UyghurWiki
UyghurWikiئىقتىسادىي بىلىملەركىمئارتۇق سودىسى

كىمئارتۇق سودىسى

ئىقتىسادىي بىلىملەر كىمئارتۇق سودىسى تالىشىپ سېتىۋېلىش دەپمۇ ئاتىلىدۇ، بۇ، ساتقۇچىنىڭ مەخسۇس ئاپپاراتلار ئارقىلىق، بەلگىلەنگەن ۋاقىت ۋە ئورۇندا مۇئەييەن قائىدە بويىچە، ئاشكارا بەسلىشىپ سېتىۋېلىش چارىسىنى قوللىنىپ، تاۋارنى ئەڭ يۇقىرى باھا قويغان سېتىۋالغۇچىغا سېتىپ بېرىشتىن ئىبارەت سودا ئۇسۇلىنى كۆرسىتىدۇ. ئۇ نەق مەيداندا بىر قېتىمدىلا پۈتۈشۈپ بېكىتىلىدىغان بۇيۇم سودىسىدىن ئىبارەت. كىمئارتۇق سودىسى ئىختىيارىي ۋە مەجبۇرىي دەپ ئىككى خىل بولىدۇ. ئالدىنقىسىدا، بۇيۇمنىڭ ئىگىسى ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن بۇيۇملىرىنى كىمئارتۇق سودىسى ئورۇنلىرىغا كىمئارتۇق قىلىپ سېتىشقا ھاۋالە قىلىدۇ. كېيىنكىسىدە بولسا بۇيۇمنىڭ ئىگىدارى ۋەيران بولۇش ياكى باشقا سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، بۇيۇملىرىنى مەجبۇرىي ھالدا كىمئارتۇق قىلىپ ساتىدۇ. كىمئارتۇق سودىسىدىكى تاۋارلارنىڭ كۆپ قىسمىنىڭ ئۆلچىمى مۇرەككەپ، سۈپىتىنى ئۆلچەملەشتۈرۈش قىيىن، شۇنداقلا تارقاقراق بولىدۇ. مەسىلەن، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرى، كونا ماللار، قەدىمكى بۇيۇملار، سەنئەت بۇيۇملىرى، تېخنىكا نەتىجىلىرى قاتارلىقلار. كىمئارتۇق سودىسىنىڭ قائىدىسى بويىچە، كىمئارتۇق سودىسىغا قاتناشتۇرۇلىدىغان بۇيۇملار ئالدىن كىمئارتۇق سودىسى ئورنىنىڭ ئىسكىلاتىغا كىرگۈزۈلۈپ، تاللىنىشى، تۈر ۋە تۈركۈمگە ئايرىلىشى، كىمئارتۇق سودىسى ئورنى بۇيۇملارنىڭ ئەھۋالىغا ئاساسەن سېتىش مۇندەرىجىسىنى تۈزۈشى، كىمئارتۇق قىلىپ سېتىشتىن ئىلگىرى سېتىلىدىغان بۇيۇملارنى ئاشكارا كۆرگەزمە قىلىشى كېرەك. پۈتۈشۈشنى بېكىتىشنىڭ كونكرېت ئۇسۇلى ئادەتتە نەق مەيداندا باھا چاقىرىشتىن ئىبارەت. باھا چاقىرىش ئادەتتە ئاشۇرۇپ چاقىرىش ۋە كېمەيتىپ چاقىرىش دەپ ئىككى خىلغا ئايرىلىدۇ. ئاشۇرۇپ باھا چاقىرىشتا، كىمئارتۇق قىلىپ ساتقۇچى، ئالدى بىلەن، ئەڭ تۆۋەن باھانى ئېلان قىلىدۇ، ئاندىن سېتىۋالغۇچىلار تالىشىپ باھا قوشىدۇ، باھا ئۆرلەپ مەلۇم دەرىجىگە يېتىپ، باھا قوشىدىغانلار چىقمىغاندا ساتقۇچى ياغاچ بولقا بىلەن ئۈستەلنى ئۇرۇپ پۈتۈشكەنلىكىنى ئېلان قىلىدۇ - دە، بۇيۇمنى ئەڭ يۇقىرى باھا قويغان سېتىۋالغۇچىغا سېتىپ بېرىدۇ؛ كېمەيتىپ باھا چاقىرىشتا، ساتقۇچى ئەڭ يۇقىرى باھانى قويىدۇ، ئەگەر ئالىدىغانلار بولمىسا، بارا - بارا باھانى تۆۋەنلىتىدۇ، تۆۋەنلىتىش مۇۋاپىق باھادا سېتىۋالغۇچى چىققانغا قەدەر داۋاملىشىدۇ، ئاخىرىدا، ساتقۇچى بولقىنى ئۇرۇپ پۈتۈشكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. سېتىۋالغۇچى چوقۇم بەلگىلەنگەن مۇددەت ئىچىدە كىمئارتۇق سودىسى ئورنىغا پۇل تاپشۇرۇپ، ئاندىن مالنى ئېلىپ كېتىشى كېرەك. كىمئارتۇق سودىسى ئورنى بۇيۇمنى ساتقۇچىدىن مۇۋاپىق شېرىنكانە ئالىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ئىقتىسادىي بىلىملەر