ئىپتىدائىي دىن
ئىنسانلارنىڭ تەرەققىياتى
ئىپتىدائىي دىن ئىنسانلار جەمئىيىتىنىڭ دەسلىپىدە پەيدا بولغان دىنىي ئېتىقاد، ئۇ تەبىئەتكە چوقۇنۇش، توتېمغا چوقۇنۇش ۋە ئەجدادلىرىغا چوقۇنۇش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
ئىپتىدائىي جەمئىيەتتە ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ سەۋىيىسى تۆۋەن، كىشىلەرنىڭ ھەر خىل تەبىئەت ھادىسىلىرىنىڭ مەۋجۇتلۇقى ۋە كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە ۋاقىت ئىچىدە بولىدىغان ئۆزگىرىشلەرنى تونۇپ يېتىشى كەمچىل بولغاچقا، ئىنتايىن گاڭگىراش ۋە ئاجىزلىق ھېس قىلغان، كۈن، ئاي، گۈلدۈرماما، چاقماق، بوران، يامغۇر، قىرو، سۇ، ئوت ھەمدە مەلۇم بىر خىل ھايۋان ياكى ئۆسۈملۈكتە روھ بار دەپ قاراپ، ئۇلارغا ئىلاھ ئورنىدا چوقۇنغان، ئىلاھتىن ئاپەتتىن ساقلاپ، بەختكە ئېرىشتۈرۈشنى تىلىگەن، بۇ تەبىئەتكە چوقۇنۇش دەپ ئاتالغان. بۇ، ئىپتىدائىي جەمئىيەتتىكى ئاھالىلەردە ئومۇميۈزلۈك بار بولغان دىنىي ئاڭ. ئامېرىكا قىتئەسىدىكى ئىندىئانلارنىڭ قۇياش ۋە ئايغا چوقۇنۇشى، مىسىرلىقلارنىڭ شىر تەنلىك، ئادەم يۈزلۈك ھەيكەلگە چوقۇنۇشى، شەرقىي جەنۇبى ئاسىيادىكى ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ شال ياكى دەرەخ ئىلاھىغا چوقۇنۇشى، سائامىلىقلارنىڭ ئېيىققا ئاتاپ نەزىر - چىراغ مۇراسىمى ئۆتكۈزۈشى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى يىراق قەدىمكى تەبىئەتكە چوقۇنۇشنىڭ قالدۇقلىرى. كېيىنكى كۆپ ئىلاھلىق دىنمۇ تەبىئەتكە چوقۇنۇشتىن تەرەققىي قىلىپ كەلگەن.
توتېمغا چوقۇنۇشمۇ ئىپتىدائىي جەمئىيەتتە ئومۇملاشقان بىر خىل دىنىي ئېتىقاد. »توتېم« ئىندىئان تىلىدىكى »ئۇنىڭ قان قېرىندىشى« دېگەن سۆزدىن كەلگەن. ئۇ چاغلاردا، كىشىلەر ھەربىر ئۇرۇقداش مەلۇم ھايۋان، ئۆسۈملۈك ياكى باشقا جانسىز نەرسىلەر بىلەن قانداقتۇر سىرلىق قېرىنداشلىق مۇناسىۋەت ياكى باشقا ئالاھىدە مۇناسىۋەتلەرگە ئىگە دەپ قارىغان، شۇ نەرسە ئاشۇ ئۇرۇقنىڭ توتېمى، ئاشۇ ئۇرۇقنى قوغدايدىغان سىمۋولغا ئايلىنىپ قالغان. كۆپچىلىك ئۇرۇقلار ھايۋانلار (ئېيىق، بۆرە، بۇغا قاتارلىقلار)نى توتېم قىلىپ، شۇنىڭ نامى بىلەن ئاتالغان. كىشىلەر ئۆز ئۇرۇقىنىڭ توتېمىنى ئۆلتۈرۈش، يېيىشنى چەكلەپ، دائىم تاۋاپ قىلىش مۇراسىملىرىنى ئۆتكۈزۈپ تۇرغان. توتېمغا چوقۇنۇش دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا تارقالغان، يېقىنقى زاماندىمۇ بەزى قەبىلە ۋە مىللەتلەردە يەنىلا ساقلىنىپ كەلگەن.
ئەجدادلارغا چوقۇنۇش ئەجدادلارنىڭ روھىغا چوقۇنۇشنى ئوبيېكت قىلغان بىر خىل دىنىي ئېتىقاد، ئۇمۇ ئىپتىدائىي جەمئىيەتتە ئومۇملاشقان. ئەينى چاغلاردا كىشىلەر ئۆلگەن ئەجدادلارنىڭ روھى ئارىمىزدا بولىدۇ، كېيىنكى ئەۋلادلىرىمىزنىڭ تۇرمۇشىغا پاراكەندىچىلىك سالماسلىقى ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ قوغدىشىنى تىلىشىمىز كېرەك دەپ قاراپ، تۈرلۈك شەكىللەردىكى روھنى تىنچلاندۇرۇش نەزىر - چىراغلىرىنى ئۆتكۈزگەن، بۇنىڭ بىلەن ئەجدادلارغا چوقۇنۇش پەيدا بولغان. ئاتىلىق ئۇرۇقداشلىق كوممۇنىسىنىڭ پەيدا بولۇشى ۋە تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، ئەجدادلارغا چوقۇنۇش بىلەن قانداشلىق ئېڭى ئۆزئارا بىرلىشىپ، ئۇ جەمەتىنىڭ كۈچىنى قوغدايدىغان بىر خىل ۋاسىتىگە ئايلانغان. ئەجدادلارغا چوقۇنۇش قۇللۇق جەمئىيەت ۋە فېئوداللىق جەمئىيەتتە ئۇزاق ساقلىنىپ، دىنىي قانۇن شەكلى بىلەن ئوتتۇرىغا چىققان.
ئىپتىدائىي دىن يىراق قەدىمكى ئىنسانلارنىڭ تەبىئەت، ئادەم قاتارلىق مەسىلىلەرگە بولغان غۇۋا تونۇشى ۋە ئەينى چاغلاردىكى مۇشەققەتلىك تۇرمۇش ئەھۋالىنى ئەكس ئەتتۈرگەن، شۇنداقلا يەنە ئىنسانلارنىڭ مول تەسەۋۋۇرغا ئىگە ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بەرگەن. ئۇ ئىنسانلار مەدەنىيىتىنىڭ ئەڭ دەسلەپكى جەۋھەرلىرىنىڭ بىرى، شۇنداقلا كېيىنكى دىن تەرەققىياتىنىڭ ئاساسى.