تاشقا ئايلانغان جىسىملار
ئىنسانلارنىڭ تەرەققىياتى
ئىنسانلار جەمئىيىتى ئىنسانلار پەيدا بولغاندىن كېيىن باشلانغان. ئۇنداقتا، ئىنسانلار قاچان پەيدا بولغان؟1974 - يىلىدىن1975 - يىلىغىچە، ئارخېئولوگلار تانزانىيىنىڭ شىمالىدىكى گاروش دەرياسى ۋادىسىدا بۇنىڭدىن3 مىليون يىللار ئىلگىرىكى دەسلەپكى ئىنسانلارنىڭ تاشقا ئايلانغان جىسىملىرىنى بايقىغان. بۇ بايقاش دۇنيانى زىلزىلىگە سالغان.
گاروش دەرياسى ۋادىسىدا بايقالغان دەسلەپكى ئىنسانلارنىڭ تاشقا ئايلانغان جىسىملىرى ئاستى - ئۈستى ئىڭەك، چىش قاتارلىقلاردىن ئىبارەت جەمئىي13 پارچە بولۇپ، ئۆلچەشكە قارىغاندا، بۇنىڭدىن ئىلگىرىكى3 مىليون770 مىڭ يىلدىن3 مىليون590 مىڭ يىللار ئارىلىقىدىكى دەسلەپكى مايمۇنسىمان ئادەملەر تىپىغا مەنسۈپ بولغان. بۇلار كىشىلەر بۈگۈنگىچە بىلىدىغان ئىنسانلارنىڭ ئەڭ بالدۇرقى تاشقا ئايلانغان جىسىملىرى ھېسابلىنىدۇ.
گاروش دەرياسى ۋادىسىدىكى بايقاشلار دەسلەپكى مايمۇنسىمان ئادەملەرنىڭ گېئولوگىيىلىك يىللارنىڭ ئالدىنقى يېڭى ئىرا (بۇنىڭدىن تەخمىنەن12 مىليون يىلدىن3 مىليۇن يىللار ئىلگىرى) سىدا پەيدا بولغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. بىراق، بۇ تاشقا ئايلانغان جىسىملارنىڭ يىلى بەك ئۇزاق بولغانلىقى ئۈچۈن، ئىنسانلارنىڭ3 مىليون يىللار ئىلگىرىكى پائالىيەت ئەھۋالىنى ئەتراپلىق ئىگىلەش ئۈچۈن يەنىلا يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ قېزىش ۋە تەكشۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ.