پۇل ئامانىتى
ئىقتىسادىي بىلىملەر
كىشىلەر قولىدىكى ۋاقتىنچە ئىشلەتمەيدىغان پۇللىرىنى بانكىدا ساقلايدۇ ياكى بەلگىلىمە بويىچە پوچتا ئامانەت مۇلازىمىتىنى بېجىرىدۇ، مانا بۇ پۇل ئامانىتى دېيىلىدۇ. بانكا ياكى ئامانەت قەرز كوپىراتىپلىرىغا پۇل ئامانەت قويۇلسا، بۇ بانكا پۇل ئامانىتى، ئەگەر پوچتىخانىغا ئامانەت قويۇلسا، ئۇ پوچتا پۇل ئامانىتى دېيىلىدۇ.
پۇل ئامانىتى ئادەتتە قەرەلسىز ئامانەت ۋە قەرەللىك ئامانەت دەپ ئايرىلىدۇ. قەرەلسىز ئامانەت خالىغان ۋاقىتتا ئامانەت قويغىلى ۋە ئالغىلى بولىدىغان بىر خىل شەكىل، ئادەتتە بانكا ئامانەت قويغۇچىغا كىنىشكە تارقىتىپ بېرىدۇ، كىنىشكىغا ھەر قېتىم ئامانەت قويۇلغان ۋە ئېلىنغان پۇلنىڭ سانى تەپسىلىي يېزىلىدۇ. قەرەللىك ئامانەت بولسا پۇل ئېلىش مۇددىتى بەلگىلەنگەن پۇل ئامانەت شەكلى. كونكرېت ئېيتقاندا، قەرەللىك پۇل ئامانىتى بىر قېتىمدا ئامانەت قويۇپ، ۋاقتى توشقاندا ھەممىسىنى ئالغىلى بولىدىغان، توپ قويۇپ توپ ئېلىش؛ بىر قېتىمدا ئامانەت قويۇپ، بەلگىلەنگەن ۋاقىتتا مۇددەتكە بۆلۈپ ئالغىلى بولىدىغان توپ قويۇپ پارچە ئېلىش؛ مۇددەتكە بۆلۈپ ئامانەت قويۇپ، بىر قېتىمدىلا ئالغىلى بولىدىغان پارچە قويۇپ، توپ ئېلىش ۋە بىر قېتىمدىلا قويۇپ، مەلۇم مۇددەت بويىچە ئامانەت ئۆسۈمىنى ئالىدىغان دەسمايىنى قويۇپ ئۆسۈمىنى ئېلىشتىن ئىبارەت تۆت خىل شەكىلنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئەلۋەتتە، جىددىي ئېھتىياجلىق بولۇپ قالغاندا، قەرەللىك پۇل ئامانىتىنى مەلۇم رەسمىيەتلەرنى ئۆتىگەندىن كېيىن، خالىغان ۋاقىتتا ئالسىمۇ بولىدۇ. مۇئەييەن مەزگىلدە پۇل پاخاللىقى كېلىپ چىقىشنى نەزەردە تۇتۇپ، ئامانەت قويغۇچىنىڭ مەنپەئىتىنى قوغداش ئۈچۈن، گوۋۇيۈەن قىممىتى ساقلاپ قېلىنىدىغان ئامانەتنى تەسىس قىلىشنى قارار قىلغان (1996 - يىلى ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى).
پۇل ئامانىتىنى راۋاجلاندۇرغاندا، كىشىلەرنىڭ قولىدىكى تارقاق پۇلنى مەركەزلەشتۈرۈپ، ئىشلەپچىقىرىشنى راۋاجلاندۇرۇشقا ۋە تۈرلۈك ئىقتىسادىي ئىشلارغا ئىشلەتكىلى بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئۇ ئىقتىسادنى مۇقىملاشتۇرۇش، پۇل ئوبوروتىنى تەڭشەش قاتارلىق جەھەتلەردىمۇ مۇھىم رول ئوينايدۇ. شەخسكە نىسبەتەن ئېيتقاندا، پۇل ئامانىتىگە قاتناشقاندا ئۆسۈمگە ئېرىشىپلا قالماستىن، يەنە تۇرمۇشنى ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇپ، تىرىشچانلىق، ئىقتىسادچىللىق پەزىلىتىنى يېتىلدۈرگىلى بولىدۇ. دۆلىتىمىز پۇل ئامانەت قويۇشقا ئىلھام بېرىش ۋە ئۇنى قوغداش سىياسىتىنى يولغا قويغان بولۇپ، ئامانەت پۇل قويۇشتا ئىختىيارىي بولۇش، پۇل ئېلىشتا ئەركىن بولۇش، ئامانەتنىڭ ئۆسۈمى بولۇش، ئامانەت قويغۇچىلار ئۈچۈن مەخپىيەتلىكنى ساقلاش پرىنسىپىدا چىڭ تۇرىدۇ.