UyghurWiki
UyghurWikiئىنساننىڭ تەرەققىياتىئاتىلىق ئۇرۇقداشلىق كوممۇنىسى

ئاتىلىق ئۇرۇقداشلىق كوممۇنىسى

ئىنسانلارنىڭ تەرەققىياتى ئاتىلىق ئۇرۇقداشلىق كوممۇنىسى ئاتىنىڭ قانداشلىق مۇناسىۋىتىنى مەركەز قىلىپ ئۇيۇشقان ئىپتىدائىي جەمئىيەتنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدىكى ئاساسىي بىرلىك بولۇپ، ئۇ ئانىلىق ئۇرۇقداشلىق كوممۇنىسى ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ تەرەققىياتى ئاساسىدا پەيدا بولغان. دېھقانچىلىق ۋە چارۋىچىلىقنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، ئېغىر ئەمگەكلەرنى ئەرلەرنىڭ ئۈستىگە ئېلىشىغا توغرا كەلگەن. ئەرلەرنىڭ ئەمگەك جەريانىدىكى ئورنىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ، ئاياللارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ۋە تۇرمۇشتىكى باشقۇرغۇچىلىق ئورنى تەدرىجىي ئەرلەر تەرىپىدىن ئىگىلەنگەن. ئانىلىق ئۇرۇقداشلىق كوممۇنىسى تەدرىجىي ئاتىلىق ئۇرۇقداشلىق كوممۇنىسىغا ئايلانغان. ئاتىلىق ئۇرۇقداشلىق كوممۇنىسى برونزا ۋە تۆمۈر قوراللار دەۋرىنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرى بارلىققا كەلگەن. ئاتىلىق ئۇرۇقداشلىق كوممۇنىسىدا، كىشىلەر ئاتىنىڭ قان سىستېمىسىغا ئاساسەن تۇغقانچىىق مۇناسىۋەتلىرىنى بەلگىلىگەن، نەسەب ئاتىنىڭ ھېساباتىغا ئاساسەن بولغان. ئاتىلىق ئۇرۇقداشلىق كوممۇنىسىدا ئەرلەر ھۆكۈمران ئورۇنغا ئۆتكەن، ئۇرۇق بېشى ئەرلەردىن تەيىنلەنگەن. ئاتىلىق ئۇرۇقداشلىق كوممۇنىسى ئادەتتە بىرقانچە ئائىلە باشلىقىلىق تۈزۈمىدىكى ئائىلىلەردىن تەركىب تاپقان. يەرلەر ئۇرۇقداشلىق كوممۇنىسىغا تەۋە بولۇپ، ھەرقايسى ئائىلىلەرنىڭ ئىگىدارچىلىقى ۋە پايدىلىنىشىغا بېرىلگەن، ئورمان، يايلاق، چۆپلۈكلەردىن ئورتاق پايدىلانغان. كىشىلەر ئائىلە باشلىقىلىق تۈزۈمىدىكى ئائىلىلەردە كوللېكتىپ ئەمگەك قىلىپ، بىللە ئىستېمال قىلغان. ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ يەنىمۇ ئۆسۈشىگە ئەگىشىپ، ئەمگەك مەھسۇلاتلىرى ئېشىنىدىغان بولغان، ئېشىنغان بۇ مەھسۇلاتلار ئائىلىلەرنىڭ ئىگىدارچىلىقىدا بولۇپ، ھاللىق ئائىلىلەر بارلىققا كەلگەن. بۇنىڭ بىلەن ئائىلىلەر ئىجتىمائىي ئىگىلىكنىڭ بىرلىكى بولۇپ قالغان. ئۇرۇق بېشى ۋە قەبىلە ئاقساقاللىرى ھەدېسىلا ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ باشقىلارنىڭ مال - مۈلۈكلىرىنى ئىگىلىۋېلىپ، ئۇرۇق ئاقسۆڭەكلىرىگە ئايلانغان. مال - مۈلكىدىن ئايرىلغان ئۇرۇق ئەزالىرى كەمبەغەللەرگە ئايلانغان. خۇسۇسىي مۈلۈكچىلىك تۈزۈمى، ئېكسپىلاتاتسىيە ۋە سىنىپنىڭ پەيدا بولۇشىغا ئەگىشىپ، بەزى كىچىك ئائىلىلەر ئاتىلىق ئۇرۇقداشلىق كوممۇنىسىدىن ئايرىلىپ چىقىپ، ئولتۇراقلاشقان جايىنىڭ مۇناسىۋىتىگە قاراپ يېڭى ئىجتىمائىي ئىگىلىك تەشكىلاتلىرىغا ئۇيۇشۇپ، ئۇنى يېزا كوممۇنىسى دەپ ئاتىغان، بۇنىڭ بىلەن ئاتىلىق ئۇرۇقداشلىق كوممۇنىسى يىمىرىلگەن.
← بارلىق تېمىلار ئىنساننىڭ تەرەققىياتى
ئاتىلىق ئۇرۇقداشلىق كوممۇنىسى | UyghurWiki | UyghurWiki