ئەمگىكىگە قاراپ تەقسىم قىلىش − سوتسىيالىزمنىڭ تەقسىمات پرىنسىپى
ئىقتىسادىي بىلىملەر
سوتسىيالىستىك جەمئىيەتتە، شەخسىي ئىستېمال بۇيۇملىرىنى تەقسىملەش شەكلى ئەمگىكىگە قاراپ تەقسىم قىلىشتىن ئىبارەت، يەنى شەخسىي ئىستېمال بۇيۇملىرى ئەمگەكچىنىڭ جەمئىيەتكە تەمىنلىگەن ئەمگىكىنىڭ مىقدارى ۋە سۈپىتىگە ئاساسەن تەقسىم قىلىنىدۇ، كۆپ ئىشلىگەنلەر كۆپ ئالىدۇ، ئاز ئىشلىگەنلەر ئاز ئالىدۇ.
شەخسىي ئىستېمال بۇيۇملىرىنى ئەمگىكىگە قاراپ تەقسىم قىلىش، ئالدى بىلەن، سوتسىيالىستىك ئومۇمىي مۈلۈكچىلىك تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ. چۈنكى، سوتسىيالىستىك ئومۇمىي مۈلۈكچىلىك شارائىتىدا، كەڭ ئەمگەكچى خەلق ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرىنىڭ خوجايىنى بولۇپ، مەھسۇلات كۆپچىلىكنىڭ ئورتاق ئەمگىكىنىڭ نەتىجىسى. ھەربىر ئادەمنىڭ قانچىلىك مەھسۇلاتقا ئىگە بولۇشىدا پەقەت ئۇلار تەمىنلىگەن ئەمگەك ئاساس قىلىنىدۇ، باشقا ئاساس بولمايدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئىجتىمائىي ماددىي ئىشلەپچىقىرىش سەۋىيىسى پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ ئېھتىياجىنى قامدىيالمىغانلىقتىن، پەقەت ئەمگىكىگە قاراپ تەقسىم قىلىشنىلا يولغا قويغىلى بولىدۇكى، ھازىرچە ئېھتىياجغا قاراپ تەقسىم قىلىشقا بولمايدۇ.
ئەمگىكىگە قاراپ تەقسىم قىلىشنى ئەمگەكنىڭ خاراكتېرى بەلگىلەيدۇ. سوتسىيالىستىك جەمئىيەتتە، تۈرلۈك ئامىللارنىڭ چەكلىمىسى تۈپەيلىدىن، كىشىلەرنىڭ جەمئىيەت ئۈچۈن تەمىنلىگەن ئەمگىكىدىمۇ روشەن پەرقلەر بولىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئەمگەك يەنىلا تىرىكچىلىكنىڭ ۋاسىتىسى قىلىنغان بولۇپ، تېخى تۇرمۇشنىڭ بىرىنچى ئېھتىياجىغا ئايلانمىغان. شۇڭا، پەقەت ئەمگەكنى شەخسىي ئىستېمال بۇيۇملىرىنى تەقسىم قىلىشنىڭ ئۆلچىمى قىلىپ، ھەربىر ئادەم تەمىنلىگەن ئەمگەكنى ئىنچىكە ھېسابلىغان ۋە نازارەت قىلغاندىلا، ئاندىن كىشىلەرنىڭ ئەمگەك ئاكتىپلىقىنى ئۆستۈرگىلى، ئىشلەپچىقىرىشنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ.
ئەمگىكىگە قاراپ تەقسىم قىلىش مۇئەييەن كونكرېت شەكىل ئارقىلىق ئىشقا ئاشىدۇ. مەسىلەن، ئېلىمىز يېزىلىرىدىكى مەھسۇلاتقا بىرلەشتۈرۈپ ھۆددىگە بېرىش، شەھەر - بازارلاردىكى كارخانا ۋە كەسپىي ئورۇنلارنىڭ ئىش ھەققى، مۇكاپات قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئەمگىكىگە قاراپ تەقسىم قىلىش شەكلىدە ئېلىپ بېرىلىدۇ.