UyghurWiki
UyghurWikiئىنساننىڭ بىلىش قانۇنىيىتىئەمەلىيەت بىلىشنى بەلگىلەيدۇ

ئەمەلىيەت بىلىشنى بەلگىلەيدۇ

ئىنسانلارنىڭ بىلىش قانۇنىيىتى بۇرۇننىڭ بۇرۇنىسىدا كىشىلەر قىسقۇچپاقىنى ئۆمۈچۈككە ئوخشاش ھايۋان، يېگىلى بولمايدۇ دەپ قارىغان. كېيىن بىرەيلەن بۇنىڭغا ئىشەنمەي، قىسقۇچپاقىدىن بىر نەچچىنى تۇتۇپ پىشۇرۇپ يەپ بېقىپ، تولىمۇ لەززەتلىك ئىكەنلىكىنى ھېس قىلغان. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن، قىسقۇچپاقا زىياپەت ئۈستىلىدىكى ئېسىل نازۇ نېمەتكە ئايلانغان، بۇ مىسال ئادەمنىڭ بىلىشى قۇرۇق خىيالدىن ئەمەس، ئەمەلىيەتتىن كېلىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ. ئەمەلىيەت كىشىلەرنىڭ ئوبيېكتىپ دۇنيانى ئۆزگەرتىدىغان ئىجتىمائىي پائالىيىتىدۇر. ئۇ ھايۋانلارنىڭ ئادەتتىكى پائالىيىتىگە ئوخشاشمىغان ھالدا، ئوبيېكتىپ دۇنيانى مەقسەتلىك ئۆزگەرتىدىغان پائالىيەت. ئەمەلىيەت بىر ئادەمنىڭ يەككە پائالىيىتى ئەمەس، بەلكى مۇئەييەن ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتلەر ۋە مۇئەييەن تارىخىي شارائىتلار ئاستىدا ئېلىپ بېرىلىدىغان ئىجتىمائىي - تارىخىي پائالىيەتتۇر. ئەمەلىي پائالىيەتنىڭ شەكلى كۆپ. مەسىلەن، ئىشچىلار ئىش قىلىدۇ، دېھقانلار يەر تېرىيدۇ، ئالىملار تەجرىبە قىلىدۇ، دوختۇر كېسەل كۆرىدۇ ۋە باشقىلار. ئىشلەپچىقىرىش پائالىيىتى ئەڭ ئاساسىي ئەمەلىي پائالىيەت، ئۇ باشقا ئەمەلىي پائالىيەتلەرنى بەلگىلەيدۇ. ئەمەلىيەت بىلىشنىڭ ئاساسى، بىلىش ئەمەلىيەتكە تايىنىدۇ، ئەمەلىيەت بىلىشكە قارىتا ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدۇ. ئەمەلىيەت بىلىشنىڭ مەنبەسى. كىشىلەر ئەمەلىي پائالىيەت جەريانىدا سەزگۈ ئەزالىرى ئارقىلىق ئوبيېكتىپ شەيئىلەر بىلەن ئۇچراشقاندا، ئوبيېكتىپ شەيئىلەر كىشىلەرنىڭ مېڭىسىدە ئەكس ئېتىپ، ئوبيېكتىپ شەيئىلەر ۋە ئۇلار ھەققىدىكى تونۇش شەكىللىنىدۇ. كىشىلەر يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ئەمەلىيىتى جەريانىدا، زىرائەتلەرنىڭ ئۆسۈشىنىڭ پەسىل، كىلىمات قاتارلىق تەبىئىي شارائىتلار بىلەن مۇناسىۋىتىنى تونۇپ، يېزا ئىگىلىك، ئاسترونومىيە، جانلىقلار ھەققىدىكى تونۇشقا ئىگە بولغان؛ كىشىلەر يەر ئۆلچەش، جىسىملارنى ئۆلچەش قاتارلىق ئەمەلىي پائالىيەت جەريانىدا، شەيئىلەرنىڭ سانلىق مۇناسىۋەتلىرىنى تونۇپ، ماتېماتىكا جەھەتتىكى بىلىملەرگە ئېرىشكەن. ئەمەلىي پائالىيەت جەريانىدا ئوبيېكتىپ شەيئىلەر بىلەن ئۇچرىشىش بىلىشنىڭ ھالقىسىدۇر. ئادەم ئەمەلىي پائالىيەتتىن ئايرىلسا، ئوبيېكتىپ شەيئىلەر بىلەن ئۇچرىشىشنى رەت قىلسا، ھېچقانداق بىلىمگە ئېرىشەلمەيدۇ. ھەقىقىي بىلىملەرنىڭ ھەممىسى ئەمەلىيەتتىن كېلىدۇ. ئەمەلىيەت بىلىش تەرەققىياتىنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى. ئەمەلىيەت ئۈزلۈكسىز ھالدا يېڭى تېمىلارنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ، يېڭى تەجرىبە ماتېرىياللىرىنى توپلايدۇ، يېڭى بىلىش قورالى ۋە تېخنىكا ۋاسىتىسى بىلەن تەمىنلەيدۇ، ئەمەلىيەت جەريانىدا ئادەمنىڭ تەپەككۇر قابىلىيىتىمۇ چېنىقىدۇ ۋە يۈكسىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئىنسانلارنىڭ بىلىشى توختىماي تەرەققىي قىلىدۇ. ئىنسانلارنىڭ بىلىشىنىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىشى ۋە بۇنىڭدىن ئېرىشىلگەن مول نەتىجىلەر تېگى - تەكتىدىن ئېيتقاندا، بىرەر كىشىنىڭ ئىلمىي قىزىقىشى، ئىلھامى، بىلىم ئېلىش ئىستىكى ۋە ھەۋىسى قاتارلىق سۇبيېكتىپ خاھىشىدىن بارلىققا كەلگەن ئەمەس، بەلكى ئىجتىمائىي ئەمەلىيەت تەرەققىياتىنىڭ مۇنبەت تۇپرىقىغا چوڭقۇر يىلتىز تارتقان بولىدۇ. ئەمەلىيەت بىلىشنىڭ توغرا - خاتالىقىنى تەكشۈرۈشنىڭ بىردىنبىر ئۆلچىمى. كىشىلەرنىڭ ئەمەلىيەت جەريانىدا ئېرىشكەن بىلىمى ئوبيېكتىپ ئەمەلىيەتنى توغرا ئەكس ئەتتۈرگەن - ئەتتۈرمىگەنلىكى، ھەقىقەت ئىكەنلىكى ياكى ئەمەسلىكىنى پەقەت ئەمەلىيەت ئارقىلىقلا تەكشۈرگىلى بولىدۇ. بارلىق ئىدىيە، نەزەرىيە ۋە تالاش - تارتىشلارنىڭ توغرا - خاتالىقىغا ئاخىرىدا ئەمەلىيەت ئارقىلىقلا ھۆكۈم قىلغىلى بولىدۇ. پاكىت مۇنازىرىدىن ئۈستۈن، «گېپىگە قارىماي ئىشىغا قارا» دېگەن سۆز مۇشۇ ھەقىقەتنى چۈشەندۈرىدۇ. ئەمەلىيەت بىلىشنىڭ مەقسىتى. ئەمەلىيەت ئاساسىدا ھاسىل بولغان ۋە تەرەققىي قىلغان بىلىش يەنە ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىدۇ. بارلىق ئىلمىي نەزەرىيىلەر ئاقىۋەت ئەمەلىيەت ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ. نەزەرىيىنى ئىشلەتمەي، تاختىۋېشىغا ئېلىپ قويسا، ھەرقانچە ياخشى نەزەرىيە بولسىمۇ ئەھمىيىتى بولمايدۇ. بىلىشنىڭ ھاسىل بولۇشى، تەرەققىي قىلىشى ۋە ئىشلىتىلىش ئورنى ئىجتىمائىي ئەمەلىيەتتىن ئايرىلمايدۇ. ئەمەلىيەت نۇقتىئىنەزىرى بىلىش نەزەرىيىسىنىڭ تۇنجى ۋە تۈپ نۇقتىئىنەزىرىدۇر.
← بارلىق تېمىلار ئىنساننىڭ بىلىش قانۇنىيىتى
ئەمەلىيەت بىلىشنى بەلگىلەيدۇ | UyghurWiki | UyghurWiki