UyghurWiki
UyghurWikiئىنساننىڭ بىلىش قانۇنىيىتىھېسسىي بىلىش

ھېسسىي بىلىش

ئىنسانلارنىڭ بىلىش قانۇنىيىتى كىشىلەرنىڭ ھەرقانداق كونكرېت شەيئىنى بىلىشى ھېسسىي بىلىشتىن باشلىنىدۇ. ئۇ ئوبيېكتىپ تاشقى دۇنيانىڭ ئادەمنىڭ سەزگۈ ئەزالىرىغا تەسىر قىلىشىدىن ھاسىل بولىدۇ، كىشىلەر ئوبيېكتىپ شەيئىلەرگە كۆز، قۇلاق، بۇرۇن، تىل، بەدىنى قاتارلىقلار ئارقىلىق ئۇچرىشىپ، ئۇ ھەقتە ھېسسىي تونۇش شەكىللەندۈرىدۇ. ھېسسىي بىلىش تەرەققىي قىلىش جەريانىدا سەزگۈ، ئىدراك، ھېسسىي ئوبراز قاتارلىق ئۈچ ئاساسىي شەكىلنى بېسىپ ئۆتىدۇ. سەزگۈ ئوبيېكتىپ شەيئىلەرنىڭ ئايرىم خۇسۇسىيەتلىرىنىڭ ئادەم مېڭىسىدىكى ئىنكاسى، ئوبيېكتىپ شەيئىلەرنىڭ ھادىسىلىرى، سىرتقى ئايرىم خۇسۇسىيەتلىرىنىڭ ئادەمنىڭ سەزگۈ ئەزالىرىغا تەسىر قىلىشىدىن ھاسىل بولغان ئەڭ دەسلەپكى ئىنكاسىنىڭ نەتىجىسى. كىشىلەر كۆز ئالدىدىكى ئالمىنى كۆزى بىلەن كۆزىتىپ، يۇمۇلاق، قىزىل، چوڭ دېگەن تونۇشنى شەكىللەندۈرىدۇ؛ تىلى بىلەن تېتىپ، تاتلىق دېگەن تونۇشنى شەكىللەندۈرىدۇ؛ قولى بىلەن تۇتۇپ، قاتتىق دېگەن تونۇشنى شەكىللەندۈرىدۇ. بىرەر ئەزا سەزگۈسىنى يوقاتسا، شۇنىڭغا دائىر تونۇش شەكىللىنىدۇ، تۇغما ئەما كىشىلەر رەڭنىڭ نېمىلىكىنى بىلمەيدۇ، تۇغما گاس كىشىلەر ئاۋازنىڭ نېمىلىكىنى بىلمەيدۇ. ئىدراك ھەرخىل سەزگۈلەرنىڭ ئومۇملاشتۇرۇلۇشىدىن شەكىللەنگەن ئوبيېكتىپ شەيئى ھەققىدىكى بىر پۈتۈن ئوبراز، بىر پۈتۈن ئوبيېكتنىڭ ئىنكاسى. بىر خىل سەزگۈ ئالمىنىڭ بىر خۇسۇسىيىتىنىلا ئىنكاس قىلىدۇ، ئىدراك ئالما ھەققىدىكى بارلىق سەزگۈلەرنى ئومۇملاشتۇرۇپ، »چوڭ، تاتلىق، بىرقەدەر قاتتىق بولغان بىر دانە قىزىل ئالما« دېگەن بىلىشنى شەكىللەندۈرىدۇ. شۇ سەۋەبتىن، ئىدراك سەزگۈدىن ئەتراپلىق ۋە مۇرەككەپ. ھېسسىي ئوبراز بۇرۇن ئىدراك قىلىنغان شەيئىنىڭ خاتىرىدە قايتا ئايان بولۇشى، كۆز ئالدىمىزدا ئالما بولمىسىمۇ، كاللىمىزدا يەنىلا ئالمىنىڭ ئوبرازى شەكىللىنىدۇ. ھېسسىي ئوبراز ھېسسىي بىلىش ئىچىدىكى بىرقەدەر يۇقىرى شەكىلدۇر. ھېسسىي بىلىشنىڭ ئالاھىدىلىكى: تاشقى دۇنيانى جانلىق، مول، كونكرېت ئوبراز ئارقىلىق ئەكس ئەتتۈرىدۇ، ئۇنىڭ بىلەن ئوبيېكتىپ شەيئىلەر ئوتتۇرىسىدا ھېچقانداق ئارىلىق ھالقا بولمايدۇ. ھېسسىي بىلىشنىڭ مۇھىملىقى ئۇنىڭ بىلىشنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى ئىكەنلىكىدە. مەسىلەن، نەرسە سېتىۋالغۇچى كىشى ھامان رەڭگى، چوڭ - كىچىكلىكى ۋە تاشقى شەكلىگە قاراپ تاللايدۇ. بىراق، ھېسسىي بىلىشنىڭ زور چەكلىمىلىكلىكى بار، ئۇ پەقەت شەيئىنىڭ يۈزەكى ھادىسىلىرىنىلا ئىنكاس قىلىدۇ، ئىچكى ماھىيىتى ۋە قانۇنىيىتىنى ئەكس ئەتتۈرمەيدۇ، ئۇ بىلىشنىڭ تۆۋەن باسقۇچى ھېسابلىنىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، كىشىلەرنىڭ بىلىشى ھېسسىي بىلىش باسقۇچىدا توختاپ قالماسلىقى كېرەك، ھېسسىي بىلىشنى ئەقلىي بىلىشكە كۆتۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ئىنساننىڭ بىلىش قانۇنىيىتى
ھېسسىي بىلىش | UyghurWiki | UyghurWiki