UyghurWiki
UyghurWikiئىنساننىڭ تەرەققىياتىئانىلىق ئۇرۇقداشلىق كوممۇنىسى

ئانىلىق ئۇرۇقداشلىق كوممۇنىسى

ئىنسانلارنىڭ تەرەققىياتى ئانىلىق ئۇرۇقداشلىق كوممۇنىسى ئانىنىڭ قانداشلىق مۇناسىۋىتىنى ئاساس قىلىپ ئۇيۇشقان ئىپتىدائىي جەمئىيەتنىڭ ئاساسىي بىرلىكى بولۇپ، قانداشلىق جەمەتنىڭ يەنىمۇ تەرەققىي قىلىشى، ئۇرۇقداشلىقنىڭ تەدرىجىي شەكىللىنىشى ئاساسىدا پەيدا بولغان، دۇنيادىكى ھەرقايسى مىللەتلەر ئومۇمىيۈزلۈك باشتىن كەچۈرگەن بىر باسقۇچ. ئانىلىق ئۇرۇقداشلىق كوممۇنىسى تەخمىنەن كونا تاش قوراللار دەۋرىنىڭ ئاخىرىدا بارلىققا كېلىپ، يېڭى تاش قوراللار دەۋرىدە گۈللىنىش باسقۇچىغا كىرگەن ھەمدە ئاتىلىق ئۇرۇقداشلىق كوممۇنىسى تەدرىجىي ئۇنىڭ ئورنىنى ئالغان. ئانىلىق ئۇرۇقداشلىق كوممۇنىسىدا، ئاياللار ئىشلەپچىقىرىش ۋە تۇرمۇشتا ئاساسىي يېتەكچى ئورۇندا تۇرغان. نەسەب ئانىنىڭ ھېسابىغا ئاساسەن، ئانىلىق ئۇرۇقداشلىققا ۋارىسلىق قىلىش تۈزۈمى ئورنىتىلغان. بالىلار ئانىسىنىلا بىلىپ، ئاتىسىنىڭ كىملىكىنى بىلمىگەن. ئاياللار ئۇرۇقداشلىق كوممۇنىسىدا ھۆكۈمران ئورۇندا بولۇپ، ئۇرۇق بېشىمۇ ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى ياشانغان ئابرۇيلۇق ئاياللاردىن تەيىنلەنگەن. ئاياللار ئۇرۇقداشلىق كوممۇنىسىنىڭ ئىچكى ئىشلىرىنى باشقۇرغاندىن تاشقىرى، ئاساسەن يېمەك - ئىچمەك يىغىش ۋە ئىپتىدائىي دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىپ، تۇرمۇشنى بىرقەدەر مۇقىملىققا ئىگە قىلغان. ئەرلەر ئاساسەن ئوۋچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان. ئانىلىق ئۇرۇقداشلىق كوممۇنىسىنىڭ ئەڭ ئالىي ھوقۇقلۇق ئورگىنى مەسلىھەت كېڭىشى بولۇپ، قۇرامىغا يەتكەن بارلىق ئاياللار ۋە ئەرلەر قاتناشقان، باراۋەر ئاۋاز بېرىش ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولغان. ھەربىر ئانىلىق ئۇرۇقداشلىق كوممۇنىسىنىڭ ئۆز ئالدىغا نامى، قەبرىستانلىقى بولغان، ئىجتىمائىي تۇرمۇشتا ئورتاق ئەۋلىيا ياكى توتېمغا چوقۇنغان. نىكاھ مۇناسىۋەتلىرىدە جەمەت ئىچىدىكىلەرنىڭ تويلىشىشىنى چەكلەپ، باشقا ئۇرۇقداشلىق كوممۇنىسىدىكىلەر بىلەن نىكاھلىنىشنى يولغا قويغان. ئۇرۇقداشلىق كوممۇنىسىدا ئۇرۇقداشلار ئۆزىنىڭ كۈندىلىك ئىشلىتىدىغان قوراللىرىنى ئىشلەتكەندىن تاشقىرى، يەر، ئۆي، مال-ۋاران قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئۇرۇقداشلىق كوممۇنىسىغا مەنسۇپ بولغان. ئۇرۇقداش ئەزالار بىللە ئەمگەك قىلىپ، بىللە ئىستېمال قىلغان، ئېسىلزادىلىك ، پەسلىك، باي، كەمبەغەللىك بولمىغاچقا، باراۋەر تۇرمۇش كەچۈرگەن.
← بارلىق تېمىلار ئىنساننىڭ تەرەققىياتى