UyghurWiki
UyghurWikiئىنساننىڭ بىلىش قانۇنىيىتىئەمەلىيەت

ئەمەلىيەت

ئىنسانلارنىڭ بىلىش قانۇنىيىتى ھەقىقەت بىلەن سەپسەتىنى قانداق پەرقلەندۈرۈش كېرەك؟ ئۇنىڭ بىردىنبىر ئۆلچىمى ئەمەلىيەت. بەزىلەر «نوپۇز» لۇقلارنىڭ پىكرىنى، كۆپ سانلىق كىشىلەرنىڭ قارىشىنى، ئۇلارنىڭ ئورۇنلۇق سۆزلىگەن - سۆزلىمىگەنلىكىنى، ئۆزىگە ئەسقاتىدىغان - ئەسقاتمايدىغانلىقىنى ھەقىقەتنىڭ ئۆلچىمى قىلىدۇ، بۇ خاتا. چۈنكى، كىشىلەرنىڭ ھەرخىل بىلىشلىرى سۇبيېكتىپ نەرسە بولۇپ، ھەم ئۆزىنىڭ توغرا ئىكەنلىكىگە كاپالەتلىك قىلالمايدۇ، ھەم ئۆزىنىڭ توغرا - خاتالىقىنى ئىسپاتلىيالمايدۇ. ئوبيېكتىپ شەيئىلەرمۇ ھەقىقەتنىڭ ئۆلچىمى ئەمەس، ئۇ ئۆزىنىڭ توغرا - خاتالىقىغا ھۆكۈم قىلالمايدۇ. ھەقىقەت ئوبيېكتىپ شەيئىلەر قانۇنىيىتىنىڭ ئىنكاسى، بىلىشنىڭ ھەقىقەت ئىكەنلىكى ياكى ئەمەسلىكىنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن، بىلىشنى ئوبيېكتىپ شەيئىلەر بىلەن مۇناسىۋەتلەشتۈرۈپ سېلىشتۇرۇش كېرەك، ئىككىسى ماس كەلگەنلىرىلا ھەقىقەت بولىدۇ. بۇ ۋەزىپىنى ئەمەلىيەتلا زىممىسىگە ئالالايدۇ. رۇسىيە خىمىكى مېندېلېيېف ئاتوم ئېغىرلىقلىرىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئاساسەن ئېلېمېنتلار دەۋرىي جەدۋىلنى تۈزۈپ چىققاندا بۇنى بەزىلەر قوللىغان، بەزىلەر قارشى تۇرغان، ھەركىم ئۆز گېپىنى يۇرغىلىتىپ، بىرلىككە كېلەلمىگەن، كىمنىڭ توغرا ئىكەنلىكىگە بىر مەھەل ھۆكۈم قىلغىلى بولمىغان. كىشىلەر كېيىنكى ئەمەلىي پائالىيەت جەريانىدا، ئېلېمېنتلار دەۋرىي جەدۋىلىگە ئاساسەن بىرنەچچە يېڭى ئېلېمېنتنى بايقىغان، ئۇلارنىڭ خىمىيىۋى خۇسۇسىيىتى ئېلېمېنتلار دەۋرىي جەدۋىلىدە مۆلچەرلەنگىنىگە دەل ماس كەلگەن، شۇنداق قىلىپ ئېلېمېنتلار دەۋرىي جەدۋىلىنىڭ ھەقىقەت ئىكەنلىكى ئىسپاتلانغان، چۈنكى ئۇ ئوبيېكتىپ شەيئىلەرنىڭ قانۇنىيىتىگە ئۇيغۇن ئىدى.
← بارلىق تېمىلار ئىنساننىڭ بىلىش قانۇنىيىتى
ئەمەلىيەت | UyghurWiki | UyghurWiki