UyghurWiki
UyghurWikiئىنساننىڭ بىلىش قانۇنىيىتىشەخس ۋە ئامما

شەخس ۋە ئامما

ئىنسانلارنىڭ بىلىش قانۇنىيىتى خەلق تارىخنىڭ ياراتقۇچىسى، ھەرقانداق قەھرىمان ئامما ئارىسىدىن چىقىدۇ ھەم ئاممىنىڭ مەنپەئىتىگە ۋەكىللىك قىلغاندىلا قەھرىمانغا ئايلىنالايدۇ. ئاممىنىڭ قوللىشى بولمىسا، ئۇ بىر غېرىب - غۇرۋا ئادەمدىنلا ئىبارەت. بۇ شەخس بىلەن ئامما مۇناسىۋىتىنىڭ پەلسەپىۋى قائىدىسىدۇر. ھەرقانداق دەۋر ۋە جەمئىيەتتە خەلق جەمئىيەتنىڭ ماددىي ۋە مەنىۋى بايلىقلىرىنى ياراتقۇچى. ئۇلار ھەرخىل قوراللارنى ياساپ، جەمئىيەتنى ئىشلەپچىقىرىش سايمانلىرى بىلەن تەمىنلەپلا قالماي، ئىنسانلارنى تۇرمۇش ماتېرىياللىرى بىلەنمۇ تەمىنلەيدۇ. ئۇلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئەمگىكى جەمئىيەت مەۋجۇتلۇقىنىڭ ئاساسى، كىشىلەرنىڭ باشقا پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىشىنىڭ ئالدىنقى شەرتى، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى. ھەرقانداق قەھرىمان ئاممىدىن ئايرىلسىلا ھېچنېمە قىلالمايدۇ. تارىخىي ماتېرىيالىزم شەخسنىڭ تارىختىكى رولىنىمۇ ئېتىراپ قىلىدۇ. كىشىلەر ئاتوم ئېنېرگىيىسى ئىلمىنى تىلغا ئالسىلا، كيۇرى خانىم يادىغا يېتىدۇ؛ پار ماشىنىسىنى تىلغا ئالسىلا، ۋات ئېسىگە كېلىدۇ؛ سوتسىيالىزم، كوممۇنىزمنى تىلغا ئالسىلا، ماركسنى ئويلايدۇ. بۇ، مەشھۇر تارىخىي شەخسلەرنىڭ جەمئىيەت تەرەققىياتىدا مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ. ئۇلار قانچە كۆپ ئاممىغا ۋەكىللىك قىلسا، قانچە كۆپ ئاممىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشسە، ئۇلارنىڭ تارىختىكى رولى شۇنچە چوڭ بولىدۇ. تاڭ سۇلالىسىنىڭ تەيزۇڭ پادىشاھىنىڭ ۋەزىرى ۋېي جېڭ ھۆكۈمرانلارنى «كېمە» گە، خەلقنى «سۇ» غا ئوخشىتىپ، «سۇ كېمىنى كۆتۈرۈپمۇ تۇرالايدۇ، ئاغدۇرۇپمۇ ئېتەلەيدۇ» دېگەن. ئۇنىڭ گېپى تولىمۇ يوللۇق بولغاچقا، تاڭ تەيزۇڭ ئۇنى قوبۇل قىلغان. تاڭ تەيزۇڭدەك مۇشۇنداق دانا پادىشاھمۇ ئۆز تەقدىرىنى ئامما بەلگىلەيدىغانلىقىنى تونۇپ يەتكەن.
← بارلىق تېمىلار ئىنساننىڭ بىلىش قانۇنىيىتى
شەخس ۋە ئامما | UyghurWiki | UyghurWiki