UyghurWiki
UyghurWikiئىنساننىڭ تەرەققىياتىھېيدبالىقلار

ھېيدبالىقلار

ئىنسانلارنىڭ تەرەققىياتى 1907 -يىلى، گېرمانىيىنىڭ ھېيدبا دېگەن يېرىنىڭ شەرقىي جەنۇبىدا چىڭ ھەم خېلى يوغان تاشقا ئايلانغان ئاستىنقى ئىڭەك سۆڭىكى تۇنجى قېتىم بايقالغان، بۇ دۇنياغا داڭلىق ھېيدبالىقلارنىڭ تاشقا ئايلانغان جىسىملىرى. ئىلمىي تەكشۈرۈپ بېكىتىش ئارقىلىق ھېيدبالىقلارنىڭ بۇنىڭدىن ئىلگىرىكى500 مىڭ يىلدىن400 مىڭ يىللار ئارىلىقىدا ياشىغانلىقى مەلۇم بولغان، بۇ ھازىرغىچە ياۋروپادا بايقالغان ئەڭ دەسلەپكى مايمۇنسىمان ئادەملەر ھېسابلىنىدۇ. سىرتقى قىياپىتىدىن قارىغاندا، ھېيدبالىقلار يەنە نۇرغۇن ئىپتىدائىي ئالاھىدىلىكلەرنى ساقلاپ قالغان، ئاستىنقى ئىڭىكى تۈز، تاڭلاي قىسمى چوڭقۇر، چايناش مۇسكۇللىرىنىڭ ئەتراپى ئالاھىدە يوغان بولۇپ، كېيىنكى مايمۇنسىمان ئادەملەرگە مەنسۇپ بولغان. ھېيدبالىقلارنىڭ سۆڭەكلىرى يوغان بولۇپ، ئۆرە ماڭالايدۇ. تۇرمۇشتىن بىللە بەھرىمەن بولۇپ، كوللېكتىپنىڭ كۈچىگە تايىنىپ ياشىغان. ئەر-ئاياللار ئارىسىدا تەبىئىي ئىش تەقسىماتى بولغان بولۇشى، ئەرلەر ئوۋچىلىق بىلەن، ئاياللار يىغىش - تېرىش بىلەن، ياشانغانلار بالىلارغا قاراش بىلەن شۇغۇللانغان بولۇشى مۈمكىن. ھېيدبالىقلار ياۋروپادىكى تىپىك ئۆرە ماڭىدىغان مايمۇنسىمان ئادەملەردۇر.
← بارلىق تېمىلار ئىنساننىڭ تەرەققىياتى
ھېيدبالىقلار | UyghurWiki | UyghurWiki