ئوتتىن پايدىلىنىش
ئىنسانلارنىڭ تەرەققىياتى
ئوت تەبىئەتتىكى ئەڭ سىرلىق ۋە ئەڭ كۆپ كۆرۈلىدىغان ھادىسە بولۇپ، كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشىدا كەم بولسا بولمايدىغان ھەمراھ. ھازىر بىلىشىمىزچە، بۇنىڭدىن كەم دىگەندە500 مىڭ يىللار ئىلگىرى ئىنسانلار ئوتتىن پايدىلىنىشنى بىلگەن.
ئىنسانلارنىڭ ئوتتىن پايدىلىنىشىنىڭ ئەھمىيىتى ناھايىتى چوڭ، ئۇ ئىنسانلارنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن يېڭى، كەڭ يول ئېچىپ ، ئىنسانلارنىڭ تەبىئەتنى بويسۇندۇرۇش ئىقتىدارىنى ئاشۇرغان. ئوت ئىنسانلارنىڭ ياۋايى ھايۋانلارنى قوغلاپ ئۆزىنى قوغدىشىغا ھەمدەمدە بولغان؛ ئوت ئۆڭكۈرلەرنى يورۇتۇپ، ئىنسانلارغا ئىسسىقلىق ئاتا قىلىپ، قەھرىتان سوغۇقلارنىڭ ھۇجۇمىدىن ساقلىغان؛ ئوت يەنە ئىنسانلارنىڭ چوڭ ھايۋانلارنى ئوۋلىشىغا ياردەم بېرىپ، ئىنسانلارنى پىششىق يېمەكلىكلەرنى يېيىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلغان. ئوتتىن پايدىلىنىش ئىنسانلارنىڭ يېمەكلىكنى خام پېتى يەيدىغان ئىپتىدائىي تۇرمۇشتىن مەدەنىيلىككە قاراپ تاشلىغان تۇنجى قەدىمى بولۇپ، بۇ ئىنسانلارنىڭ ھايۋانات دۇنياسىدىن ئاخىرقى ھېسابتا بۆلۈنۈپ چىققانلىقىنىڭ بەلگىلىرىدىن بىرى ھېسابلىنىدۇ.
ئىپتىدائىي ئىنسانلارنىڭ ئوتتىن پايدىلىنىشى ئىككى باسقۇچ بويىچە بولغان. تەبىئەتتىكى ياۋا ئوتتىن پايدىلىنىش ۋە ئۇنى ساقلاش بىرىنچى باسقۇچ ھېسابلىنىدۇ. ئۇلار شۇ زامانلاردا ئوتتىن يېمەكلىكلەرنى پىشۇرۇش، ئىسسىنىش، ياۋايى ھايۋانلارنى ئۆلتۈرۈش جەھەتلەردە پايدىلانغىلى بولىدىغانلىقىنى بىلگەن. ئىنتايىن ئۇزاق بىر مەزگىلدىن كېيىن ئىنسانلار سۈنئىي ئوت ھاسىل قىلىش بىلىملىرىنى ئىگىلىگەن. ئۇلار تاشلارنىڭ سوقۇلۇشىدىن ئوت ئۇچقۇنلىرىنىڭ پەيدا بولىدىغانلىقىنى، جىسىملار ئارىسىدىكى سۈركىلىشتىن ئوت ھاسىل بولىدىغانلىقىنى بايقىغاندىن كېيىن ئوت چىقىرىشنىڭ بەزى ماھارەتلىرىنى ئىگىلىگەن. بۇ ۋاقىتقا كەلگەندە، ئىنسانلار ئوتتىن تېخىمۇ ئەركىنرەك پايدىلىنىپ، تەبىئەتنىڭ كونتروللۇقىدىن ئازاد بولغان. سابىق يۇگوسلاۋىيىنىڭ كونا تاش قوراللار دەۋرىدىكى بىر خارابىلىقىدىن كۆيۈپ قارىداپ كەتكەن تاياق تېپىلغان، ئۇنىڭ بىرئۇچى سىلىق، پارقىراق بولۇپ، سۈركىلىشتىن پەيدا بولغانىكەن، بۇ، سۈنئىي ئوت ھاسىل قىلىشنىڭ ئىسپاتى دەپ قارالماقتا.