ئۆسۈم نەدىن كېلىدۇ
ئىقتىسادىي بىلىملەر
قەدىمدىن تارتىپ ھازىرغىچە قەرزگە بەدەل تۆلەش داۋاملىشىپ كېلىۋاتىدۇ. قەرز ئالغۇچى قەرز پۇل قايتۇرغاندا مەلۇم مىقداردا پۇل قوشۇپ تۆلىشى كېرەك، ئاشۇرۇپ تۆلەنگەن پۇل ئۆسۈم دېيىلىدۇ. ھازىر بىز پۇلنى بانكىغا قويساقمۇ ئۆسۈمگە ئېرىشىمىز. مەسىلەن،100 يۈەن پۇلنى بانكىغا بىر يىللىق ئامانەت قويۇپ، ئىككىنچى يىلى ئالغىنىمىزدا110 يۈەنگە ئۆزگىرىپ قالىدۇ. بۇ ئارتۇق چىققان10 يۈەن پۇل ئۆسۈم ھېسابلىنىدۇ.
ئۆسۈم قەيەردىن كېلىدۇ؟ بەزىلەر ئۇنى پۇلنىڭ ئۆزى تۇغقان دېيىشىدۇ. ئەمەلىيەتتە، بۇ مۇمكىن ئەمەس. ئۆسۈمنى ئەمگەكچىلەر ياراتقان.
قۇلدارلىق ۋە فېئوداللىق جەمئىيەتتە، جازانىخورلار پۇلنى دېھقانلار ۋە قول ھۈنەرۋەنلەرگە، قۇل ئىگىلىرى ۋە پومېشچىكلارغا ئۆتنە بېرىپ تۇرۇپ، ئۇنىڭدىن ناھايىتى يۇقىرى پايدىغا ئېرىشەتتى. بۇ يەردىكى ئۆسۈم دېھقانلار، قول ھۈنەرۋەنلەر ھەمدە قۇللارنىڭ ئەمگەك مېۋىسىدىن كېلىدۇ.
كاپىتالىستىك جەمئىيەتتە، فۇنكسىيە كاپىتالىستى قەرز كاپىتالىستنىڭ قولىدىن قەرز ئېلىپ، تىجارەت پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ ۋە ئېرىشكەن پايدىنىڭ بىر قىسمىنى ئۆزىگە قالدۇرۇپ، قالغان قىسمىنى ئۆسۈمى بىلەن قەرز كاپىتالىستىغا تۆلەيدۇ. بۇ يەردىكى ئۆسۈمنى ياللانما ئەمگەكچىلەر يارىتىدۇ.
سوتسىيالىستىك جەمئىيەتتە، پۇل قەرز بېرىش ئاساسەن بانكىنىڭ پۇل ئامانەت ۋە قەرز بېرىشىدە ئىپادىلىنىدۇ. بانكا كارخانا، كەسپىي ئورۇنلارنىڭ ئامانەت پۇلى ۋە شەخسلەرنىڭ ئامانەت پۇلىنى مەركەزلەشتۈرىدۇ، ئاندىن بۇ پۇللارنى كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار ۋە شەخسلەرگە قەرز بېرىدۇ. قەرز ئالغان ئورۇن ۋە شەخسلەر بانكىغا ئۆسۈم تۆلىشى، بانكىمۇ ئامانەت قويغان ئورۇن ۋە شەخسلەرگە ئۆسۈم تۆلىشى كېرەك. بۇ يەردىكى ئۆسۈم پۇلى قەرز ئالغان ئورۇندىكى ئەمگەكچىلەر ۋە قەرز پۇلنى ئىشلەتكەن شەخسلەرنىڭ قوشۇمچە ئەمگىكىدىن كېلىدۇ. بانكىغا ئامانەت قويۇپ ئېرىشكەن ئۆسۈم ئامانەت قويغۇچىغا بېرىلگەن ھەق ۋە رىغبەتلەندۈرۈشتۇر.