UyghurWiki
UyghurWikiئىنساننىڭ بىلىش قانۇنىيىتىسەۋەب ۋە نەتىجە

سەۋەب ۋە نەتىجە

ئىنسانلارنىڭ بىلىش قانۇنىيىتى «شامال چىقمىسا دەرەخ لىڭشىمايدۇ»، ھەرقانداق ھادىسىنىڭ سەۋەبى بولماي قالمايدۇ، نەتىجىسى بولمايمۇ قالمايدۇ، بىرەر ھادىسىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ھادىسە سەۋەب، بىرەر ھادىسىدىن كېلىپ چىققان ھادىسە نەتىجە بولىدۇ. سۈركىلىشتىن ئىسسىقلىق ھاسىل بولىدۇ، بۇ يەردە سۈركىلىش سەۋەب، ئىسسىقلىق نەتىجە. سەۋەب بىلەن نەتىجە مۇناسىۋىتىنىڭ روشەن ئىككى خۇسۇسىيىتى بار: بىرى، سەۋەب ئالدىدا، نەتىجە كەينىدە بولۇپ، ئۇلار ئىلگىرى - كېيىنلىك مۇناسىۋىتىدە بولىدۇ. قوڭغۇراقنى چالغاندىن كېيىن ئاۋازى چىقىدۇ، ئاۋازى چىققاندىن كېيىن چالىدىغان ئىش يوق. يەنە بىرى، سەۋەب - نەتىجە مۇناسىۋىتى مۇقەررەر مۇناسىۋەت، مۇئەييەن سەۋەب مۇئەييەن نەتىجىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. يۇقىرىدىكى ئىككى نۇقتا بىرلا ۋاقىتتا ھازىرلانغاندىلا، سەۋەب - نەتىجە مۇناسىۋىتى بولىدۇ. كۈندۈز بىلەن كېچە كەلتۈرۈپ چىقىرىش - كەلتۈرۈپ چىقىرىلىش مۇناسىۋىتىدە ئەمەس، ئىلگىرى - كېيىنلىك مۇناسىۋىتىدە بولىدۇ، شۇڭا بۇ ئىككىسىنىڭ مۇناسىۋىتى سەۋەب - نەتىجە مۇناسىۋىتى ئەمەس. «ئارىلىق = تېزلىك × ۋاقىت» فورمۇلىسى بىر مۇقەررەر مۇناسىۋەتنى ئىپادىلەيدۇ. بىراق، ئۇ ئىلگىرى - كېيىنلىك مۇناسىۋىتىدە بولمىغانلىقتىن، ئۇلار ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتمۇ سەۋەب - نەتىجە مۇناسىۋىتىگە كىرمەيدۇ. سەۋەب بىلەن نەتىجە قارىمۇقارشىلىقنىڭ بىرلىكى مۇناسىۋىتىدىمۇ بولىدۇ. سەۋەب - نەتىجە ئوتتۇرىسىدىكى قارىمۇقارشىلىق مۇئەييەن دائىرىدە ۋە مۇئەييەن مۇناسىۋەت ئىچىدە سەۋەب بىلەن نەتىجە كەسكىن پەرقلىنىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. سەۋەب - نەتىجە مۇناسىۋىتىدىكى ئىككى شەيئىدىن سەۋەبى سەۋەب، نەتىجىسى نەتىجە. يەر شارىنىڭ ئۆز ئوقىدا ئايلىنىشى سەۋەب، يەر شارىدىكى كېچە - كۈندۈزنىڭ ئالمىشىشى نەتىجە، بۇ يەردە ھەرگىز سەۋەب نەتىجە، نەتىجە سەۋەب بولمايدۇ. سەۋەب - نەتىجىنىڭ بىرلىكى ئىككىسىنىڭ ئۆزئارا بېقىنىدىغانلىقى، بىر - بىرىگە ئايلىنىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. سەۋەبسىز نەتىجە بولمايدۇ، نەتىجىسىز سەۋەبمۇ بولمايدۇ. بىرەر ھادىسە مۇئەييەن شارائىتتا سەۋەب بولسا، باشقا بىر خىل شارائىتتا نەتىجە بولىدۇ. مىلتىق زاتۋورىنىڭ تەپكىسى پىستانغا ئۇرۇلۇشى بىلەن پىستان چېقىلىدۇ. پىستاننىڭ چېقىشى بىلەن مىشەكنىڭ ئىچىدىكى پوروخ (مىلتىق دورىسى) پارتلايدۇ. پوروخنىڭ پارتلىشى بىلەن ئوق ئوقلۇقتىن ئېتىلىپ چىقىدۇ، ئوق ئېتىلىپ چىقىپ دۈشمەننىڭ يۈرىكىگە تېگىدۇ ... ، سەۋەب - نەتىجىنىڭ بۇ زەنجىرسىمان مۇناسىۋىتى سەۋەب بىلەن نەتىجىنىڭ بىر - بىرىگە ئايلىنىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ. ئوبيېكتىپ شەيئىلەرنىڭ مۇناسىۋىتى مۇرەككەپ بولغانلىقتىن، سەۋەب - نەتىجە مۇناسىۋىتىمۇ خىلمۇ خىل بولىدۇ. نۇرغۇن ئەھۋاللاردا سەۋەب بىلەن نەتىجە بىر - بىرىگە تەسىر قىلىپ، ئۆزئارا سەۋەب - نەتىجە پەيدا بولىدۇ، مەسىلەن، ئىشلەپچىقىرىشنىڭ تەرەققىي قىلىشى پەن - تېخنىكىنى ئالغا باستۇرىدۇ، پەن - تېخنىكىنىڭ ئالغا بېسىشىمۇ ئىشلەپچىقىرىشنى تەرەققىي قىلدۇرىدۇ. بەزىدە كۆپ خىل سەۋەب بىرلا نەتىجىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، يەنى كۆپ سەۋەبلىك نەتىجە ھادىسىسى يۈز بېرىدۇ، مەسىلەن، زۇكام كۆپ خىل ۋىروسلار بىلەن يۇقۇملىنىشتىن كېلىپ چىقىدۇ؛ بەزىدە بىر سەۋەب كۆپ خىل نەتىجىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، يەنى كۆپ نەتىجىلىك سەۋەب ھادىسىسى يۈز بېرىدۇ، مەسىلەن، يەر تەۋرەشتىن ئۆيلەر گۈمۈرۈلۈش، ئادەم ئۆلۈش، ئىشلەپچىقىرىش توختاش قاتارلىق نۇرغۇن ئاپەتلىك نەتىجىلەر كېلىپ چىقىدۇ. سەۋەب - نەتىجە مۇناسىۋىتى قائىدىسى بىزگە شۇنى ئۇقتۇرىدۇكى، خىزمەتلەرنى خۇلاسىلىگەندە، نەتىجىلەرنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، يېتەرسىزلىكلەرنى يېڭىش ئۈچۈن، ئۇتۇق ۋە ئوڭۇشسىزلىقلارنىڭ سەۋەبىنى نۇقتىلىق تېپىپ چىقىش، شۇنىڭدەك، بىرەر ھەرىكەتنى قىلىشتىن ئىلگىرى ئاقىۋىتىنى مۆلچەرلەش، قايتا - قايتا ئويلىنىش كېرەك.
← بارلىق تېمىلار ئىنساننىڭ بىلىش قانۇنىيىتى