UyghurWiki
UyghurWikiئىنساننىڭ تەرەققىياتىچوڭ مېڭە

چوڭ مېڭە

ئىنسانلارنىڭ تەرەققىياتى ئادەمنىڭ مېڭىسى ھايۋانات دۇنياسىنىڭ يۈكسەك تەرەققىياتىنىڭ مەھسۇلى، ھەرقانداق ھايۋاننىڭ مېڭىسىنى ئادەمنىڭكى بىلەن سېلىشتۇرغىلى بولمايدۇ. ئادەم مېڭىسى سېكۇنتىغا تەخمىنەن100 مىڭ خىل ئوخشاشمىغان خىمىيىلىك رېئاكسىيىنى شەكىللەندۈرۈپ ئوي - پىكىر، ھېسسىيات ۋە ھەرىكەتلەرنى پەيدا قىلالايدۇ. ئادەم مېڭىسىدىكى100 مىليون نېرۋا ھۈجەيرىسى كۈنىگە8600 ماتېرىيالنى خاتىرىلىيەلەيدۇ. ئىنسان مېڭىسىنىڭ بۇنچىلىك يۈكسەك دەرىجىدە تەرەققىي قىلالىشى ئادەمسىمان مايمۇننىڭ مېڭىسىنىڭ تەرەققىي قىلىپ تەدرىجىي ئۆزگىرىشىدىن ئىبارەت ئۇزاق تارىخىي جەريان بىلەن مۇناسىۋەتلىك. ئورمان قەدىمكى ئادەمسىمان مايمۇنىنىڭ مېڭىسىنىڭ سىغىمچانلىقىدىن دەسلەپكى ئادەم مېڭىسىنىڭ سىغىمچانلىقىغىچە بولغان ئۆزگىرىش300 مىللىلىتىردىن1200 مىللىلىتىرغىچە ئارىلىقتا بولغان، قارا ئورانگۇتان ۋە ئورانگۇتان مېڭىسىنىڭ سىغىمچانلىقى400 مىللىلىتىر بولغان بولسا، ھازىرقى زامان ئادەملىرىنىڭ مېڭىسىنىڭ ئوتتۇرىچە سىغىمچانلىقى1400 مىللىلىتىر ئەتراپىدا كېلىدۇ. بۇ ئادەمسىمان مايمۇندىن ئادەمگىچە بولغان تەرەققىيات جەريانىدا مېڭە سىغىمچانلىقىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئېشىپ بارغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. ئالدى مېڭىدىكى چوڭ مېڭە قىسمى مېڭە سىغىمچانلىقىنىڭ ئاساسلىق ئاشقان قىسمى بولۇپ، چوڭ مېڭە ئىنسانلار ئالىي نېرۋا پائالىيىتىنىڭ ئەڭ مۇھىم قىسمى ھېسابلىنىدۇ. ئادەمسىمان مايمۇنلارنىڭ مېڭىسىدىن ئادەمنىڭ مېڭىسىگىچە بولغان تەرەققىيات ئۆزگىرىشى قەدىمكى ئادەمسىمان مايمۇنلار ۋە ئادەمسىمان مايمۇنلارنىڭ ھەرىكەت شەكلىنىڭ تەدرىجىي مۇرەككەپلىشىپ بېرىشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ئەمگەك بۇ جەرياندىكى ئاساسلىق ئامىل ھېسابلىنىدۇ. قەدىمكى ئادەمسىمان مايمۇنلار دەرەختىن يەرگە چۈشكەندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ ئوزۇقلۇق ئىزدەش، دۈشمەنلىرىنىڭ زىيانكەشلىكىدىن مۇداپىئەلىنىش قاتارلىق ھەرىكەت شەكىللىرىدە خېلى چوڭ ئۆزگىرىشلەر بولغان. ئۇلار تەدرىجىي ھالدا قورال ياساش ۋاسىتىلىرىنى ئىگىلەپ، ئەمگەك بىلەن شۇغۇللانغاندىن كېيىن ھەرىكەت شەكىللىرى تېخىمۇ مۇرەككەپلەشكەن، چوڭ مېڭىنىڭ تاشقى شەيئىلەردىن كەلگەن غىدىقلىغۇچى ئۇچۇرلارنى قوبۇل قىلىشىمۇ بارغانسېرى كۆپىيىپ بارغان، ھۆكۈم قىلىش، تەھلىل قىلىش ۋە يىغىنچاقلاش ئىقتىدارى كۈچەيگەن، بۇنىڭ ئارقىسىدا چوڭ مېڭىسىمۇ بارغانسېرى تەرەققىي قىلغان. ئورتاق ئەمگەك جەريانىدا تىل پەيدا بولۇپ، چوڭ مېڭىنىڭ ئابستراكت تەپەككۇر قابىلىيىتى تەرەققىي تاپقان، بۇ ئادەمسىمان مايمۇن مېڭىسىنىڭ تەرەققىي قىلىپ ئادەم مېڭىسىگە ئايلىنىشىدىكى مۇھىم بىر ئامىل.
← بارلىق تېمىلار ئىنساننىڭ تەرەققىياتى