UyghurWiki
UyghurWikiئىنساننىڭ تەرەققىياتىئىككى مىليون يىل ئىلگىرىكى ئادەم

ئىككى مىليون يىل ئىلگىرىكى ئادەم

ئىنسانلارنىڭ تەرەققىياتى 1968 - يىلى، شەرقىي ئافرىقىدىكى كېنىيىنىڭ شىمالىدا تاش پارچىلىرىدىن ياسالغان تاش قوراللار بايقالغان، تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ گېئولوگىيىلىك يىل بويىچە بۇنىڭدىن1 مىليون800 مىڭ يىللار ئىلگىرى ياسالغانلىقى مەلۇم بولغان، بۇ ھازىرغىچە مەلۇم بولغان ئەڭ دەسلەپكى تاش قوراللار ھېسابلىنىدۇ. بۇ تاش قوراللارنى ياسىغانلار زادى كىم؟ بۇ20 - ئەسىرنىڭ70 - يىللىرىدىن ئىلگىرى سىر بولۇپ كەلگەن. ئىنسانشۇناسلار خىلمۇخىل قىياسلارنى قىلغان بولسىمۇ، بىراق ھەرقانداق قىلىپمۇ ئىشەنچلىك دەلىل - ئىسپاتقا ئېرىشەلمىگەنىدى.1972 - يىلى8 - ئايدا، كېنىيىلىك بىر كىشى تاش قوراللار قەۋىتىنىڭ ئاستىدىكى5 .35 مېتىر چوڭقۇرلۇقتىن بىر ئادەمنىڭ150 پارچىدىن ئارتۇق تاشقا ئايلانغان باش سۆڭەك پارچىسىنى بايقىغان. ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەندىن كېيىن باش سۆڭەكنىڭ ئاساسىي قىسمىدىن باشقا قىسىملىرى مۇكەممەل چىققان، تاشقا ئايلانغان جىسىملارنىڭ ئەۋرىشكىسىنى ۋاقتىنچە تىزىملاش بويىچە ئۇنىڭ نامى «1470RE−MNK - نومۇر» دەپ ئاتالغان (مەنىسى: كېنىيە دۆلەت مۇزېيى − شەرقىي رودالپو1470 - نومۇر). كېيىن ئۇ يەردىن يەنە ئىنسانلارنىڭ تاشقا ئايلانغان جىسىملىرىدىن پۇت سۆڭىكى، سول ئاستى ئىڭەك قاتارلىقلار داۋاملىق بايقالغان. كىشىلەر تاشقا ئايلانغان بۇ جىسىملارنى ئومۇملاشتۇرۇپ1470 - نومۇرلۇق ئادەم دەپ ئاتىغان. مۇشۇ ۋاقىتقا كەلگەندىلا، كىشىلەر تاش قوراللارنى ياسىغۇچىلار ھەققىدىكى سىرنى ئاچالىغان. ئىلمىي ئۆلچەش ئارقىلىق،1470 - نومۇرلۇق ئادەمنىڭ تەخمىنەن بۇنىڭدىن2 مىليون يىللار ئىلگىرى ياشىغانلىقى مەلۇم بولغان. ئۇنىڭ مېڭە سىغىمچانلىقى800 مىللىلىتىرغا يېقىنلىشىپ، كېيىنكى مايمۇنسىمان ئادەملەرنىڭكىدىن كىچىكرەك بولغان. ئۇنىڭ ماڭلاي سۆڭىكى ھازىرقى زامان ئادەملىرىنىڭكىگە يېقىنلاشقان، مەسىلەن، روشەن چوقچىيىپ تۇرغان قاش سۆڭىكىنىڭ بولماسلىقى قاتارلىقلار. ئۇنىڭ قول-پۇت سۆڭەكلىرىمۇ ھازىرقى زامان ئادەملىرىنىڭكىگە يېقىن بولغان، بۇ ئۇنىڭ ئۆرە ماڭالايدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ئىنساننىڭ تەرەققىياتى
ئىككى مىليون يىل ئىلگىرىكى ئادەم | UyghurWiki | UyghurWiki