كرومانلىقلار
ئىنسانلارنىڭ تەرەققىياتى
بۇنىڭدىن30 مىڭ يىللار ئىلگىرى، ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇقىدا ئۆمرى قىسقا (ئوتتۇرىچە يېشى40 تىن ئاشمايدۇ)، ئەقلىي ئىقتىدارى يۇقىرىراق دەسلەپكى ئىنسانلار − كرومانلىقلار پەيدا بولغان، ئۇلار كېيىنكى ئىدراكلىق ئادەملەرگە مەنسۇپ.
كرومانلىقلارنىڭ تاشقا ئايلانغان جىسىملىرى ئەڭ دەسلىپىدە فرانسىيىدىكى كرومان ئۆڭكۈرىدە بايقالغان. ئېنىقلاپ بېكىتىشكە قارىغاندا، ئۇلارنىڭ بەدەن شەكلى ئاساسەن ھازىرقى ئادەملەرنىڭكىگە ئوخشىشىپ كېتىدىكەن: ئالدىنقى ئىڭىكى روشەن ئالدىغا چىققان، تاڭلىيى چوڭقۇر، چىش ئورنى تىرەن، باش قىسمى تەرەققىي قىلغان بولۇپ، ئادەمسىمان مايمۇنلارنىڭكىدەك ھالەت قالمىغان. ماڭلىيى ئېگىز، بېشىنىڭ چوققىسى ئېگىز ھەم كەڭ، مېڭىسى يۇمىلاق ھەم تولۇق، مېڭە سىغىمچانلىقى تەخمىنەن1660 مىللىلىتىر بولۇپ، ھازىرقى زامان ئادەملىرىنىڭ ئوتتۇرىچە مېڭە سىغىمچانلىقىدىن يۇقىرى، مېڭىسىنىڭ ئىچكى ئېرىقچىلىرىمۇ ھازىرقى زامان ئادەملىرىنىڭكىدىن پەرقلەنمىگەن، خېلى يۇقىرى ئەقىلغا ئىگە بولۇپ بولغان. كرومانلىقلارنىڭ باش سۆڭىكىنىڭ ئالاھىدىلىكى سوزۇق باش بىلەن كەڭ يۈزلۈكنىڭ بىرلىشىشى بولۇپ، كۆز چانىقى پەس، بۇلۇڭ شەكىلدە، قاڭشارلىق، تار بۇرنى كەڭ يۈزىدە ئالاھىدە گەۋدىلىنىپ تۇرغان.
كرومانلىقلارنىڭ قول - پۇت سۆڭەكلىرىدىن مۆلچەرلىنىشىچە، ئۇلارنىڭ بەدىنى قاۋۇل، ئېگىزلىكى82 .1 مېتىر، مۈرىسى كەڭ، كۆكرىكى چوڭ، ئالدىنقى بىلەك سۆڭىكى قول يىلىك سۆڭىكىدىن ئۇزۇن بولغان. كرومانلىقلار يول ماڭغاندا پۈتۈنلەي ئۆرە ماڭغان، ھەرىكىتى چاققان، قول - پۇتلىرى تەرەققىي قىلغان، قوللىرى ئىنتايىن چاققانلىشىپ، ئويمىچىلىق ۋە سىزمىچىلىققا لايىقلاشقان. ياۋروپادىكى ھازىرقى ئاق تەنلىكلەر كرومانلىقلاردىن تەرەققىي قىلىپ كەلگەن.