قانداشلىق جەمەت
ئىنسانلارنىڭ تەرەققىياتى
قانداشلىق جەمەت ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ ئەڭ دەسلەپكى تەشكىلىي شەكلى، دەسلەپكى ئىنسانلارنىڭ ئىپتىدائىي توپتىكى ئارىلاش نىكاھلىنىش ھالىتىدىن ئازاد بولۇپ چىققان تەشكىلىي شەكلى ۋە تەدرىجىي تەرەققىيات شەكلى. ئۇ ئادەمنىڭ پۈتۈنلەي شەكىللىنىپ بولۇشىغا ئەگىشىپ بارلىققا كەلگەن بولۇپ، كونا تاش قوراللار دەۋرىنىڭ دەسلەپكى ۋە ئوتتۇرا مەزگىللىرىگە توغرا كېلىدۇ.
قانداشلىق جەمەتنى شەكىللەندۈرگەن نىكاھلىنىش شەكلى قانداشلىق نىكاھ دېيىلىدۇ. قانداشلىق جەمەتتىكى بارلىق تەڭ دېمەتلىك ئاياللار بارلىق تەڭ دېمەتلىك ئەرلەرنىڭ ئورتاق خوتۇنى، شۇنداقلا بارلىق تەڭ دېمەتلىك ئەرلەرمۇ بارلىق تەڭ دېمەتلىك ئاياللارنىڭ ئورتاق ئېرى. بۇ خىل نىكاھ شەكلى ئانا بىلەن ئوغۇل، ئاتا بىلەن قىز ئوتتۇرىسىدىكى جىنسىي مۇناسىۋەتنى چەكلەپ، ئىنسانلارنى ئىپتىدائىي توپنىڭ قالايمىقان نىكاھلىنىشىدىن كېلىپ چىقىدىغان ئادەمنىڭ كۆپىيىش ئىقتىدارى ۋە بەدەن ساپاسىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشىنىڭ داۋاملىشىشىنى چەكلەش رولىنى ئوينىغان.
قانداشلىق نىكاھ باسقۇچىدا بىر قانداشلىق جەمەت بىر ئىشلەپچىقىرىش بىرلىكى ۋە ئىقتىسادىي ئورتاق گەۋدە بولۇپ تۇرغان. ئۇنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى ئىككى خىل جىنسنىڭ ئىجتىمائىي ئىش تەقسىماتى شەكىللىنىپ بولغان. قانداشلىق جەمەت ئۇرۇقداشلىق جەمئىيىتىنىڭ پەيدا بولۇشىنىڭ ئاساسى.