قورال ياساش
ئىنسانلارنىڭ تەرەققىياتى
ناھايىتى ئۇزاق ۋاقىتلار ئىلگىرىلا ئىنىسانلارنىڭ ئەجدادلىرى ئاددىي تەبىئىي جىسىملاردىن قورال ئورنىدا پايدىلىنىشنى بىلگەن. ئۇلار تاش، ياغاچ، دەرەخ شاخلىرى ۋە ھايۋانلارنىڭ ئۇستىخانلىرىنى تاللىۋېلىپ تۇرمۇشقا ئىشلەتكەن. ھازىر بىلىشىمىزچە، ئەڭ دەسلەپ تەبىئىي قوراللاردىن پايدىلانغانلار بۇنىڭدىن10 مىليون يىللار ئىلگىرى ياشىغان لاما قادىمكى ئادەمسىمان مايمۇنلىرى بولۇپ، ئۇلار ھايۋانلارنىڭ سۆڭەكلىرى، باشلىرىنى تاش بىلەن چېقىپ يىلىكىنى شورىغان. تەبىئىي قوراللاردىن پايدىلىنىش ئىنسانلارنىڭ يىراق ئەجدادلىرى بىلەن پرىماتلار ئائىلىسىدىكى باشقا ھايۋانلارنىڭ ئورتاق ئالاھىدىلىكى، ئەمما قورال ياساش ئىنسانلارنىڭ باشقا ھايۋانلار بىلەن بولغان تۈپ پەرقى.
كەم دېگەندە بۇنىڭدىن2 مىليون يىللار ئىلگىرىلا، ئىنسانلارنىڭ ئەجدادلىرى قورال ياساشنى بىلگەن بولسىمۇ، بىراق بۇ ماھارەتنى ئۆگىنىشكە ئىنتايىن ئۇزاق ۋاقىت كەتكەن. تەبىئەتنى ياخشىلاش كۈرىشىدە، ياشاش دائىرىسىنىڭ كۈنسېرى كېڭىيىشىگە ئەگىشىپ، دۈشمەنلەرنىڭ زىيىنى بارغانسېرى كۆپەيگەچكە، ئىنسانلارنىڭ ئەجدادلىرى تەبىئىي جىسىملارنى ئۆزگەرتىپ، ئۆزلىرىنىڭ قورالغا بولغان ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشنى تەدرىجىي بىلىپ يەتكەن.ئۇلار دەسلىپىدە تەبىئەتتىكى نەرسىلەرنى دورىغان، كېيىنچە تەبىئەتتىكى جىسىملارنى مەقسەتلىك ھالدا مەلۇم شەكىلگە كىرگۈزۈپ، تۇنجى تۈركۈمدىكى قوراللارنى ياساپ چىققان. ياغاچ، دەرەخ شاخلىرى، تاش، ھايۋانلارنىڭ ئۇستىخانلىرى ئۇلارغا ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان، ئاسانلا ئۆزگەرتكىلى بولىدىغان نەرسىلەر بولغاچقا، ئىپتىدائىي قوراللارنى ياساشتا كۆپىنچە مۇشۇ نەرسىلەرنى ماتېرىيال قىلغان. تاش ۋە ئۇستىخانلار ياغاچ ماتېرىياللارغا قارىغاندا چىداملىق بولغاچقا، تاش ۋە سۆڭەكتىن ياسالغان قوراللار بۈگۈنگىچە ساقلىنىپ كەلگەن.
ئىنسانلارنىڭ ئەمگىكى قورال ياساشتىن باشلانغان، ئۇ ئىنسانلارنىڭ بەدەن ساپاسى ۋە مەدەنىيلىكىنىڭ مۇھىم تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە تۈرتكە بولغانلىقتىن، ئادەمسىمان مايمۇندىن ئادەمگە قاراپ تەدرىجىي تەرەققىي قىلىش داۋامىدا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بولغان.