UyghurWiki
UyghurWikiئىنساننىڭ تەرەققىياتىنېئاندىرتاللىقلار

نېئاندىرتاللىقلار

ئىنسانلارنىڭ تەرەققىياتى گېرمانىيە چېگرىسى ئىچىدىكى نېئاندىرتال دەريا ۋادىسىدا كۆلىمى ئانچە چوڭ بولمىغان بىر ئۆڭكۈر بار، ئۆڭكۈرنىڭ ئىچى تۈز، سىرتى ياۋا ئوت - چۆپلەر بىلەن قاپلانغان، مانا بۇ يىراق قەدىمكى زامان ئىنسانلىرى نېئاندىرتاللىقلارنىڭ كونا ماكانلىرىنىڭ بىرى. نېئاندىرتاللىقلار دەسلەپكى ئادەملەرگە مەنسۇپ بولۇپ، ئەڭ بۇرۇن نېئاندېرتالدا، كېيىنچە ياۋروپا، ئافرىقا قاتارلىق جايلاردىمۇ بايقالغان، ئومۇملاشتۇرۇپ نېئاندېرتاللىقلار دەپ ئاتالغان. نېئاندىرتاللىقلار بۇنىڭدىن ئىلگىرىكى تەخمىنەن300 مىڭ يىلدىن200 مىڭ يىللار ئارىلىقىدا ياشىغان. ئۇلارنىڭ تاشقا ئايلانغان جىسىملىرى بىرقەدەر كۆپ بولۇپ، ئاساسەن ئۈستۈنكى باش سۆڭەك، بەدەن سۈڭەكلىرى قاتارلىقلار بار. ھازىر بار ماتېرىياللارغا ئاساسەن ھۆكۈم قىلغاندا، نېئاندىرتاللىقلارنىڭ سۆڭەكلىرى يوغان، مۇسكۇللىرى تەرەققىي قىلغان، بىراق بويى پاكارراق بولۇپ، ئەرلەر55 .1 −56 .1 مېتىرغىچىلا بولغان. بويى پاكار، ئومۇرتقىسىنىڭ ئېگىلىشى روشەن بولمىغانلىقتىن، يول ماڭغاندا ئېگىلىپرەك ماڭىدىغان بولۇشى، يۈگۈرگەندە يەرگە ئېڭىشىپرەك يۈگۈرىدىغان بولۇشى مۈمكىن. نېئاندىرتاللىقلارنىڭ باش سۆڭىكىنىڭ ئالاھىدىلىكى مۇنداق: ئالدى ماڭلىيى پەس ھەم سىڭايان بولۇپ، كەينىگە تارتىلغاندەك كۆرۈنىدۇ، قاش سۆڭىكى ئالدىغا بەكرەك چوقچىيىپ چىققان، كۆز چاناقلىرىدا قاش قوشۇمىسى شەكىللەنگەن. نېئاندىرتاللىقلارنىڭ باش قىسمى ئىنتايىن تەرەققىي قىلغان بولۇپ، مېڭە سىغىمچانلىقى1230 مىللىلىتىرغا يەتكەن. نېئاندىرتاللىقلار بىرقەدەر ئىلغار تاش قوراللارنى ياساپ ئىشلەتكەن بولۇپ، ئوۋچىلىق ۋە يىغىش - تېرىش بىلەن جان باققان. بۇ ئەينى زاماندىكى ئىنسانلارنىڭ تەبىئەتكە ماسلىشىش جەريانىدا ئۆزىنىمۇ خېلى زور دەرىجىدە تەرەققىي قىلدۇرغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ئىنساننىڭ تەرەققىياتى