مەزمۇن ۋە شەكىل
ئىنسانلارنىڭ بىلىش قانۇنىيىتى
جۇڭگودىكى ئەل ئارىسىدا مۇنداق بىر ھېكايە بار: بۇرۇن بىر گىجىڭ ئۆتكەنىكەن، ئۇ باشقىلار ئۈچۈن مەخسۇس تەزىيەنامە يېزىپ بېرىدىكەن. كىملا تەزىيەنامە يازدۇرسا، ھەممىسىگە بىرلا نۇسخىنى كۆچۈرۈپ بېرىدىكەن. بىر قېتىم بىر كىشىنىڭ ئاپىسى تۈگەپ كېتىپ، ئۇنىڭغا تەزىيەنامە يازدۇرۇپتۇ. ئۇ يەنىلا ھېلىقى نۇسخىنى كۆچۈرۈپ بېرىپتۇ. بۇ كىشى قارىسا بۇ تەزىيەنامىمۇ ئاتىسى تۈگەپ كەتكەندە يازدۇرغان تەزىيەنامىنىڭ ئۆزى ئىكەن، شۇنىڭ بىلەن ھېلىقى گىجىڭگە: »تەزىيەنامىنى خاتا يېزىپسىز« دەپتۇ. گىجىڭ بولسا: »تەزىيەنامە خاتا ئەمەس، سىزنىڭ ئۆيىڭىزدە ئادەم خاتا ئۆلۈپتۇ!« دەپتۇ. بۇ گىجىڭ تەزىيەنامىنىڭ شەكلىگىلا ئېتىبار بېرىپ، مەزمۇنى بىلەن كارى بولماي، شەكىلنى مەزمۇندىن ئايرىۋېتىش خاتالىقى سادىر قىلغان.
دۇنيادىكى بارلىق شەيئىلەر مەزمۇن بىلەن شەكىلنىڭ بىرلىكىدىن ئىبارەت. مەزمۇن شەيئىنىڭ مەۋجۇتلۇق ئاساسى، شەكىل مەزمۇننىڭ ئىپادىلىنىش شەكلى. ھەرقانداق شەيئىنىڭ تاشقى شەكلى ۋە ئىچكى مەزمۇنى بولىدۇ. تاشقى شەكىل مەزمۇن بىلەن بىۋاسىتە ئالاقىسى بولمىغان بىرخىل شەكىل. مەسىلەن، سۇيۇقلۇق قاچىلانغان بوتۇلكىنىڭ مەزمۇن بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋىتى يوق. بوتۇلكىغا سۇنىمۇ، ھاراقنىمۇ، ياغنىمۇ قاچىلىغىلى بولىدۇ. ئىچكى شەكىل مەزمۇن بىلەن بىۋاسىتە ئالاقىسى بولغان بىرخىل شەكىل، يەنى ئىچكى قۇرۇلمىدۇر. مەسىلەن، سۇ، ھاراق، ياغلارنىڭ ئوخشاشمىغان مولېكۇلا قۇرۇلما شەكلى سۇ، ھاراق، ياغلارنىڭ مەزمۇنى بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ.
مەزمۇن بىلەن شەكىل قارىمۇ قارشىلىقنىڭ بىرلىكى مۇناسىۋىتىدىن ئىبارەت. ھەرقانداق مەزمۇن مۇئەييەن شەكىلدە مەۋجۇت بولىدۇ، ھەرقانداق شەكىلمۇ مۇئەييەن مەزمۇنغا ئىگە بولىدۇ، مۇئەييەن شارائىتتا مەزمۇن بىلەن شەكىل ئېنىق پەرقلىنىدۇ، ئىككىسىنى ئارىلاشتۇرۇۋېتىشكە بولمايدۇ. مۇنداق قارىمۇقارشىلىقنىڭ بىرلىكى مۇناسىۋىتى مەزمۇن شەكىلنى بەلگىلەيدىغانلىقى، شەكىل مەزمۇن ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغانلىقىدا ئىپادىلىنىدۇ. بىر تەرەپتىن، قانداق مەزمۇن بولسا شۇنداق شەكىل بولىدۇ، ئوخشاشمىغان مەزمۇنلار ئوخشاشمىغان شەكىللەرگە ئېھتىياجلىق بولىدۇ. مەسىلەن، مارش كۈچلۈك ۋە مەردانە، لىرىكا لەرزان ۋە يېقىملىق بولىدۇ. مەزمۇن ئۆزگەرسە، شەكىلمۇ يا بالدۇر، يا كېيىن ئۆزگىرىدۇ، جانلىقلار ئەزالىرىنىڭ فورمىسى بىلەن فۇنكسىيىسى ئىچىدە، فۇنكسىيىسى مەزمۇن، ئەزالارنىڭ فورمىسى شەكىل بولىدۇ. تۆگىقۇش ئۇچۇش قابىلىيىتىنى يوقاتقانلىقى ئۈچۈن، قانىتى شۇنىڭغا ئەگىشىپ رودىمېنتلىشىپ كەتكەن. يەنە بىر تەرەپتىن، شەكىلنىڭ مەزمۇنغا ئەكس تەسىرىمۇ بولىدۇ. مەزمۇنغا ماس شەكىل مەزمۇننى تولۇق ئىپادىلەيدۇ ۋە مەزمۇننىڭ تەرەققىي قىلىشى ئۈچۈن ئاكتىپ ئىلگىرى سۈرۈش رولىنى ئوينايدۇ؛ ئەكسىچە بولغاندا توسقۇنلۇق قىلىش رولىنى ئوينايدۇ. يولداشلار ئارا تەنقىدتە ئىتتىپاقلىق ئارزۇسى چىقىش قىلىنسا، ئۇسۇلمۇ توغرا بولسا، تەنقىدلەنگۈچى ئاسان قوبۇل قىلىدۇ؛ ئەكسىچە، تىلى ئۆتكۈر، پوزىتسىيە قاتتىق بولسا، پىكىر ھەرقانچە توغرا بولسىمۇ، تەنقىدلەنگۈچى ئاسان قوبۇل قىلمايدۇ، شۇنىڭ بىلەن شەكىل مەزمۇننى زىيانغا ئۇچرىتىدۇ.
مەزمۇن بىلەن شەكىلنىڭ مۇناسىۋىتى مۇرەككەپ بولىدۇ. بىرخىل مەزمۇن كۆپ ھاللاردا كۆپ خىل شەكىلدە ئىپادىلىنىدۇ. قەھرىمانلىق ئىشلىرى تېما قىلىنغان بەدىئىي ئەسەرنىڭ كىنو، پرويېكسىيىلىك دېتال، دراما، ھېكايە، شېئىر، چاتما رەسىم قاتارلىق شەكىللىرى بولۇشى مۇمكىن. بۇ خىل شەكىلمۇ كۆپ خىل مەزمۇننى ئىپادىلەيدۇ. ھېكايىدىن ئىبارەت شەكىلدە ئۇرۇش، رازۋېدكا، ئىلمىي فانتازىيە قاتارلىق ھەرخىل تېمىلارنى يازغىلى بولىدۇ.
بىز مەسىلىلەرنى كۆزەتكەن ۋە بىر تەرەپ قىلغاندا، ئاۋۋال شەيئىنىڭ مەزمۇنىغا دىققەت قىلىپ، مەزمۇنغا ئاساسەن شەكىلنى تاللىشىمىز، شەكىلنىلا تەكىتلەپ مەزمۇنىغا سەل قارايدىغان شەكىلۋازلىققا قارشى تۇرۇشىمىز، شۇنىڭ بىلەن بىللە شەكىلنىڭ رولىغىمۇ سەل قارىماي، ھەر خىل شەكىللەرنى مەزمۇن ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇشقا ماھىر بولۇشىمىز لازىم.