مۇمكىنلىك ۋە رېئاللىق
ئىنسانلارنىڭ بىلىش قانۇنىيىتى
ئىنسانلار ئۇزاقتىن بېرى ئاسمانغا چىقىشنى خىيال قىلىپ كەلدى، نۇرغۇن تەسەۋۋۇرلارنى قىلدى ۋە سىناپ باقتى، بۈگۈنكى كۈندە ئايروپىلان ۋە ئالەم كېمىلىرى ئاخىر ئىنسانلارنى ئاسمانغا ئېلىپ چىقتى، ئالەم بوشلۇقىغا چىقىش مۇمكىنچىلىكى رېئاللىققا ئايلاندى.
مۇمكىنلىك بىلەن رېئاللىقنىڭ مۇناسىۋىتى بىرەر شەيئى بارلىققا كېلىشتىن بۇرۇنقى ۋە كېيىنكى مۇناسىۋەتتىن ئىبارەت. رېئاللىق ئەمەلىي مەۋجۇت بولغان بارلىق شەيئى، شەيئى تەرەققىي قىلىپ يەتكەن ھالەت. مۇمكىنلىك شەيئىلەر تەرەققىياتىنىڭ مۆلچەردىكى ئىستىقبالى ۋە يۈزلىنىشى، شەيئى تېخى تەرەققىي قىلىپ يەتمىگەن ھالەت. ئوبيېكتىپ شەيئىلەرنىڭ تەرەققىياتى مۇمكىنلىكنىڭ رېئاللىققا ئايلىنىشى ئارقىلىق ئىشقا ئاشىدۇ.
مۇمكىنلىك بىلەن رېئاللىق قارىمۇقارشىلىقنىڭ بىرلىكى. بۇ ئىككىسىنىڭ قارىمۇقارشىلىقى مۇمكىنلىك بىلەن رېئاللىق ماھىيەت جەھەتتىن پەرق قىلىدىغانلىقى، مۇمكىنلىك رېئاللىققا تەڭ ئەمەسلىكى، ئۇنىڭ جەزمەن رېئاللىققا ئايلىنىشىمۇ ناتايىنلىقى؛ ئەكسىچە، رېئاللىق مۇمكىنلىكنى ئىنكار قىلىش ئىكەنلىكىدە ئىپادىلىنىدۇ. مەسىلەن، رەختتىن كىيىم تىككىلى بولىدۇ، بىراق رەخت كىيىم ئەمەس، رەختتىن باشقا نەرسىلەرنى ئىشلەشكىمۇ بولىدۇ، كىيىم رەختنىڭ ئىنكار قىلىنىشىدىن ئىبارەت. مۇمكىنلىك بىلەن رېئاللىقنىڭ بىرلىكى بۇ ئىككىسىنىڭ ئۆزئارا مۇناسىۋەتلىكلىكى، سىڭىشىدىغانلىقى، بىر - بىرىدىن ئايرىلمايدىغانلىقى، مۇئەييەن شارائىتتا بىر - بىرىگە ئايلىنىدىغانلىقىدا ئىپادىلىنىدۇ. بىر تەرەپتىن، مۇمكىنلىك رېئاللىققا تايىنىدۇ، مۇئەييەن رېئاللىق ئاساسىدا بارلىققا كېلىدۇ؛ يەنە بىر تەرەپتىن، رېئاللىق مۇمكىنلىككە تايىنىدۇ، ھەرقانداق رېئاللىق باشتا مۇمكىنلىك بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ، رېئاللىق مۇمكىنلىكتىن ئۆزگىرىش ئارقىلىق بارلىققا كېلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە رېئاللىقنىڭ ئۆزىدىمۇ يېڭى مۇمكىنلىك بولىدۇ. قەدىمكىلەرنىڭ ئاسمانغا چىقىشنى خىيال قىلىشى بىرخىل مۇمكىنلىك، بۇ مۇمكىنلىكنىڭ رېئاللىق ئاساسى ئادەمنىڭ ئۇچۇش قوراللىرىنى ياساش قابىلىيىتىنىڭ بارلىقى؛ ئايروپىلاننىڭ بارلىققا كېلىشى بىلەن ئىنسانلارنىڭ ئاسمانغا چىقىش خىيالى رېئاللىققا ئايلانغاندىن كېيىن ئۇلارنىڭ ئالەم بوشلۇقىغا چىقىش مۇمكىنچىلىكى بار بولدى. مۇمكىنلىكنىڭ رېئاللىققا ئايلىنىشى ئۈچۈن مۇئەييەن شارائىت بولۇشى زۆرۈر، ئىنسانلارنىڭ ئاسمانغا چىقىشى ئۈچۈن پەن - تېخنىكىنىڭ تەرەققىي قىلىش شارائىتى بولۇشى كېرەك، بولمىسا، مۇمكىنلىك رېئاللىققا ئايلىنالمايدۇ.
سۇبيېكتىپ ئارزۇنى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن، مۇمكىنلىك بىلەن مۇمكىنسىزلىكنىڭ پەرقىنى ئايرىش زۆرۈر. مۇمكىنلىك رېئاللىقنى ئاساس قىلىدۇ، شۇڭا تاشتىن مەڭگۈ چۈجە چىقمايدۇ؛ تۇخۇمدا مۇنداق ئاساس بولغانلىقتىن، ئۇنىڭدىن چۈجە چىقىدۇ. ناۋادا بىز مۇمكىن بولمايدىغان نەرسىگە مۇمكىن بولىدىغان نەرسە دەپ ئىنتىلسەك، تۇيۇق يولغا كىرىپ قالىمىز.