UyghurWiki
UyghurWikiئىنساننىڭ تەرەققىياتىقەبىلە ۋە قەبىلە ئىتتىپاقى

قەبىلە ۋە قەبىلە ئىتتىپاقى

ئىنسانلارنىڭ تەرەققىياتى قەبىلە ئىككى ياكى ئۇنىڭدىن ئارتۇق قانداشلىق مۇناسىۋىتى ئوخشاش بولغان ياكى قانداشلىق مۇناسىۋىتى ئوخشىشىپ كېتىدىغان ئۇرۇقداشلار ياكى قېرىنداشلار جەمەتىنىڭ بىرلىشىشىدىن تەشكىللەنگەن ئىجتىمائىي تەشكىلات. قېرىنداشلار جەمەتى چوڭ ئۇرۇقداشلار جەمەتىدىن بۆلۈنۈپ چىققان بەزى كىچىك ئۇرۇقداشلارنى كۆرسىتىدۇ، ئۇلار قانداشلىق مۇناسىۋەتتە بولغانلىقى، ئۆزلىرىنىڭ ئەجدادلىرىنى ياد ئېتىپ تۇرغانلىقى ئۈچۈن، يەنە تەبىئىيلا بىرلىشىپ كېتەلەيدىغان ئاچا - سىڭىل ئۇرۇقداشلارغا ئايلانغان. ئىپتىدائىي جەمئىيەتتە، بىر - بىرى بىلەن تويلاشقان ئىككى ئۇرۇق دەسلەپكى قەبىلىلەرنى ھاسىل قىلغان. ھەربىر قەبىلىنىڭ ئۆز ئالدىغا نامى، پائالىيەت رايونى، ئورتاق دىنىي ئېتىقادى، ئۆرپ - ئادىتى، ئورتاق شېۋىسى بولغان. قەبىلە كېڭىشى قەبىلىنىڭ مەمۇرىي ئىشلىرىنى باشقۇرىدىغان ئەڭ ئالىي ھوقۇقلۇق ئورگان بولۇپ، بۇ كېڭەش مۇشۇ قەبىلىگە قاتناشقان ئۇرۇق بېشى ۋە ھەربىي باشلىقلاردىن تەركىب تاپقان. بەزى قەبىلىلەر يەنە بىر كېڭەش ئەزاسىنى قەبىلىنىڭ ئاقساقاللىقىغا كۆرسەتكەن. بارلىق قەبىلە ئەزالىرى قاتناشقان قەبىلە ئەزالىرى يىغىنى ئادەتتە قەبىلە ئاقساقاللىرىنى سايلاش، ئۇرۇش ۋە تىنچلىق توغرىسىدا قارار ماقۇللاش ۋاقىتلىرىدىلا چاقىرىلغان. ئىپتىدائىي جەمئىيەتنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدە، ئۇرۇش تەدرىجىي كۆپەيگەن، ئورتاق دۈشمەنگە تاقابىل تۇرۇش ياكى تۇرمۇش رايونلىرىنىڭ بىخەتەرلىكگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ئىككى ياكى ئىككىدىن ئارتۇق قەبىلىلەر بىرلىشىپ تېخىمۇ زور ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنى بارلىققا كەلتۈرگەن، بۇلار قەبىلە ئىتتىپاقى دەپ ئاتالغان. قەبىلە ئىتتىپاقىنىڭ ئەڭ ئالىي ھوقۇقلۇق ئورگىنى قەبىلە ئىتتىپاقى كېڭىشى بولۇپ، «ئاقسۆڭەكلەر كېڭىشى» دەپمۇ ئاتالغان، بۇ كېڭەش مۇشۇ ئىتتىپاققا قاتناشقان ھەرقايسى قەبىلە ۋەكىللىرىدىن تەشكىللەنگەن. ئۇنىڭدىن باشقا، يەنە ھەربىي باشلىق، خەلق قۇرۇلتىيى تەسىس قىلىنغان. قەبىلە ئىتتىپاقىنىڭ شەكىللىنىشى ھەرقايسى قەبىلىلەر ئارىسىدىكى ئىقتىساد، مەدەنىيەت ۋە رايونلار مۇناسىۋەتلىرىنى كېڭەيتىش بىلەن بىللە قەبىلە ئاقساقاللىرىنىڭ ھوقۇقىنىمۇ كۈچەيتكەن، بۇنىڭ نەتىجىسىدە خانلىق ئىمتىيازنىڭ بىخلىرى پەيدا بولۇشقا باشلىغان. قەبىلە ئىتتىپاقى يەنىمۇ بىر قەدەم ئىلگىرىلىگەن ئىجتىمائىي تەشكىلات − دۆلەت شەكىللىنىشنىڭ ئاساسى بولغان.
← بارلىق تېمىلار ئىنساننىڭ تەرەققىياتى
قەبىلە ۋە قەبىلە ئىتتىپاقى | UyghurWiki | UyghurWiki