UyghurWiki
UyghurWikiئىقتىسادىي بىلىملەرتاۋار − ئالماشتۇرۇلىدىغان ئەمگەك مەھسۇلاتى

تاۋار − ئالماشتۇرۇلىدىغان ئەمگەك مەھسۇلاتى

ئىقتىسادىي بىلىملەر گەرچە ھەرقانداق ئادەم تاۋار ئىچىدە ياشىسىمۇ، بىراق تاۋار دېگەن زادى نېمە؟ دېگەن مەسىلىگە ھەممە ئادەمنىڭ ئېنىق جاۋاب بېرەلىشى ناتايىن. بەزىلەر »ئىشلەتكىلى بولىدىغان نەرسە تاۋار بولىدۇ« دېسە، يەنە بەزىلەر »كىشىلەرنىڭ باشقىلارنىڭ ئىستېمال قىلىشى ئۈچۈن ئىشلەپ بەرگەن نەرسىسى تاۋار بولىدۇ« دەپ قارايدۇ. بۇلارنىڭ ھېچقايسىسى توغرا ئەمەس. توغرا جاۋاب: تاۋار − ئالماشتۇرۇلىدىغان ئەمگەك مەھسۇلاتى. تاۋار كىشىلەرنىڭ مەلۇم ئېھتىياجىنى قاندۇرالايدۇ. مەسىلەن، كىيىم ئىسسىقلىق ساقلايدۇ، يېمەكلىك قورساقنى تويغۇزىدۇ، قەلەمدە خەت يازغىلى بولىدۇ. تاۋارنىڭ بۇ خىل ئىشلىتىلىشچانلىقى تاۋارنىڭ ئىستېمال قىممىتى، دېيىلىدۇ. تاۋار چوقۇم ئىستېمال قىممىتىگە ئىگە بولۇشى كېرەك. بىراق، ئىستېمال قىممىتىگە ئىگە بولغان بارلىق نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىلا تاۋار بولۇشى ناتايىن. بەزى نەرسىلەرنىڭ ئىستېمال قىممىتى بولىدۇ، مەسىلەن، قۇياش نۇرى، ھاۋا قاتارلىقلار. لېكىن، ئادەتتىكى ئەھۋال ئاستىدا، ئەمگەك سىڭدۈرمەيمۇ ئېرىشكىلى بولىدىغان نەرسىلەر تاۋار ھېسابلانمايدۇ. تاۋار بولۇش ئۈچۈن چوقۇم ئەمگەك مەھسۇلاتى بولۇشى كېرەك. بەزى نەرسىلەرنىڭ ئىستېمال قىممىتى بولىدۇ، شۇنىڭدەك ئۇ ئەمگەك مەھسۇلاتى، لېكىن تاۋار ھېسابلانمايدۇ. مەسىلەن، دېھقانلار ئىشلەپچىقارغان مەھسۇلاتلاردىن ئۆز ئىستېمالى ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان ئاشلىق ياكى باشقىلارغا ئىستېمال قىلىش ئۈچۈن سوۋغا قىلىنىدىغان ئەمگەك مەھسۇلاتى قاتارلىقلار تاۋار ھېسابلانمايدۇ. بىر خىل بۇيۇملار تاۋارغا ئايلىنىش ئۈچۈن، چوقۇم ئىستېمال قىممىتىگە ئىگە بولۇشى، ئەمگەك مەھسۇلاتى بولۇشى، شۇنداقلا ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق ئىستېمالچىلارنىڭ قولىغا ئۆتكەن بولۇشى شەرت. ئىككى خىل تاۋارنى ئالماشتۇرغاندا، چوقۇم ئالماشتۇرۇش نىسبىتىنى بېكىتىش لازىم. ئۇنداقتا، بۇ نىسبەت قانداق بېكىتىلىدۇ؟ ئالماشتۇرۇلىدىغان تاۋارلارنىڭ ئىستېمال قىممىتى ئوخشاش بولمىغاچقا، ئۇلارنى ئۆزئارا سېلىشتۇرغىلى بولمايدۇ. شۇڭا، تاۋارنىڭ ئالماشتۇرۇلۇش نىسبىتى ئىستېمال قىممىتى بىلەن ئۆلچەنمەيدۇ. تاۋارنىڭ ئىشلىتىلىش قىممىتىنى چەتكە قايرىپ قويغاندا، كىشىلەر شۇنى بايقىغانكى، تاۋارلاردا بىر ئورتاقلىق بولىدۇ، ئۇ بولسىمۇ ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئەمگەك مەھسۇلاتى. كىشىلەر تاۋار ئىشلەپچىقىرىش جەريانىدا، بەلگىلىك ئەمگەك، يەنى ئەقلىي ئەمگەك ۋە جىسمانىي ئەمگەك سەرپ قىلىدۇ. بۇنداق ئەمگەك ئىنسانلارنىڭ ئادەتتىكى ئەمگىكى، دېيىلىدۇ. ئىنسانلارنىڭ تاۋارغا يۇغۇرۇلغان بۇ خىل ئادەتتىكى ئەمگىكى قىممەت، دېيىلىدۇ. ئىككى خىل تاۋارنىڭ ئۆزئارا ئالماشتۇرۇلۇش نىسبىتى ئۇلارنىڭ ھەرقايسىسىنىڭ قىممىتىنىڭ چوڭ - كىچىكلىكى تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ. تاۋار ئىستېمال قىممىتى بىلەن قىممەتنىڭ بىرلىكىدىن ئىبارەت بولىدۇ. ئىستېمال قىممىتى تاۋارنىڭ تەبىئىي خۇسۇسىيىتى، قىممەت بولسا تاۋارنىڭ ئىجتىمائىي خۇسۇسىيىتىدۇر. تاۋار ئالماشتۇرۇش ئەڭ دەسلەپ ئىپتىدائىي جەمئىيەتتىكى ئۆزئارا مۇئامىلە قىلىشىدىغان قەبىلىلەر ئارىسىدا بارلىققا كەلگەن بولۇپ، ئالماشتۇرۇلىدىغان بۇيۇملار پەقەتلا ئۆزلىرى ئىستېمال قىلىپ ئاشقان نەرسىلەر ئىدى. ئىپتىدائىي جەمئىيەتنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىگە كەلگەندە، ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ تەرەققىي قىلىشى، ئىجتىمائىي ئىش تەقسىماتىنىڭ بارلىققا كېلىشىگە ئەگىشىپ، ئالماشتۇرۇشنى مەقسەت قىلغان تاۋار ئىشلەپچىقىرىش شەكىللەندى، ئالماشتۇرۇشمۇ بارغانسېرى كېڭەيدى. لېكىن، قۇلدارلىق جەمئىيەت ۋە فېئوداللىق جەمئىيەتتە، جەمئىيەتنىڭ ئومۇمىي ئىقتىسادىي شەكلى ئۆزى ئىشلەپچىقىرىپ ئۆزى ئىستېمال قىلىدىغان ھالەتتە تۇرغاچقا، تاۋار ئىشلەپچىقىرىش ھۆكۈمرانلىق ئورۇندا ئەمەس ئىدى. كاپىتالىستىك جەمئىيەتكە كەلگەندە تاۋار ئىشلەپچىقىرىش تولۇق راۋاجلاندى، شۇنىڭ بىلەن تاۋار ئىجتىمائىي بايلىقنىڭ ئومۇمىي شەكلىگە ئايلاندى. سوتسىيالىستىك جەمئىيەتتە ئوخشاشلا تاۋار ئىشلەپچىقىرىش ۋە تاۋار ئالماشتۇرۇشنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇش لازىم.
← بارلىق تېمىلار ئىقتىسادىي بىلىملەر
تاۋار − ئالماشتۇرۇلىدىغان ئەمگەك مەھسۇلاتى | UyghurWiki | UyghurWiki