ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى ۋە ئىشلەپچىقىرىش مۇناسىۋەتلىرى
ئىقتىسادىي بىلىملەر
ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى بىلەن ئىشلەپچىقىرىش مۇناسىۋەتلىرى ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىشنىڭ ئايرىلماس ئىككى تەرىپى. ئەگەر ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى ئادەمنىڭ بەدىنى دېيىلسە، ئۇنداقتا، ئىشلەپچىقىرىش مۇناسىۋەتلىرى ئادەمنىڭ كىيىمىگە ئوخشايدۇ. بىر ئادەمنىڭ قانداق كىيىم كىيىشىنى شۇ ئادەمنىڭ بويى، ئورۇق - سېمىزلىكى بەلگىلەيدۇ. شۇڭا، قانداق ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى بولسا، شۇنىڭغا مۇناسىپ شۇنداق ئىشلەپچىقىرىش مۇناسىۋەتلىرى بولىدۇ. ئىشلەپچىقىرىش مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىدىن ئايرىلالمايدىغانلىقىنى تەكشۈرۈش ئادەم كىيىم تىككۈزگەندە ئۆز بەدىنىنىڭ كونكرېت شەكلىدىن ئايرىلالمىغاندەكلا بىر ئىش.
ئىنسانلارنىڭ يېمەك - ئىچمەك، كىيىم - كېچەك، يۈرۈش - تۇرۇشقا لازىمەتلىك ماددىي بۇيۇملار ئەمگەك ئارقىلىق يارىتىلىدۇ، ئىنسانلارنىڭ تەبىئەتتىن پايدىلىنىپ ۋە ئۇنى ئۆزگەرتىپ ماددىي بايلىق يارىتىش ئىقتىدارى ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى دېيىلىدۇ. ئۇ ئەمگەك كۈچلىرى، ئەمگەك ۋاسىتىلىرى ۋە ئەمگەك ئوبيېكتلىرىدىن ئىبارەت. ئەمگەك كۈچلىرى ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى ئىچىدىكى ئەڭ جانلىق ئامىل ھېسابلىنىدۇ. ئىنسانلارنىڭ ئەمگىكى بولمىسا، ماشىنا بولمايدۇ، ماشىنا بولۇپ ئۇنى ھەرىكەتلەندۈرىدىغان ئادەم بولمىسا ئۇ ھالدا ئۇ پەقەت بىر دۆۋە تۆمۈر - تەسەككە ئايلىنىپ قالىدۇ. ئەمگەك ۋاسىتىلىرى كىشىلەرنىڭ ئەمگەك ئوبيېكتلىرىغا تەسىر كۆرسىتىشتە قوللىنىدىغان بارلىق ماددىي شەرتتىن ئىبارەت. ئۇ ئىشلەپچىقىرىش قوراللىرى، يەر، يول، ئىسكىلات قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ ئاساسلىقى ئىشلەپچىقىرىش قوراللىرى بولۇپ، ئۇنىڭ تەرەققىيات سەۋىيىسى ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ تەرەققىيات سەۋىيىسىنىڭ يۇقىرى - تۆۋەنلىكىنى ئۆلچەيدىغان مۇھىم بەلگە. ئەمگەك ئوبيېكتى ئەمگەك ئارقىلىق پىششىقلاپ ئىشلىنىدىغان ئوبيېكتلار بولۇپ، ئۇ مۇنداق ئىككى تۈرگە بۆلۈنىدۇ: بىرى، تەبىئەت دۇنياسىدا ئەزەلدىن بار نەرسىلەر، مەسىلەن، بېلىق، رۇدا قاتارلىقلار؛ يەنە بىرى، ئادەملەرنىڭ ئەمگىكى ئارقىلىق پىششىقلاپ ئىشلەنگەن خام ئەشيالار، مەسىلەن، ماشىنىلارنى ياساشتا ئىشلىتىلىدىغان پولات - تۆمۈر، رەخت توقۇشتا ئىشلىتىلىدىغان پاختا قاتارلىقلار. ئەمگەك ۋاسىتىلىرى ۋە ئەمگەك ئوبيېكتلىرى بىرلەشتۈرۈلۈپ ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرى دېيىلىدۇ. بىرىنچى ئىشلەپچىقىرىش كۈچى بولغان پەن - تېخنىكىنىڭ رولى ھەم ئەمگەكچىلەرنىڭ ئىلىم - پەن بىلىملىرى ۋە تېخنىكا ئىقتىدارىدا ئىپادىلىنىدۇ، ھەم ئۈزلۈكسىز مەيدانغا كېلىۋاتقان پەن - تېخنىكا بىلىملىرى ئارقىلىق ئىشلەپچىقىرىلغان ئىشلەپچىقىرىش قوراللىرى ۋە يېڭى تىپتىكى، ئەلا سۈپەتلىك خام ئەشيا قاتارلىق ئەمگەك ئوبيېكتلىرىدا ئىپادىلىنىدۇ. پەن - تېخنىكىنىڭ رولى ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ ئۈچ ئامىلىغا سىڭگەن بولۇپ، ھەممىلا يەردە ئۆز رولىنى جارى قىلدۇرالايدۇ، دېيىشكە بولىدۇ.
كىشىلەر ئىشلەپچىقىرىش جەريانىدا، تۈرلۈك شەكىللەردە بىرلىشىپ، بەلگىلىك ئىجتىمائىي مۇناسىۋەت ئورنىتىدۇ. كىشىلەرنىڭ ئىشلەپچىقىرىش جەريانىدا شەكىللەندۈرگەن مۇناسىۋەتلىرى ئىشلەپچىقىرىش مۇناسىۋەتلىرى دېيىلىدۇ. ئۇ تۆۋەندىكى ئۈچ تەرەپنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: بىرىنچى، ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرىگە بولغان ئىگىدارلىق شەكلى؛ ئىككىنچى، بۇنىڭدىن شەكىللەنگەن كىشىلەرنىڭ ئىشلەپچىقىرىشتىكى ئورنى ۋە ئۆزئارا مۇناسىۋىتى؛ ئۈچىنچى، مەھسۇلاتلارنىڭ تەقسىملىنىش مۇناسىۋىتى، بۇنىڭ ئىچىدە ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرىگە بولغان ئىگىدارچىلىق شەكلى پۈتكۈل ئىشلەپچىقىرىش مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ئاساسى ھېسابلىنىدۇ.