UyghurWiki
UyghurWikiئىقتىسادىي بىلىملەركرېدىت كارتىسى

كرېدىت كارتىسى

ئىقتىسادىي بىلىملەر كرېدىت كارتىسى ئىستېمال كرېدىتىنىڭ بىر تۈرلۈك شەكلى بولۇپ، بانكا ياكى باشقا مەخسۇس ئورگانلار تارقاتقان ئىستېمال كرېدىتنىڭ ئىسپاتى. ئىگىدار كارتۇشكىغا ئاساسەن بەلگىلەنگەن ماگىزىن، مېھمانخانا قاتارلىق ئورۇنلاردىن تاۋارلارنى سېتىۋالىدۇ ياكى مۇلازىمەت ھەققىنى تۆلەيدۇ، بۇنىڭدا نەق پۇل تۆلىمىسىمۇ بولىدۇ، پەقەتلا مۇناسىۋەتلىك تالونلارغا ئىمزا قويسىلا بولىدۇ. ماگىزىن، مېھمانخانا قاتارلىق ئورۇنلار ئىگىدار ئىمزا قويغان تالونغا ئاساسلىنىپ، كارتا تارقاتقان ئىدارىنىڭ ھېسابات مەركىزىدىن پۇل ئېلىۋالىدۇ. ھېسابات مەركىزى قەرەللىك ھالدا كارتا ئىگىسى بىلەن ھېسابات قىلىپ تۇرىدۇ. بەزى كارتىلاردىن يەنە ئاز سوممىلىق ئونكول (نەق پۇللارنى قەرز ئېلىش) قىلغىلىمۇ بولىدۇ. كرېدىت كارتىسى ئېلىپ يۈرۈشكە ئەپلىك ھەم نېسىگە تاۋار سېتىۋالغىلى بولغانلىقتىن، تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەردە تارقىتىلىش مىقدارى ئۈزۈلۈكسىز ئاشماقتا، ئوبوروت دائىرىسىمۇ كېڭەيمەكتە، بەزىلىرى ھەتتا دۆلەت ھالقىغان كرېدىت قورالىغا ئايلاندى. ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ تەلىپىگە ماسلىشىش ئۈچۈن، دۆلىتىمىزدىكى بىر قىسىم بانكىلارمۇ كرېدىت كارتىسى تارقىتىشنى باشلىدى ھەمدە كرېدىت كارتىسى خەلقئارالىق پۇل ئايرىباشلاش تىجارىتىنى يولغا قويدى.
← بارلىق تېمىلار ئىقتىسادىي بىلىملەر
كرېدىت كارتىسى | UyghurWiki | UyghurWiki