تىل
ئىنسانلارنىڭ تەرەققىياتى
تىل ئىنسانلارنىڭ تەپەككۇر قىلىش ۋە ئوي - پىكىرنى ئىپادىلەش ۋاسىتىسى بولۇپ، ئىنسانلارنىڭ ئەڭ مۇھىم ئالاقە قورالى، شۇنداقلا ئىنسانلارنىڭ باشقا ھايۋانلاردىن پەرقلىنىپ تۇرىدىغان ماھىيەتلىك ئالاھىدىلىكلىرىنىڭ بىرى. باشقا ھايۋانلار ئاددىي تاۋۇش ۋە ھەرىكەتلەر ئارقىلىقلا ئالماشتۇرۇش ئېلىپ بارالايدۇ، ھالبۇكى ئىنسانلارنىڭ تىلى دەل مانا مۇشۇنداق ئاددىي تاۋۇشلار ئاساسىدا، ئورتاق ئەمگەك جەريانىدا بارلىققا كەلگەن.
ئادەمسىمان مايمۇندىن ئادەمگە تەدرىجىي تەرەققىي قىلىش، ئورتاق ئەمگەك قىلىش ۋە تۇرمۇش كەچۈرۈش جەريانىدا، كىشىلەر ئارىسىدىكى ئالاقە ئېھتىياجى كۈنسېرى كۈچەيگەن. بۇنداق ئەھۋالدا، ئاددىي تاۋۇش بىلەن ئوي - پىكىرنى توغرا ئىپادىلەش ۋە ئالاقىنى ياخشى ئېلىپ بېرىش مۇمكىن بولماي قالغان، بۇنىڭ بىلەن كۆپ تەكرارلىنىدىغان، كۆپ تاۋۇشلۇق تىل تەدرىجىي پەيدا بولغان. شۇنىڭ بىلەن بىللە ئادەمنىڭ تاۋۇش چىقىرىش ئەزالىرى ۋە قوبۇل قىلىش، چۈشىنىش ئەزالىرىنىڭ ئىقتىدارىمۇ بارغانسېرى يېتىلىپ بارغان. ئادەمنىڭ بۇ خىل ئىجتىمائىيلىقى بىلەن ئىقتىدارىنىڭ تەدرىجىي تەرەققىياتى ئەمگەك بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولغاچقا، ئەمگەك تىلنىڭ پەيدا بولۇشى ۋە تەرەققىي قىلىشىدىكى ھەرىكەتلەندۇرگۇچ كۈچنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ.
ھازىرقى زامان تىلى ھىندى - ياۋروپا تىل سىستېمىسى، خەنزۇ - تىبەت تىل سىستېمىسى قاتارلىقلارغا ئايرىلىدۇ، ئوخشاش بىر تىل سىستېمىسى ھەرقايسى تىللار ئارىسىدىكى قېرىنداشلىق مۇناسىۋىتىنىڭ يىراق - يېقىنلىقىغا قاراپ بىرقانچە تىل گۇرۇپپىسىغا، ھەربىر تىل گۇرۇپپىسى يەنە مۇناسىۋىتىنىڭ يىراق - يېقىنلىقىغا قاراپ بىرقانچە تىل تارماقلىرىغا بۆلۈنىدۇ. ئورتاق تىل يەنە دائىم مىللەتنىڭ ئالاھىدىلىكى بولۇپ قالىدۇ.