UyghurWiki
UyghurWikiئىنساننىڭ بىلىش قانۇنىيىتىھەقىقەت بىلەن سەپسەتە بىرلا قەدەم پەرقلىنىدۇ

ھەقىقەت بىلەن سەپسەتە بىرلا قەدەم پەرقلىنىدۇ

ئىنسانلارنىڭ بىلىش قانۇنىيىتى ئوبيېكتىپ شەيئىلەر توختىماي تەرەققىي قىلىدۇ، بىلىشمۇ توختاپ قالمايدۇ. بۇ جەرياندا بىلىش بىلەن ئەمەلىيەتنىڭ ھەم بىر - بىرىگە ماس، بىردەك تەرىپى، ھەم بىر - بىرىگە ماس، بىردەك بولمىغان تەرىپى بولىدۇ؛ ھەم ھەقىقەت بولىدۇ، ھەم سەپسەتە بولىدۇ. ھەقىقەت ھامان سەپسەتىگە سېلىشتۇرۇلغان ھالدا مەۋجۇت بولىدۇ، سەپسەتە بىلەن كۈرەش قىلىش داۋامىدا تەرەققىي قىلىدۇ. ھەقىقەت بىلەن سەپسەتە ئوتتۇرىسىدا ئېنىق چەك بار. ھەقىقەت سۇبيېكتىپنىڭ ئوبيېكتىپ شەيئى ۋە ئۇنىڭ قانۇنىيەتلىرىنى توغرا ئىنكاس قىلىشى بولۇپ، سۇبيېكتىپ بىلەن ئوبيېكتىپنىڭ ماسلىقى، بىردەكلىكىنى ئىپادىلەيدۇ. سەپسەتە ئوبيېكتىپ شەيئى ۋە ئۇنىڭ قانۇنىيەتلىرىنىڭ بۇرمىلانغان ئىنكاسى بولۇپ، سۇبيېكتىپ بىلەن ئوبيېكتىپنىڭ بىر - بىرىدىن يىراقلىشىشى، بۆلۈنۈشىنى ئىپادىلەيدۇ. مۇئەييەن دائىرىدە، مۇئەييەن ئوبيېكتىپ شەيئىگە قارىتا، ھەقىقەت ھامان ھەقىقەت، سەپسەتە ھامان سەپسەتە، ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا ماھىيەتلىك پەرق بار، ئارىلاشتۇرۇۋېتىشكە بولمايدۇ. ھەقىقەت بىلەن سەپسەتە يەنە بىرلىككە كېلىدۇ، يەنى ئۇلار بىر - بىرىگە تايىنىدۇ، بىرى بىرىنى ئالدىنقى شەرت قىلىدۇ. ھەقىقەت بولمىسا، سەپسەتە بولمايدۇ؛ سەپسەتە بولمىسا، ھەقىقەتمۇ نامايان بولمايدۇ. ھەقىقەت بىلەن سەپسەتە مۇئەييەن شارائىتتا بىر - بىرىگە ئايلىنىدۇ. بۇنىڭ سەۋەبى، ھەرقانداق ھەقىقەت مۇئەييەن دائىرىنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرايدۇ، ئۇ مۇئەييەن دائىرىدىلا ھەقىقەت بولىدۇ، بۇ دائىرىدىن ھالقىپ كەتسە، سەپسەتىگە ئايلىنىدۇ. «ئۈچبۇلۇڭنىڭ ئىچكى بۇلۇڭلىرىنىڭ يىغىندىسى ° 180قا تەڭ» دېگەن بىلىش تەكشىلىك بوشلۇقى دائىرىسىدە ھەقىقەت بولىدۇ، ئەگرى بوشلۇق دائىرىسىدە سەپسەتە بولۇپ قالىدۇ. چۈنكى، ئەگرى بوشلۇقتا »ئۈچبۇلۇڭنىڭ ئىچكى بۇلۇڭلىرىنىڭ يىغىندىسى °180 قا تەڭ بولمايدۇ«. دېمەك، ھەقىقەت ئۆز دائىرىسىدىن ھالقىپ كەتسىلا، بۇ ھالقىش بىر قەدەم بولغان تەقدىردىمۇ، سەپسەتىگە ئۆزگىرىدۇ. ھەرقانداق ھەقىقەتنىڭ ھەرقانداق دائىرىگە ماس كېلىشى مۇمكىن ئەمەس. پۈتكۈل ئىنسانلارنىڭ بىلىشلىرى جەريانىدا، بىر ئادەمنىڭ بارلىق بىلىشلىرى جەريانىدا، سۇبيېكتىپ بىلەن ئوبيېكتىپنىڭ تامامەن ماس، بىردەك بولۇشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش مۇمكىن ئەمەس. سەپسەتىدىن قۇتۇلماق تەس. لاتىنلارنىڭ «خاتالاشمايدىغان ئادەم يوق، خاتالىقىدا چىڭ تۇرۇۋېلىش كالۋالىق، ئاقىللار خاتالاشمايدىغانلار ئەمەس، بەلكى خاتالاشسا شۇئان تۈزىتىدىغانلاردۇر» دەيدىغان تەمسىلى بار. ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەشتەك ئىلمىي پوزىتسىيىدە چىڭ تۇرۇپ، ئوبيېكتىپ شەيئى ۋە ئۇنىڭ قانۇنىيەتلىرىنى ئۈزلۈكسىز تونۇغاندىلا، چوڭ خاتالىق ئۆتكۈزۈشتىن ساقلانغىلى بولىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ئىنساننىڭ بىلىش قانۇنىيىتى