UyghurWiki
UyghurWikiئىنساننىڭ تەرەققىياتىتاش قوراللار دەۋرى

تاش قوراللار دەۋرى

ئىنسانلارنىڭ تەرەققىياتى ئىنسانلارنىڭ دەسلەپكى تارىخىي تەرەققىيات جەريانىدا، تاش قوراللاردىن پايدىلىنىش ۋاقتى ئىنتايىن ئۇزاق بولغان. يېقىنقى زامان ئارخېئولوگلىرى ئاساسەن تاش قوراللاردىن پايدىلىنىپ ئەمگەك بىلەن شۇغۇللانغان دەۋرنى تاش قوراللار دەۋرى دەپ ئاتىغان ھەمدە تاش قوراللارنى ياساش تېخنىكىسىدىكى ئىلگىرىلەش ئەھۋالىغا قاراپ، ئۇنى كونا تاش قوراللار دەۋرى، ئوتتۇرا تاش قوراللار دەۋرى ۋە يېڭى تاش قوراللار دەۋرى دەپ ئۈچ تارىخىي باسقۇچقا ئايرىغان. كونا تاش قوراللار دەۋرى ئىنسانلار تارىخىدىكى ئىپتىدائىي توپتىن ئانىلىق ئۇرۇقداشلىق كوممۇنىسىنىڭ پەيدا بولۇشىغىچە بولغان دەۋر بولۇپ، تەخمىنەن2 -3 مىليون يىلنى بېشىدىن كەچۈرگەن. ئۇ چاغلاردا ئىنسانلار يىغىش ۋە ئوۋچىلىق تۇرمۇشى كەچۈرگەن. بۇ چاغدىكى تاش قوراللار تاشنى تاشقا چوقۇش ئارقىلىق ياسالغان. تاشلارنى چوقۇش ئارقىلىق ئۇلاردىن تىغلىق ياكى ئۇچلۇق قوراللارنى ياسىغان. بۇنداق قوپال تاش قوراللاردىن چاپقۇچ (پالتا)، ئۇچلۇق شەكىلدىكى قوراللار بولغان. كونا تاش قوراللار دەۋرىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىگە كەلگەندە، تاش قوراللارنى ياساش، پىششىقلاپ ئىشلەش تېخنىكىسىدا زور ئىلگىرىلەشلەر بولۇپ، ئىنچىكە، نازۇك ئىشلەنگەن قىرىش-يونۇش قوراللىرى، ئۆتكۈر بىسلىق ئۇچلۇق پىچاقلار، نەيزە قاتارلىقلار مەيدانغا كېلىپ، ئوتتۇرا تاش قوراللار دەۋرىگە قاراپ ئىلگىرىلىگەن. جۇڭگونىڭ ئەينى چاغلاردىكى تاش قوراللىرىنىڭ كۆپىنچىسى كۋارتىس تاش ۋە چاقماق تېشىدىن ياسالغان يوغان چېپىش قوراللىرى، كىچىك ئۇچلۇق قوراللار ۋە قىرىش - يونۇش قوراللىرى قاتارلىقلاردىن ئىبارەت بولغان. ئوتتۇرا تاش قوراللار دەۋرىدە، ئىنچىكە ئىشلەنگەن تاش قوراللار ئومۇميۈزلۈك ئىشلىتىلگەن. ئىنچىكە تاش قوراللار ۋاسىتىلىك سوقۇش ئارقىلىق ياسالغان. تاش قوراللارنى سوقۇپ ياسىغاندا، چوڭ سۆڭەك ياكى ئۇچلۇق تاياق تاشقا تىرەپ تۇرۇلۇپ، يەنە بىر ئۇچىغا ئۇرۇپ، ئېھتىياجلىق ھالەتكە كەلتۈرۈلگەن. بۇ ۋاقىتتا ئوقيا ئومۇميۈزلۈك ئىشلىتىلگەن، ئىتمۇ قولغا كۆندۈرۈلگەن، ئانىلىق ئۇرۇقداشلىق كوممۇنىسى يەنىمۇ تەرەققىي قىلغان. يېڭى تاش قوراللار دەۋرىگە كەلگەندە، ئىنسانلار سىلىقلانغان ياكى تۆشۈك ئېچىپ پىششىقلاپ ئىشلەنگەن قوراللاردىن كەڭ كۆلەمدە پايدىلانغان، بۇنداق تاش قوراللاردىن تاش پالتا، تاش پىچاق، تاش چوت، تاش گۈرجەك، تاش بىگىز ۋە تاش ساپان قاتارلىقلار مەيدانغا كەلگەن. ئۇ چاغلاردا كىشىلەر مۇقىم ئولتۇراقلىشىپ، ئىپتىدائىي دېھقانچىلىق ۋە چارۋىچىلىق ئىشلەپچىقىرىش ئەمگىكى بىلەن شۇغۇللانغان. بەزى جايلاردىكى كىشىلەر يەنە قوپال ساپال بۇيۇملارنى ئىشلىتىشكە باشلىغان. دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىنىڭ يېڭى تاش قوراللار دەۋرىگە كىرگەن ۋاقتى ئوخشاشمايدۇ. مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى12500 - يىللىرى ئافرىقىدىكى ئوۋچىلار سىلىقلانغان ۋە تۆشۈك تېشىلگەن تاش قوراللاردىن پايدىلانغان. بىراق، ئادەتتە يېڭى تاش قوراللار دەۋرى مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى8000 - يىللىرى باشلانغان، بۇ چاغ ئۇرۇقداشلىق كوممۇنىسى گۈللەنگەن دەۋر ئىدى دەپ قارىلىدۇ. بۇ دەۋرنىڭ كېيىنكى مەزگىللىرىگە كەلگەندە، ئىپتىدائىي جەمئىيەت يىمىرىلىشكە باشلىغان. يېڭى تاش قوراللار دەۋرىنىڭ ئاخىرلىرى، ئىنسانلار ئەڭ دەسلەپ مىس رۇدىلىرىدىن قىزىل مىس تاۋلاپ چىقىشنى بىلگەن. بىراق، قىزىل مىستىن ياسالغان قورال - سايمانلار ئاسانلا ئېگىلىپ كەتكەچكە، ئىشلىتىلىش دائىرىسى چەكلىمىگە ئۇچرىغان. بۇنىڭ بىلەن ئەينى چاغدىكى كىشىلەر قىزىل مىستىن ياسالغان قورال - سايمانلار بىلەن تاش قوراللارنى بىللە ئىشلىتىپ كەلگەن. ئارخىئولوگىيىدە بۇ تارىخىي دەۋر مېتال - تاش قوراللار بىللە ئىشلىتىلگەن دەۋر دەپ ئاتالغان. ئۇنىڭدن كېيىن ئىنسانلار تارىخى برونزا دەۋرىگە قەدەم قويغان.
← بارلىق تېمىلار ئىنساننىڭ تەرەققىياتى