UyghurWiki
UyghurWikiئىنساننىڭ بىلىش قانۇنىيىتىتاسادىپىيلىق ۋە مۇقەررەرلىك

تاسادىپىيلىق ۋە مۇقەررەرلىك

ئىنسانلارنىڭ بىلىش قانۇنىيىتى ئوبيېكتىپ شەيئىلەرنىڭ تەرەققىياتى جەريانىدا تاسادىپىي ئامىللارمۇ، مۇقەررەر ئامىللارمۇ بولىدۇ. تاسادىپىيلىق ئوبيېكتىپ شەيئىلەرنىڭ تەرەققىياتى جەريانىدا كۆرۈلۈشىمۇ، كۆرۈلمەسلىكىمۇ مۇمكىن بولغان، مۇنداق كۆرۈلۈشىمۇ، ئانداق كۆرۈلۈشىمۇ مۇمكىن بولغان ھادىسىدۇر، ئۇنى شەيئىنىڭ تاشقى، ماھىيەتلىك بولمىغان سەۋەبلىرى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. مۇقەررەرلىك شەيئىنىڭ تەرەققىياتىدا ساقلىنىش مۇمكىن بولمىغان، جەزمەن كۆرۈلىدىغان يۈزلىنىشتۇر، ئۇنى شەيئىنىڭ ماھىيىتى بەلگىلەيدۇ. مەسىلەن، «تاۋۇز تېرىساڭ تاۋۇز ئالىسەن، قوغۇن تېرىساڭ قوغۇن ئالىسەن» — مۇقەررەرلىك، ئۇنى تاۋۇز ۋە قوغۇننىڭ ئىرسىي ئامىللىرى بەلگىلەيدۇ؛ ئەمما ھەربىر پېلەكتە چۈشىدىغان تاۋۇز ۋە قوغۇن تاسادىپىي بولىدۇ. ئۇنى تۇپراق، ھاۋا تېمپېراتۇرىسى، سۇ، ئوغۇت قاتارلىق تاشقى شەرتلەر بەلگىلەيدۇ. تاسادىپىيلىق بىلەن مۇقەررەرلىك قارىمۇ قارشىلىقنىڭ بىرلىكى. بۇ ئىككىسىنىڭ شەيئىلەر تەرەققىيات جەريانىدىكى ئورنى ۋە رولى ئوخشاشمايدۇ. مۇقەررەرلىك شەيئىلەر تەرەققىياتىدا ھۆكۈمران ئورۇندا بولۇپ، شەيئىلەر تەرەققىياتىنىڭ ئىستىقبالى ۋە يۆنىلىشىنى بەلگىلەش رولىنى ئوينايدۇ؛ تاسادىپىيلىق بېقىنغۇچى ئورۇندا بولۇپ، شەيئىلەر تەرەققىياتىنى تېزلىتىش ياكى ئاستىلىتىش رولىنىلا ئوينايدۇ. ھالبۇكى، بۇ ئىككىسى يەنە ئۆزئارا ئالاقىدار بولۇپ، بىر - بىرىگە بېقىنىدۇ. مۇقەررەرلىك تاسادىپىيلىقنىڭ ئاساسى ۋە ئۇنى بەلگىلىگۈچى كۈچ، تاسادىپىيلىقنىڭ كەينىگە مۇقەررەرلىك يوشۇرۇنغان؛ مۇقەررەرلىك نۇرغۇن تاسادىپىيلىقلار ئارقىلىق ئىپادىلىنىدۇ، تاسادىپلىق مۇقەررەرلىكنىڭ ئىپادىلىگۈچىسى ۋە تولۇقلىغۇچىسى. ئىلىم - پەن ساھەسىدىكى زور كەشپىياتلارنى ئەمەت ئەمەس، سەمەت كەشىپ قىلغانلىقى كەشپىياتنىڭ ئۆزىگە قارىتا بىرخىل تاسادىپىيلىق. بىراق، ئىنسانلارنىڭ ئۇنى بەرىبىر كەشىپ قىلىدىغانلىقى، ئىختىرا قىلىدىغانلىقى مۇقەررەرلىك. تاسادىپىيلىق بىلەن مۇقەررەرلىك مۇئەييەن شارائىتتا بىر - بىرىگە ئۆزگىرىدۇ. «تۈكلۈك بالا» ھادىسىسى ئىنسانلارنىڭ قەدىمكى ئادەمسىمان مايمۇنلۇق دەۋرىدە مۇقەررەرلىك ئىدى، بۈگۈنكى كۈندە ئۇ بىر تاسادىپلىق. پەننىڭ ۋەزىپىسى ھەرخىل تاسادىپىيلىقلار ئارقىلىق ئوبيېكتىپ شەيئىلەر تەرەققىياتىنىڭ مۇقەررەرلىكىنى ئېچىپ بېرىشتىن ئىبارەت. كىشىلەر ئەمەلىي پائالىيىتى جەريانىدا، شەيئىلەر تەرەققىياتىنىڭ مۇقەررەر قانۇنىيىتىنى تىرىشىپ بايقىشى ۋە شۇ بويىچە ئىش كۆرۈشى، ئۈمىدىنى ھەرگىز تاسادىپىيلىقلارغا باغلىماسلىقى كېرەك، شۇنىڭ بىلەن بىللە ھەرخىل تاسادىپىي ئامىللارنى بايقاش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشقىمۇ ماھىر بولۇشى، بارلىق پايدىلىق ئامىللاردىن پايدىلىنىپ، شەيئىلەر تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك.
← بارلىق تېمىلار ئىنساننىڭ بىلىش قانۇنىيىتى
تاسادىپىيلىق ۋە مۇقەررەرلىك | UyghurWiki | UyghurWiki