UyghurWiki
UyghurWikiئىنساننىڭ تەرەققىياتىيىغىش ۋە ئوۋچىلىق

يىغىش ۋە ئوۋچىلىق

ئىنسانلارنىڭ تەرەققىياتى يىغىش ۋە ئوۋچىلىق ئىنسانلارنىڭ ئەڭ دەسلەپكى بىر خىل ئىقتىسادىي تۇرمۇش شەكلى. ئىنتايىن ئۇزاق زامانلار ئىلگىرى، دەسلەپكى ئىنسانلار ئاساسەن ئوتلاق ۋە ئورمانلىقلارنىڭ ئەتراپىدىكى جايلاردا ياشىغان،ئۇ يەرلەردە ئىنتايىن مول تەبىئىي بايلىقلار بولغان. ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى سەۋىيىسى تۆۋەن بولغاچقا، ئادەملەر نوقۇل ھالدا تەبىئەت دۇنياسى ئاتا قىلغان نەرسىلەرگە تايىنىپ ھايات كۆچۈرگەن، ياۋايى ئۆسۈملۈكلەرنىڭ يىلتىزى، غولى، يوپۇرمىقى، مېۋىسىنى يىغىپ ۋە ھايۋانلارنى ئوۋلاپ يېمەكلىك قىلغان. ھازىر بايقالغان دەسلەپكى ئادەملەرنىڭ نۇرغۇن خارابىلىرىدە، قەدىمكى ھايۋان ۋە ئۆسۈملۈكلەرنىڭ تاشقا ئايلانغان بەزى جىسىملىرى بايقالغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسىنى دەسلەپكى ئىنسانلار مەقسەتلىك يىغقان ۋە ئوۋلاپ ئەكەلگەن. يىغىش ۋە ئوۋچىلىق تۇرمۇش شەكلى ئاساسەن كونا تاش قوراللار دەۋرىدە ئومۇملاشقان. بۇ خىل تۇرمۇش شەكلى ئىنسانلارنىڭ يېمەكلىككە بولغان ئېھتىياجىنى قاندۇرالمىغانلىقتىن، دەسلەپكى ئىنسانلار ئاچ - يالىڭاچلىقتا جاپالىق تۇرمۇش كەچۈرۈپ، كۆپىيىشى زور بولمىغان. ئۇ زامانلاردا ئون نەچچە ياشتىلا ئۆلۈپ كېتىدىغان ئەھۋاللار ناھايىتى كۆپ كۆرۈلگەن. ئارخېئولوگىيىلىك قېزىلمىلاردىن ئىسپاتلىنىشىچە، ئۆسۈملۈكلەر دەسلەپكى ئىنسانلارنىڭ يېمەكلىكىدە خېلى چوڭ نىسبەتنى ئىگىلىگەن، كېيىنچە ھايۋانلارنىڭ نىسبىتى چوڭىيىپ، چوڭى خەنجەر چىشلىق يولۋاس، كەركىدان، پىل، كىچىكى چاشقان، چۈمۈلە قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئۇلارنىڭ ئوۋلاش ئوبيېكتى بولغان. بۇنداق تۇرمۇش شەكلىدە، ئەرلەر ئادەتتە كوللېكتىپ ئوۋ ئوۋلىسا، ئاياللار ئاساسەن يىغىش ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانغان. يىغىش ۋە ئوۋچىلىق تۇرمۇش شەكلى كېيىنچە تەدرىجىي پارچىلىنىپ، ئىپتىدائىي دېھقانچىلىق بىلەن ئىپتىدائىي چارۋىچىلىققا قاراپ تەرەققىي قىلغان.
← بارلىق تېمىلار ئىنساننىڭ تەرەققىياتى