ئىپتىدائىي دېھقانچىلىق ۋە ئىپتىدائىي چارۋىچىلىق
ئىنسانلارنىڭ تەرەققىياتى
ئىپتىدائىي دېھقانچىلىق بىلەن ئىپتىدائىي چارۋىچىلىق يىغىش ۋە ئوۋچىلىقتىن تەرەققىي قىلىپ كەلگەن.
ئىنتايىن ئۇزاق زامانلار ئىلگىرى، دەسلەپكى ئىنسانلار ئۇزاق مەزگىللىك يىغىش ئەمگىكى ئەمەلىيىتىدە، بەزى ئۆسۈملۈكلەرنىڭ يىلدا بىر قېتىم كۆكلەپ قۇرۇپ كېتىدىغانلىقىدەك ئالاھىدە ئەھۋالنى بايقاپ، ئۇلارنىڭ مېۋىسى، يىلتىزى ۋە غوللىرىنى ئۆز قەرەلىدە يىغىپ يېيىشنى بىلگەن، بەزى ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئۆسۈش قانۇنىيەتلىرىنى پىششىق ئىگىلىگەن ھەمدە ئۇلارنى تېرىپ ئۆستۈرۈش ئۇسۇللىرى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، ئىپتىدائىي دېھقانچىلىقنى بارلىققا كەلتۈرگەن.
دەسلىپىدىلا يىغىش ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانغان ئاياللار ئىپتىدائىي دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان. ئۇلار تاش ئوتىغۇچ، تاش پالتا قاتارلىق قوراللاردا تېرىقچىلىق قىلىپ، ئىپتىدائىي دېھقانچىلىق ئىشلەپچىقىرىشى بىلەن شۇغۇللانغان. ئاسىيا، ئافرىقا ۋە ئامېرىكا قىتئەلىرىنىڭ ھەممىسىدە دېھقانچىلىق يېزا-كەنتلىرى بارلىققا كەلگەن، ياۋروپادا دېھقانچىلىق كېيىنرەك شەكىللەنگەن. ئەڭ قەدىمكى زىرائەتلەردىن: ئامېرىكىدىكى ئىندىئانلار يېتىشتۈرگەن كۆممىقوناق، ياڭيۇ، تاتلىقياڭيۇ، ئاسىيا ۋە ئافرىقىلىقلار يېتىشتۈرگەن بۇغداي، ئارپا، شال، پاختا، تېرىق، ياۋروپالىقلار يېتىشتۈرگەن بۇغداي قاتارلىقلار بار. كۆممىقوناق ئىپتىدائىي زىرائەت بولۇپ، تەخمىنەن7000 يىللار ئىلگىرى مۇۋەپپەقىيەتلىك يېتىشتۈرۈلگەن. بۇغداي بىلەن ئارپا بۇنىڭدىن تەخمىنەن9000 يىللار ئىلگىرى مۇۋەپپەقىيەتلىك يېتىشتۈرۈلگەن.
دەسلەپكى ئىنسانلار ئۇزاق ئوۋچىلىق ئەمگىكى ئەمەلىيىتىدە، ئوزۇقلۇق تولۇقلاش يۈزىسىدىن بەزى كىچىك ياۋايى ھايۋانلارنى مەقسەتلىك ھالدا ئۆيلىرىگە ئەكېلىپ بېقىش جەريانىدا، بەزى ھايۋانلارنى كۆندۈرۈپ ئۆي ھايۋانلىرىغا ئايلاندۇرۇشقا بولىدىغانلىقىنى تەدرىجىي بايقىغان. بۇنىڭ بىلەن ئىپتىدائىي چارۋىچىلىق پەيدا بولغان.
ئەڭ دەسلىپىدە ئىت، ئۆچكە، كېيىنرەك چوشقا، كالا، ئېشەك، ئات، ئۇنىڭدىنمۇ كېيىنرەك كۈركە توخۇ،توخۇ قاتارلىقلار كۆندۈرۈلگەن. بىراق، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ياۋايى ھايۋانلارنى كۆندۈرۈپ ئۆي ھايۋانلىرىغا ئايلاندۇرۇش ۋاقتى ئوخشاش بولمىغان. ئىتنى كۆندۈرۈشنى مىسالغا ئالساق، ئامېرىكا قىتئەسىدە بۇنىڭدىن ئىلگىرىكى تەخمىنەن14 مىڭ يىلدىن9000 يىللار ئارىلىقىدا، ئىراندا تەخمىنەن11 مىڭ يىل ئىلگىرى، دانىيىدە تەخمىنەن6800 يىل ئىلگىرى. بۇنىڭدىن تەخمىنەن5000 يىلدىن4000 يىللار ئىلگىرى جۇڭگو ياۋا توخۇنى كۆندۈرگەن.
ئىپتىدائىي دېھقانچىلىق ۋە ئىپتىدائىي چارۋىچىلىقنىڭ بارلىققا كېلىشى بىلەن ئىنسانلار ئۆزلىرىنىڭ ئەمگىكى ئارقىلىق ھايۋانات، ئۆسۈملۈك ئىشلەپچىقىرىشىنى كۆپەيتىپ، تۇرمۇشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلغان، نوپۇس ئۈزلۈكسىز كۆپىيىپ، بىرقەدەر خاتىرجەم بولغان ياشاش يولى ئېچىلغان.