ئوبيېكتىپ ھەقىقەت
ئىنسانلارنىڭ بىلىش قانۇنىيىتى
ھەقىقەت كىشىلەرنىڭ ئوبيېكتىپ شەيئىلەر ۋە ئۇلارنىڭ قانۇنىيىتىنىڭ توغرا ئىنكاسى. ھەرقانداق ھەقىقەت ئوبيېكتىپ ھەقىقەت، ئۇ كىشىلەرنىڭ سۇبيېكتىپ ئىرادىسىگە بېقىنمايدۇ.
ئوتتۇرا ئەسىردە ياۋروپادا دىنىي كۈچلەر تولىمۇ غالجىرلاشقان بولۇپ، دىنىي ئەقىدىلەرنى تەۋرىتىدىغان ئىلمىي تەلىماتلارنى بىدئەت تەلىمات دەپ قاراپ، ئىلمىي ھەقىقەتلەرنى تەرغىب قىلغانلارغا رەھىمسىز زىيانكەشلىك قىلاتتى. ئەينى چاغدا دىندارلار «يەر مەركەز تەلىماتى» غا ئىشىنەتتى ھەم زېمىننى خۇدا ياراتقان دەيتتى. ئىتالىيىلىك ئالىم گالىلىي كوپېرنىكنىڭ »قۇياش مەركەز تەلىماتى« نى كۈچەپ تەرغىب قىلغانلىقتىن، دىنىي كۈچلەر ئۇنى ئۆمۈرلۈك قاماققا ھۆكۈم قىلغان. بىراق، ئارىدىن300 يىل ئۆتۈپ، دىنىي كۈچلەرنىڭ شۇنچە قارشى تۇرۇشىغا قارىماي، نۇرغۇن پاكىتلار گالىلىينىڭ تەشۋىقاتىنىڭ ھەقىقەتلىكىنى ئىسپاتلىدى. گالىلىينىڭ غەلىبىسى ھەقىقەتنىڭ ئوبيېكتىپلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.
ھەقىقەتنىڭ ئوبيېكتىپلىقى ھەقىقەتنىڭ مەزمۇنى ماددىي دۇنيادىكى ئوبيېكتىپ شەيئىلەر ۋە ئۇلارنىڭ قانۇنىيىتىدىن كېلىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرىدىغانلىقى ئۈچۈن، ھەقىقەت پەقەت بىرلا بولىدۇ. بەزىدە كىشىلەرنىڭ بىرەر شەيئى ھەققىدىكى تونۇشى بىردەك بولمايدۇ، لېكىن ئوبيېكتىپ شەيئى ۋە ئۇنىڭ قانۇنىيىتىگە ئۇيغۇن بىلىشلا ھەقىقەت بولىدۇ. ھەقىقەتنىڭ ئوبيېكتىپ مەزمۇنى ھەر ئادەمدە ھەرخىل بولمايدۇ. بىرەر كىشىنىڭ ھەقىقەتنى ئىگىلىگەن - ئىگىلىمىگەنلىكى ئۇنىڭ ھوقۇقىنىڭ چوڭ - كىچىكلىكى، ئارزۇسىنىڭ ياخشى - يامانلىقىغا باغلىق بولماي، ئوبيېكتىپ شەيئىلەر ۋە ئۇلارنىڭ قانۇنىيىتىنى توغرا ئىنكاس قىلغان - قىلمىغانلىقىغا باغلىق بولىدۇ. ھەقىقەت ئالدىدا ھەممە ئادەم بابباراۋەر.
ھەقىقەت ئوبيېكتىپ شەيئىلەرنىڭ ماھىيىتى ۋە قانۇنىيىتىنى ئېچىپ بېرىدۇ، ئوبيېكتىپ شەيئىلەرنىڭ يۈزەكى ھادىسىلىرىنىلا ئىنكاس قىلىدىغان ھېسسىي بىلىشنى ھەقىقەت دېگىلى بولمايدۇ. مەسىلەن، «ئادەم ئۆلىدۇ»، «قۇشنىڭ پېيى بولىدۇ»، «ئاتنىڭ قۇيرۇقى بولىدۇ» دېگەندەك بىلىشلەر گەرچە ئوبيېكتىپ شەيئىلەرنىڭ توغرا ئىنكاسى بولسىمۇ، ئۇلارنى ھەقىقەت دېگىلى بولمايدۇ. ھەقىقەت ئەقلىي بىلىش باسقۇچىدا شەكىللىنىدۇ، ھەقىقەتنىڭ چوڭقۇر مەزمۇنىنى پەقەت ئەقلىي بىلىش باسقۇچىدىلا بىلگىلى بولىدۇ.