ئاق ئات ۋە ئات − ئايرىملىق ۋە ئومۇملۇق
ئىنسانلارنىڭ بىلىش قانۇنىيىتى
جۇڭگونىڭ قەدىمكى پەيلاسوپلىرى «ئاق ئات ئاتمۇ، ئەمەس؟» دېگەن قىزىقارلىق بىر مەسىلىنى بەس - مۇنازىرە قىلىشقان. بۇ مەسىلە قارىماققا بەك ئاددىي، ئەمەلىيەتتە پەلسەپىدىكى ئايرىملىق بىلەن ئومۇملۇقنىڭ مۇناسىۋىتى مەسىلىسىگە چېتىلىدۇ.
ئايرىملىق يەككە، كونكرېت شەيئىلەر ۋە ئۇلارنىڭ خاسلىقىنى كۆرسىتىدۇ، ئومۇملۇق نۇرغۇن ئايرىم شەيئىلەردىن تەشكىل تاپقان بىر تۈردىكى شەيئىلەر ۋە ئۇلارنىڭ ئورتاقلىقىنى كۆرسىتىدۇ. مەسىلەن، ئاق ئات، قارا ئات، بوز ئات قاتارلىق كونكرېت ئاتلار ئايرىملىق، «ئات» بولسا ئومۇملۇق؛ خۇاڭخې دەرياسى، چاڭجياڭ دەرياسى، تارىم دەرياسى قاتارلىقلار ئايرىملىق، »دەريا« بولسا ئومۇملۇق، ئايرىملىق بىلەن ئومۇملۇقنىڭ مۇناسىۋىتى خاسلىق بىلەن ئورتاقلىقنىڭ مۇناسىۋىتىدىن، زىددىيەتنىڭ ئالاھىدىلىكى بىلەن ئومۇمىيلىقىنىڭ مۇناسىۋىتىدىن ئىبارەت. ھەرقانداق بىر كونكرېت شەيئى ئايرىملىق بىلەن ئومۇملۇقنىڭ قارىمۇقارشىلىقىنىڭ بىرلىكىدۇر.
ئايرىملىق بىلەن ئومۇملۇق بىرلىككە كەلگەن بولىدۇ، بىر - بىرىدىن ئايرىلمايدۇ. ئومۇملۇق ئايرىملىق ئىچىدە مەۋجۇت بولۇپ، ئايرىملىقلارنىڭ ئورتاق ماھىيىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئات بولسا ئاق ئات، قارا ئات، بوز ئاتلارنىڭ ئومۇملاشتۇرۇلۇشى، دەريا بولسا خۇاڭخې دەرياسى، چاڭجياڭ دەرياسى، تارىم دەريالىرىنىڭ ئومۇملاشتۇرۇلۇشى. بىز ئاق ئات، قارا ئات، بوز ئات ۋە خۇاڭخې دەرياسى، چاڭجياڭ دەرياسى، تارىم دەرياسى قاتارلىقلارنىلا كۆرەلەيمىز، ئومۇمىي «ئات» ۋە ئومۇمىي «دەريا» نى كۆرەلمەيمىز. شۇڭا، ئومۇملۇق ئايرىملىقتىن ئايرىلمايدۇ ھەمدە ئايرىملىقتىن ئايرىلغان ئومۇملۇقمۇ بولمايدۇ.
ئايرىملىق بىلەن ئومۇملۇق ئۆزئارا قارىمۇقارشى بولۇپ، بىر - بىرىدىن پەرقلىنىدۇ. ھەرقانداق ئومۇملۇق بارلىق ئايرىم شەيئىلەرنى تەخمىنىي ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ئايرىملىق ئومۇملۇقتىن كۆپ مول ۋە جانلىق بولىدۇ. ئات − ئومۇملۇق، ئەمما كونكرېت ئاتلارنىڭ رەڭگى، چوڭ - كىچىكلىكى، نەسلى پەرقلىنىدۇ؛ مېۋە − ئومۇملۇق، كونكرېت مېۋىلەر بولسا تۈرلۈك - تۈمەن بولىدۇ. ئايرىملىق بىلەن ئومۇملۇق مۇئەييەن شارائىتتا بىر - بىرىگە ئايلىنىدۇ. مەلۇم بىر خىل مۇناسىۋەت ئىچىدە ئومۇملۇق بولغان نەرسە تېخىمۇ كەڭ مۇناسىۋەت ئىچىدە ئايرىملىق بولغان نەرسىگە ئايلىنىدۇ. ئەكسىچە بولغاندىمۇ شۇنداق، مەسىلەن، ئات ئاق ئات، قارا ئات قاتارلىقلارغا قارىتا ئومۇملۇق، ھايۋانغا قارىتا ئايرىملىق بولىدۇ. شۇڭلاشقا، بىز مەسىلىلەرنى كۆزەتكەندە، ئۇلار ئۈستىدە پىكىر يۈرگۈزگەندە، ئايرىملىق بىلەن ئومۇملۇقنى ئايرىۋېتىدىغان بىر تەرەپلىمىلىكتىن ساقلىنىپ، ھەم ئومۇملۇقنى ئايرىملىقتىن ئايرىلىپ مۇستەقىل مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ دەپ قارىماسلىقىمىز، ھەم ئايرىملىقنى ئومۇملۇق بىلەن قىلچە مۇناسىۋىتى يوق دەپ ھېسابلىماسلىقىمىز لازىم. بولمىسا، «ئاق ئات ئات ئەمەس» دەيدىغان بىر تەرەپلىمە يەكۈن كېلىپ چىقىدۇ.
كىشىلەر ھامان ئاۋۋال ئايرىم شەيئىلەرنى تونۇيدۇ، ئاندىن ئۇنى ئومۇمىي بىلىشكە كۆتۈرىدۇ، ئاخىرىدا ئومۇملۇق ئارقىلىق ئايرىملىقنى بىلىشكە يېتەكچىلىك قىلىدۇ. بۇ ئىنسانلارنىڭ بىلىش ھەرىكىتىنىڭ تەرتىپى، شۇنىڭدەك شەيئىلەرنىڭ قانۇنىيەتلىكلىكىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاپ ئىگىلىشىنىڭ مۇقەررەر يولى.