتى بىلەنمۇ ئىپادىلىنىدۇ. بەلگىلىك ۋاقىتتا ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلات قانچە كۆپ بولسا ياكى بىرلىك مەھسۇلاتنى ئىشلەپچىقىرىش ئۈچۈن سەرپ قىلىنىدىغان ئەمگەك ۋاقتى قانچە ئاز بولسا، ئەمگەك ئىشلەپچىقىرىش ئۈنۈمدارلىقى شۇنچە يۇقىرى بولىدۇ. فورمۇلا بىلەن ئىپادىلىسەك:
جانلىق ئەمگەك سېلىنما مىقدارىنى ھېسابلاش دائىرىسى ئوخشىمىغانلىقتىن، ئەمگەك ئۈنۈمدارلىقىنى ئايرىم ئەمگەك ئۈنۈمدارلىقى ۋە ئىجتىمائىي ئەمگەك ئۈنۈمدارلىقى دەپ ئايرىشقا بولىدۇ. ئايرىم ئەمگەكچىنىڭ ئەمگەك سېلىنمىسى ئارقىلىق ھېسابلانغان ئايرىم ئەمگەك ئۈنۈمدارلىقى ۋە كارخانىنىڭ ئەمگەك سېلىنمىسى بويىچە ھېسابلانغان ئىجتىمائىي ئەمگەك ئۈنۈمدارلىقىنىڭ ھەممىسى ئايرىم ئەمگەك ئۈنۈمدارلىقى ھېسابلىنىدۇ. پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ ئەمگەك سېلىنمىسى بويىچە ھېسابلانغان ئەمگەك ئۈنۈمدارلىقى ئىجتىمائىي ئەمگەك ئۈنۈمدارلىقى ھېسابلىنىدۇ.
ئەمگەك ئۈنۈمدارلىقىنىڭ يۇقىرى - تۆۋەنلىكى كۆپ خىل ئامىللارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ، بۇ ئامىللار: ئەمگەكچىنىڭ مەلىكىلىك دەرىجىسى؛ پەن - تېخنىكىنىڭ تەرەققىيات سەۋىيىسى ۋە قوللىنىلىش ئەھۋالى؛ ئەمگەك كۈچى بىلەن ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرىنىڭ بىرلىشىش ئۇسۇلى؛ ئىگىلىك باشقۇرۇش سەۋىيىسى ھەمدە تەبىئىي ئامىل قاتارلىقلار. بۇنىڭ ئىچىدە، پەن - تېخنىكىنىڭ تەرەققىيات سەۋىيىسى ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدۇ.