UyghurWiki
UyghurWikiئىنساننىڭ بىلىش قانۇنىيىتىئەقلىي بىلىش

ئەقلىي بىلىش

ئىنسانلارنىڭ بىلىش قانۇنىيىتى بىلىشنىڭ ھەقىقىي ۋەزىپىسى شەيئىلەرنىڭ ئىچكى ماھىيىتىنى ۋە قانۇنىيىتىنى ئىگىلەشتىن ئىبارەت، بۇ ۋەزىپە ئەقلىي بىلىش باسقۇچىدا تاماملىنىدۇ. ئەقلىي بىلىش ھېسسىي بىلىشتىن تەرەققىي قىلغان بولۇپ، كىشىلەرنىڭ ئەمەلىيەت ئاساسىدىكى، ئوبيېكتىپ شەيئىلەرنىڭ ماھىيىتى، بىر پۈتۈنلۈكى، ئىچكى ئالاقىسى ھەققىدىكى ئىنكاسى ھېسابلىنىدۇ. ئەقلىي بىلىش ئۇقۇم، ھۆكۈم، خۇلاسىدىن ئىبارەت ئۈچ خىل شەكىلنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۇقۇم ئەقلىي بىلىشنىڭ «ھۈجەيرىسى»، ئوخشاش تۈردىكى شەيئىلەرنىڭ ئورتاق، ئومۇمىي خۇسۇسىيەتلىرىنىڭ ئىنكاسى. «ئۆسۈملۈك» دېگەن بۇ ئۇقۇم زىرائەت، گۈل - گىياھ، دەرەخ قاتارلىقلارنىڭ ئورتاقلىقلىرىنىڭ ئومۇملاشتۇرۇلۇشى بولۇپ، ئۇ ھەرخىل ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئوخشاشمايدىغان خۇسۇسىيەتلىرىنى نەزەردىن ساقىت قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئورتاق خۇسۇسىيەتلىرىنى ئىنكاس قىلىدۇ. ھۆكۈم شەيئىلەر ئارىسىدىكى ئالاقە ۋە مۇناسىۋەتلەرنىڭ ئىنكاسى. ئۇ ئۇقۇمنى ئاساس قىلىپ، شەيئىنىڭ نېمىلىكى ياكى نېمە ئەمەسلىكى، ئۇنىڭ مەلۇم خۇسۇسىيەتكە ئىگە ياكى ئىگە ئەمەسلىكى قاتارلىق مەسىلىلەرگە جاۋاب بېرىدۇ. ئەڭ ئاددىي ھۆكۈم ئىككى ئۇقۇمدىن قۇرۇلىدۇ. مەسىلەن، «دەرەخ بولسا ئۆسۈملۈك» دېگەن ھۆكۈم «بولسا» دېگەن باغلىغۇچىنىڭ ياردىمىدە «دەرەخ» ۋە «ئۆسۈملۈك» دېگەن ئىككى ئۇقۇمنىڭ بىرلىشىشىدىن تۈزۈلگەن. مۇرەككەپ ھۆكۈم ئۈچ ياكى ئۈچتىن كۆپ ئۇقۇمدىن قۇرۇلىدۇ. مەسىلەن، «زىرائەت ۋە دەرەخلەرنىڭ ھەممىسى ئۆسۈملۈك» دېگەن ھۆكۈم. خۇلاسە بىر قاتار ھۆكۈملەردىن قۇرۇلىدۇ. ئۇنىڭدا شەيئىلەر ئارىسىدىكى ئالاقە ۋە مۇناسىۋەتلەر ئاساسىدا، مەلۇمدىن نامەلۇم، بىر ياكى بىرنەچچە ھۆكۈمدىن باشقا بىر ھۆكۈم كەلتۈرۈپ چىقىرىلىدۇ. خۇلاسە ئىنسانلار تەپەككۇرىنىڭ ئىجادىيلىقىنى ناھايىتى ئېنىق ئىپادىلەپ بېرىدۇ. ئۆتمۈشنى يەكۈنلەپ، كەلگۈسىنى مۆلچەرلەيدۇ. ئوقۇغۇچىلار ماتېماتىكا مەسىلىلىرىنى يەشكەندە، مەلۇم شەرتكە ئاساسەن نامەلۇمنى تاپىدۇ؛ رازۋېدكىچى دېلونىڭ يىپ ئۇچىغا ئاساسەن جىنايەتچىنى تۇتىدۇ؛ كىشىلەر ئاسمان جىسىملىرى ھەققىدىكى تونۇشلىرىنى بىۋاسىتە كۆزىتىش ئارقىلىق ئەمەس، بەلكى كۆزەتكەن ماتېرىياللىرىنى ھېسابلاش ئارقىلىق بايقىغان. كىشىلەر ئوبيېكتىپ شەيئىلەرنى تونۇغاندا، پىكىر يۈرگۈزۈشى، مېڭىدىن ئىبارەت بۇ «تەپەككۇر ماشىنىسى» نى ئىشقا سېلىشى كېرەك. »قوشۇمىسىنى بىر تۈرۈۋىدى، كاللىسىغا ئەقىل كەلدى« دېگەن سۆز ۋە ئادەتتە ئاڭلاپ تۇرىدىغان «ئويلىنىپ باقاي» دېگەن سۆز كىشىلەر ئۇقۇمدىن پايدىلىنىپ، ھۆكۈم ۋە خۇلاسە قىلىدىغان بىرخىل ئەقلىي بىلىش پائالىيىتىدۇر. ئەقلىي بىلىش بىلىشنىڭ يۇقىرى باسقۇچى، ھېسسىي بىلىش بىلىشنىڭ تۆۋەن باسقۇچى، ئەقلىي بىلىش ھېسسىي بىلىشكە بېقىنىدۇ، ھېسسىي بىلىش ئەقلىي بىلىش دەرىجىسىگە كۆتۈرۈشكە موھتاج. ئەمەلىيەت ئاساسىدا ھاسىل بولغان ئەقلىي بىلىشلا ئوبيېكتىپ شەيئىلەرنى تېخىمۇ چوڭقۇر، توغرا، ئەتراپلىق ئىنكاس قىلالايدۇ.
← بارلىق تېمىلار ئىنساننىڭ بىلىش قانۇنىيىتى
ئەقلىي بىلىش | UyghurWiki | UyghurWiki