ھادىسە ۋە ماھىيەت
ئىنسانلارنىڭ بىلىش قانۇنىيىتى
بۇرۇنقىلار: «تاشقى كۆرۈنۈشىگە قاراپ ئادەمگە باھا بەرگىلى بولمايدۇ» دېگەن. بۇ گەپ ناھايىتى تىرەن بىر پەلسەپىۋى ھەقىقەتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. دۇنيادىكى ھەرقانداق شەيئى ھادىسە بىلەن ماھىيەتتىن ئىبارەت ئىككى تەرەپتىن تۈزۈلگەن، بەزى تاشقى ھادىسىلەرگە قاراپلا ئۇنىڭ ياخشى - يامانلىقىغا ھۆكۈم قىلغىلى بولمايدۇ. رەتلىك كىيىنگەن، تەقى - تۇرقى راۋۇرۇس بىر كىشىنىڭ ئەخلاقلىق، ئالىيجاناب ئادەم بولۇشى ناتايىن؛ چىرايلىق مۇقاۋىلانغان كىتابنىڭ مەزمۇنى ساغلام بولماسلىقى مۇمكىن. ھادىسە شەيئىنىڭ تاشقى (يۈزەكى) ئالاھىدىلىكى، ئومۇمەن ئېيتقاندا، ئۇنى كىشى سەزگۈ ئەزالىرى بىلەن ئىدراك قىلالايدۇ. ماھىيەت شەيئىنىڭ تۈپ ئالاھىدىلىكى، ئۇنى ئابستراكت تەپەككۇر بىلەنلا ئىگىلىگىلى بولىدۇ. يۈزەكى ھادىسىلەرگىلا قارىغاندا، ئوڭايلا خاتا ھۆكۈم كېلىپ چىقىدۇ.
ماھىيەت بىلەن ھادىسە قارىمۇقارشىلىقنىڭ بىرلىكى، ئۇلار ھەم ئالاقىدار، ھەم پەرقلىنىدۇ. ماھىيەت ھادىسە ئارقىلىقلا ئىپادىلىنىدۇ، ھادىسە ماھىيەتنىڭ تاشقى ئىپادىسى. دۇنيادا ھادىسىدىن ئايرىلغان ماھىيەت، ماھىيەتتىن ئايرىلغان ھادىسە بولمايدۇ. مەسىلەن، كىشىنىڭ ئالىيجانابلىقى كىشىلەر ۋە شەيئىلەرگە قانداق مۇئامىلە قىلىشى، ئومۇم بىلەن شەخسنىڭ مۇناسىۋىتىنى قانداق بىر ياقلىق قىلىشى قاتارلىق ھادىسىلەردە ئىپادىلىنىدۇ. ماھىيەت يەنە ھادىسىگە ئوخشاشمايدۇ، بىرىنچىدىن، ھادىسە ئاشكارا بولۇپ، ئۇنى ئوڭاي ئىدراك قىلغىلى بولىدۇ، ماھىيەت شەيئىنىڭ ئىچكى قىسمىغا چوڭقۇر يوشۇرۇنغان بولۇپ، ئۇنى تەپەككۇر ئارقىلىقلا ئىگىلىگىلى بولىدۇ. ئالمىنىڭ يەرگە چۈشۈشىدىن ئىبارەت ھادىسىنى كۆرگىلى بولىدۇ، لېكىن ئالەملىك تارتىش كۈچىدىن ئىبارەت ماھىيەتنى كۆرگىلى بولمايدۇ. ئىككىنچى، ماھىيەت ھادىسىگە قارىغاندا ئومۇمىي، چوڭقۇر، ھادىسە ماھىيەتكە قارىغاندا جانلىق، مول بولىدۇ. ئالەملىك تارتىش كۈچىدىن ئىبارەت ماھىيەت ئالمىنىڭ يەرگە چۈشۈشى، ئاينىڭ يەر شارىنى ئايلىنىش ھەرىكىتى، دېڭىز دولقۇنىنىڭ كۆتۈرۈلۈش - پەسىيىشى قاتارلىق خىلمۇ خىل جانلىق ۋە مول ھادىسىلەردە ئىپادىلىنىدۇ. ئېنىقكى، بۇ جانلىق ۋە مول ھادىسىلەرنى ئالەملىك تارتىش كۈچى قانۇنىغا تايىنىپلا چۈشەندۈرگىلى بولىدۇ. ئۈچىنچى، ھادىسە ئۆزگىرىشچان، ماھىيەت نىسپىي مۇقىم بولىدۇ. ماھىيەتنى ئىپادىلەيدىغان ھادىسىلەر مول ۋە خىلمۇ خىل بولىدۇ، ئىجابىي تەرىپىنى ئىپادىلەيدىغانلىرىمۇ، سەلبىي تەرىپىنى ئىپادىلەيدىغانلىرىمۇ بولىدۇ؛ ئۇنىڭ ھەقىقىي قىياپەتلىكلىرىمۇ، ساختا قىياپەتلىكلىرىمۇ بولىدۇ، ماھىيەت بولسا بىرلا بولىدۇ.
ھادىسە بىلەن ماھىيەتنىڭ مۇناسىۋىتى پرىنسىپى بىزنى شەيئىلەرنى تونۇشتا ھادىسىدىن ئۆتۈپ ماھىيەتنى كۆرۈشتىن ئىبارەت ئىلمىي ئۇسۇل بىلەن تەمىنلەيدۇ. بىر تەرەپتىن، ماھىيەت ھادىسە ئارقىلىق ئىپادىلىنىدىغانلىقى ئۈچۈن، ھادىسىلەرنى تەھلىل قىلىش ئارقىلىق ماھىيەتنى تونۇپ، ھادىسىنى ماھىيەتنى بىلىشنىڭ يول كۆرسەتكۈچىسى قىلىش كېرەك، يەنە بىر تەرەپتىن، ھادىسە ماھىيەتكە تەڭ بولمىغانلىقتىن، بىلىش ھادىسە باسقۇچىدا توختاپ قالماسلىقى كېرەك، يۈزەكى ھادىسىلەر بىلەن قايمۇقۇپ قالماي، ھەقىقىي قىياپەت بىلەن ساختا قىياپەتنى پەرقلەندۈرۈپ، ھادىسىلەرنى چوڭقۇر تەھلىل - تەتقىق قىلغاندىلا، شەيئىلەرنىڭ ماھىيىتىنى ئىگىلىگىلى بولىدۇ.